شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق تۈر سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-04 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىگە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە جەمئىي 68 مىليارد 550 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان.

بۇنىڭ ئىچىدە، كېرىيە ناھىيەسى تۇمىيا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، G30 شىڭشىڭشيا - قومۇل يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى، قومۇلنىڭ شىمالىدىكى 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يانداش ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، 2024 - يىللىق كاپالەتلىك تۇرالغۇ تۈرى قاتارلىق 50 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى.

شىنجاڭ چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، لەنجوۋ − شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ − ئالاتاۋ بۆلىكى 2 - لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى، چۆچەك − شىخو 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيە قۇرۇلۇشى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى خېيشەن ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى تۈرى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يولغا قويۇش تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

بۇ يىل ئاپتونوم رايون جەمئىي 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 430 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويغان بولۇپ، يىل ئىچىدە 350 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت