شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يېشىل سەددىچىن سېپىلىنى داۋاملىق ئۇزارتىش ئۈچۈن
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىز

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنى، بۇ يىللىق باش تېمىسى دىققەتنى تېرىلغۇ يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چۆللىشىش ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئېلاستىكلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك.

2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، «تىرىشىپ يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يېڭى مۆجىزىسىنى يارىتىش»نى تەكىتلىدى، «تىرىشىپ ئون يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ <ئۈچ شىمال> قۇرۇلۇشى بويىچە بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىر يىلدىن بۇيان، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى چۆللىشىشنى تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلىپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان يېشىللىق ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگرىسىدا ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

كۆپچىلىك بىرلىشىپ يوقىتىش جېڭى قىلىش

6 - ئاي ئوتتەك ئىسسىپ كەتكەنىدى. ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە كۆچمە قۇم بارخىنىنىڭمۇ ئوت - چۆپ كاتەكچىسى تەرىپىدىن مەھكەم قاپسالغانلىقىنى كۆرۈپ، نىڭشيا ۋۇجۇڭ شەھىرى يەنچى ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈن گونىڭ ھاردۇقى چىقىپ، ئۇنىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان تەشۋىشلەنگەن كۆڭلى ئاخىر ئارامىغا چۈشتى.

بۇ قۇملۇق نىڭشيا بىلەن ئىچكى موڭغۇلدىن ئىبارەت ئىككى جاينى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ماۋۋۇسۇ قۇملۇق يېرىگە تەۋە ئىدى.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، يەنچى ناھىيەسىدە قۇملاشقان يەر كۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %82تىن ئېشىپ كەتكەنىدى. بىر كېچە قارا بوران چىقسا، قۇم شېغىللار ئۆينىڭ ئۆگىزىسى بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتە دۆۋىلىنىپ كېتەتتى. ئون نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ناھىيە بويىچە 2 مىليون مودىن ئارتۇق ئېغىر دەرىجىدە قۇملاشقان يەر قايتىدىن يېشىللىققا پۈركەندى، پەقەت ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس شەھىرى ئوتوك ئالدىنقى خوشۇنى بىلەن پاسىل بولغان بۇ قۇم بارخانلىرىلا تېخى تىزگىنلەنمىگەن بولۇپ، بۇ قاقاسلىق سۈن گونىڭ «كۆڭۈل ئاغرىقى» بولۇپ قالغانىدى.

«قىيىن بولغىنى، قۇم بارخانلىرى ئۆلكە ھالقىپ كەتتى.» سۈن گو مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قۇمنى تىزگىنلەشتە ھەمىشە مەمۇرىي رايون بىرلىك قىلىنىدىغان بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تەۋەسىنى تىزگىنلىگەچكە، بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ پاسىلىدا ئەكسىچە ئوڭايلا ئورمان، ئوتلاق بەلبېغى ئۈزۈلۈپ قالىدىغان قارىغۇ نۇقتا شەكىللىنىپ قالاتتى، كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما قۇمنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر يېتىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن نۇقتا بولۇپ قالغانىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: رايونلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي رايون پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قۇملۇقنىڭ چېتى بىلەن ئىچكىرىسىنى، شامال چىقىش ئېغىزى بىلەن شامال ئۇرۇلۇش ئېغىزىنى، قۇملۇق مەنبەسى رايونى بىلەن يول بويى رايونىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يولغا قويۇپ، نۇقتا، لىنىيە، دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت تورى بەرپا قىلىش كېرەك.

بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش! بۇلتۇر 10 - ئايدا، شەنشى، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيادىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە، ئىككى ئاپتونوم رايوندىكى بەش جاي «ماۋۋۇسۇ قۇملۇق يېرىدە رايونلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى ئورتاق ئىمزالاپ، يالغۇز كۈرەش قىلىشنى ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق ئىلگىرىلەشكە ئايلاندۇرۇپ، تۆت ئەتراپتىن مەركەزگە قاراپ تور توقۇپ قۇمنى قامال قىلدى.

كېلىشىم ئىمزالىنىپ ئىككىنچى ئېيىدا، يەنچى ناھىيەسى ئوتوك ئالدىنقى خوشۇنى بىلەن «قوش يۆنىلىشتە ئاتلاندى.» يەنچى ناھىيەسى مەبلەغ سېلىپ تىزگىنلىگەن 3000 مودىن ئارتۇق قۇملۇق يەردىكى قۇرۇلۇش تېخى يېقىندا تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 1000 مودىن ئارتۇق يەر ئوتوك ئالدىنقى خوشۇنى تەۋەسىدە ئىدى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ئوتوك ئالدىنقى خوشۇنى ماۋۋۇسۇ قۇملۇق يېرى ئىچكى موڭغۇل - شەنشى - نىڭشيا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئېرداۋچۇەن مەشغۇلات رايونىدا، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلار قۇملۇق سۆگىتى تىكىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، شامال چىقىش ئېغىزىدا ئايرىپ تۇرۇش بەلبېغىنى تېز سۈرئەتتە بەرپا قىلىۋاتاتتى.

سۈن گو مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: يەنچى ناھىيەسىنىڭ قۇم تىزگىنلەش ئەترىتى ئىچكى موڭغۇلغا ئەمدىلا كىرگەندە، تېخى بىر بۆلەك «ئۇقۇشماسلىق» يۈزبەرگەنىدى. بەزى كەنت ئاھالىلىرى يەر پاسىلى ماجىراسى يۈزبېرىشتىن ئەنسىرەپ، ئىشچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ توسۇپ: «بۇ بىزنىڭ يېرىمىز، قۇمنى تىزگىنلەپلا سىلەرنىڭ بولۇپ قالماس ھە؟» دېدى. ئىككى جايدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى سەۋرچانلىق بىلەن ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ: «يەر ئەلۋەتتە يەنىلا ھەرقايسىمىزنىڭ، لېكىن قۇم ئاپىتى ئالدىدا سېنىڭ - مېنىڭ دەپ ئايرىماي، كۆپچىلىك بىرلىشىپ يوقىتىش جېڭى قىلايلى، مۇھىت ياخشىلانسا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ياخشى بولىدۇ» دېدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى جاينىڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرى چارۋا بېقىشنى ئورتاق چەكلەپ، تەستە قولغا كەلگەن تۈزەش نەتىجىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش، قوغداش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

«ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ماسلاشتۇرۇپ تۈرتكە بولۇشىدا، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش يېڭى ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى: خۇاڭخې دەرياسى «几خەتلىك ئەگمە» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ رايونى ماۋۋۇسۇ قۇملۇق يېرىنى چۆرىدەپ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپلا قالماي، گەنسۇ بىلەن ئىچكى موڭغۇل تۆت چوڭ توسۇپ زەربە بېرىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بادەنجىلىن قۇملۇقى بىلەن تېڭگېر قۇملۇقىنىڭ تۇتىشىپ كېتىشىنى توستى، چىڭخەي، گەنسۇ، شىنجاڭمۇ ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق قۇم - بوران ئېغىزلىرىنى چۆرىدەپ توسۇپ زەربە بېرىش نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلدى.

كۆچەتلەرنىڭ يېڭى سورتىنى قۇملۇقتا يىلتىز تارتقۇزۇش

ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر شەھىرى خاڭجىن كېيىنكى خوشۇنى قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە يېڭى سورتلۇق كۆچەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا 400 مودىن ئارتۇق يەردىكى ئوت - چۆپ كاتەكچىسى ئىچىدە، تىكىلگىنىگە ئىككى ئايدىن كۆپرەك بولغان قۇم قامچىئوتى، تۆت قاناتلىق لويلىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئېگىزلىكى 40 سانتىمېتىر ئەتراپىغا يەتكەن بولۇپ، يان شاخلىرى ئۆسۈپ چىقىپ، ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

خاڭجىن كېيىنكى خوشۇنى قۇم تىزگىنلەش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ياڭ رۇي تېخنىكلارنىڭ يېڭىلا يۆتكەپ كېلىنگەن يۇمران كۆچەتلەرنى تىكىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى: «كۆچەت تىككەندە چوقۇم يېتەرلىك دەرىجىدە چوڭقۇر كولاش، كۆچەت مايسىسىنى تۈز يۆلەش، توپىنى دەسسەپ چىڭداش، يېتەرلىك سۇغىرىش كېرەك، تۆت ئەتراپتىن سۇ قۇيغاندىلا، ئاندىن نەملىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ».

«بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز كىرگۈزگەن يېڭى سورت، بەكمۇ ئەتىۋارلىق!» ياڭ رۇي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قىسمەن جايلاردا نىڭتياۋدىن ئىبارەت بىرلا خىل دەرەخ تىكىلگەنىدى، نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ دەرەخلەر مەركەزلىك ھالدا «پېنسىيە مەزگىلى»گە كىرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆستۈرۈلگەن ئەنئەنىۋى چاتقال سورتىنىڭ شورغا چىدامچانلىقى، قۇرغاقچىلىققا چىدامچانلىقى كۈچلۈك ئەمەس، ئەي بولۇش نىسبىتى تۆۋەن ئىدى.

«قېرىغان، چېكىنگەن بىر قىسىم قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقاچقا، ئەسلىدە تىزگىنلىنىپ تۇراقلاشتۇرۇلغان قۇم بارخانلىرى يەنە كۆچۈشكە باشلىدى، بىز پەقەت ھەر يىلى بوش قالغان، ئۈزۈلۈپ قالغان جايلارغا تولۇقلاپ تىكتۇق، لېكىن تولۇقلاش سۈرئىتى چېكىنىش سۈرئىتىگە يېتىشەلمىدى، ھەر ۋاقىت قۇملىشىشنىڭ قايتا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتۇق» دېدى ياڭ رۇي.

نېمىنى تىكىش، قانداق تىكىش، قەيەرگە تىكىشنىڭ ھەممىسى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك» «يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئىلمىي تاللاپ، ئورمان، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تىپى ۋە زىچلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك».

بۇلتۇر 8 - ئايدا، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر شەھىرى دېڭكوۋ ناھىيەسىگە جايلاشقان جۇڭگو ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇملۇق ئورمانچىلىق تەجرىبە مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ قۇرۇلدى، ئۇنىڭغا دۆلەت ئىچىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ساھەسىدىكى ئەۋزەل پەن تەتقىقات كۈچلىرى توپلاندى. خاڭجىن كېيىنكى خوشۇنى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى دەرھال نەق مەيداندا «دىياگنوز قويۇپ داۋالاش»قا تەكلىپ قىلدى، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق «رېتسىپ» يېزىپ بەردى: قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، شورغا چىداملىق «ئاۋانگارت» دەرەخ تۈرلىرىنى كىرگۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورمان ۋە ئوتلاق سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ياڭ رۇي كۆپ قېتىم ئۆمەك باشلاپ گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشتە بولۇپ، ئاخىرى بۇ يىل 3 - ئايدا نىڭشيادىكى بىر دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق يېتىشتۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، غەربىي شىمالدىكى قۇرغاق رايونلارغا ماس كېلىدىغان قۇم تىزگىنلەش بويىچە يېڭى سورتلۇق كۆچەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدى، يەنى قارشى تەرەپ كۆچەت، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بەردى، ياڭ رۇي كوللېكتىپى قۇملۇقتا ئۆسىدىغان 20 نەچچە خىل چاتقالنى كىرگۈزۈپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش سىنىقى ئېلىپ باردى.

يېقىندا كۆچەت تىكىش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، پات ئارىدا ئوت - چۆپ ئۇرۇقى چېچىلىدۇ. «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەي بولۇش نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە يېتىدۇ.» ياڭ رۇي خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: سىناق تەرىقىسىدە تىكىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، بۇ يىل كۈز پەسلىدە «بىرىكمە تىپ»تىكى ئورمان - ئوتلاق ئارقىلىق تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى 1000 مو يەرگە كېڭەيتىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدۇق.

«كۆپ ئادەمگە تايىنىپ جەڭ قىلىش تاكتىكىسى»نى ماشىنىلىق «ئاتاكىغا ئۆتۈش»كە ئۆزگەرتىش

ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر شەھىرى ئۇراتىن كېيىنكى خوشۇنى شىبۇلۇڭ ئورمانچىلىق باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش مەركىزىدە، زەنجىر تاپانلىق تۆت قۇم چىڭداش ماشىنىسى قۇملۇق يەرگە «مايسا كۆچۈرۈۋاتاتتى» − قول ھارۋىسى چوڭلۇقىدىكى قۇم چىڭداش ماشىنىسىنىڭ ئالدى تەرىپىگە دىيامېتىرى 80 سانتىمېتىر كېلىدىغان چوڭ چىشلىق چاق ئورنىتىلغان بولۇپ، قۇم چىڭداش ماشىنىسى ئالدىغا قاراپ بىر مېتىر ئىلگىرىلىسە، چوڭ چىشلىق چاق قۇملۇق يەرگە تەكشى يېيىتىلغان شال پاخىلى، شاخ - شۇمبىلارنى قۇملۇق يەرگە دەل جايىدا «تىكەتتى». ئۇزاق ئۆتمەي، قاتار - قاتار ئالتۇن رەڭلىك قۇم توسۇقى «توقۇلۇپ»، قۇم بارخانلىرىنى مەھكەم ئىسكەنجىگە ئالدى.

«كۈزدىن بۇرۇن ئوت - چۆپ كاتەكچىسىنى ياخشى تىكسەك، ۋاقتى كەلگەندە كۆچەت تىككىلى بولىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتە ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلدۇق، مەشغۇلات سۈرئىتىمىز ئىلگىرىكى پۈتۈنلەي ئادەم كۈچىگە تايىنىشقا سېلىشتۇرغاندا ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.» باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۇ يۇڭجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۇراتىن كېيىنكى خوشۇنىدا ئورمان بىنا قىلىشنىڭ كۆزنەك مەزگىلى قىسقا، ياز پەسلىدە 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىغان يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى يۇمران كۆچەتلەرنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ، قىش پەسلىدە بىرنەچچە قېتىم بوران چىقسىلا كۆچەتلەر كۆچمە قۇم ئاستىدا قالىدۇ، پەقەت ئەتىياز بىلەن ياز ئالمىشىدىغان بىر يېرىم ئاي ۋە كۈز پەسلىدىكى بىر ئايلا كۆچەت تىكىشكە ماس كېلىدۇ.

«ئىلگىرى بىز قانداق ماشىنىلارنىڭ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە مەشغۇلات قىلىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، ئوت - چۆپ كاتەكچىسى تىكىش ۋە كۆچەت تىكىشتە ئىزچىل ئادەم كۈچىگە تايىناتتۇق، ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى.» دۇ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: ئۇراتىن كېيىنكى خوشۇنىدا قۇملاشقان يەر كۆلىمى 20 مىليون 650 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، تىزگىنلەنگەن كۆلەم ئاران 4 مىليون 590 مىڭ مودىن ئارتۇق بولۇپ، قالغان يەرنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئېغىر، قىيىنلىق دەرىجىسى زور، نۇرغۇن جايدا ھەتتا يولمۇ يوق، ئادەم كۈچىگىلا تايىنىپ ئوت - چۆپ ۋە كۆچەتنى يۈدۈپ كىرىشكە بەك ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، «<كۆپ ئادەمگە تايىنىپ جەڭ قىلىش تاكتىكىسى> يېڭى دەۋردىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى ئاللىبۇرۇن قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى».

بۇلتۇر 10 - ئايدا، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى شىبۇلۇڭ ئورمانچىلىق باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش مەركىزىدە بىر مەيدان «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئىلغار ماشىنا - جابدۇقلار ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، قۇم توسۇقى ياتقۇزۇش ماشىنىسى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، پۈتۈن يەر شەكلىدە توشۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار، ماس كېلىدىغان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ماشىنا - جابدۇقلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. قۇم چىڭداش ماشىنىسىنىڭ ئېگىز - پەس قۇم بارخانلىرىدا خۇددى تۈز يەردە ماڭغاندەك يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دۇ يۇڭجۈننىڭ ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى: «قالغان قۇملۇقنى ھۇجۇم قىلىپ تىزگىنلەشتە ماشىنا بولمىسا بولمايدىكەن!»

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى شىبۇلۇڭ ئورمانچىلىق باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش مەركىزىگە 30 دانە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى ئىئانە قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش مەركىزى يەنە ئادەم ئەۋەتىپ بازارنى تەكشۈردى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گەنسۇدىكى ۋۇۋېي، ئىچكى موڭغۇلدىكى كۆكخوت قاتارلىق جايلاردىن قۇم چىڭداش، سۆكسۆك تىكىش ماشىنىسى قاتارلىق تۈرلۈك ماشىنا - ئۈسكۈنىلەردىن 16نى كىرگۈزدى، پەن - تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى.

«ماشىنا بىلەن چىڭداپ قۇم توسۇقى ياسىغاندا سۈرئەت خېلىلا تېز بولۇپ قالماي، شال پاخىلىنى تىكىشنىڭ چوڭقۇرلۇقىمۇ بىردەك 15 سانتىمېتىرغا يېتىپ، شامالغا تاقابىل تۇرۇش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيدى.» دۇ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، شىبۇلۇڭ ئورمانچىلىق باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش مەركىزى يېڭى تىپتىكى ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق قۇمنى چىڭداپ 2600 مو ئورمان بىنا قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، كۆچەت توشۇيدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، قۇم توسۇقى ياتقۇزۇش ماشىنىسى، قۇم تۇراقلاشتۇرۇش ماشىنىسى قاتارلىق كۆپ خىل ماشىنىلار «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش رايونىدا بارغانسېرى كۆپلەپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچى قۇم تىزگىنلەش ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى يېشىللىق خەرىتىسىنى كېڭەيتىشكە ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشماقتا.

(مۇخبىرلار ليۇ زىلىڭ، ما لىجۈەن، خۇ لۇ، لى يۈنپىڭ، ليۇ جېن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت