شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
سودا- سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى! بۇ تۈردىكى ھېساباتى بارلار دىققەت قىلىڭلار
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-04 |   ئاپتور :   |   مەنبە : ئانار بۇلۇت

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    يېقىندا، 
سودا- سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئارقا- ئارقىدىن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، «قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن ھېسابات»نى ئاگاھلاندۇرۇش، ئەسكەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

    5- ئايدا، سودا- سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش، ئىستېمالچىلارنىڭ «ھەميانى»نى ياخشى ساقلاش، ھېسابات بىلەن مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ بانكا ھېساباتىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭىنىڭ بانكىلارنىڭ <قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن ھېسابات>نى ئاگاھلاندۇرۇش، ئەسكەرتىش مەخسۇس خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسەن، «قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن ھېسابات»نى ئاگاھلاندۇرۇش، ئەسكەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

    سودا- سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، ئىككى بانكىنىڭ «قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن ھېسابات» دائىرىسى مۇنداق: 2023- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، بەش يىل ھەم ئۇنىڭدىن ئۇزاق ۋاقىت تەشەببۇسكار ئېلىم- بېرىم قىلىنمىغان ھەم ھېساباتتا قالدۇق پۇل بار شەخسلەر بانكا ھېساباتى.

    كونكرېت تۆۋەندىكى ئىككى تۈردىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    ● بىرىنچىسى، بەش يىل ھەم ئۇنىڭدىن ئۇزاق ۋاقىت تەشەببۇسكار ئېلىم- بېرىم قىلىنمىغان قەرەلسىز ئامانەت ياكى راسچوت ھېساباتى (ئىناۋەتلىك كارتا ھېساباتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

    ● ئىككىنچىسى، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ئالماشتۇرۇپ ئامانەت قويمىغان ھەم مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق ۋاقىت تەشەببۇسكار ئېلىم- بېرىم قىلىنمىغان قەرەللىك ئامانەت ھېساباتى. تەشەببۇسكار ئېلىم- بېرىم قىلىش − نەق پۇل ئامانەت قويۇش، نەق پۇل ئېلىش، ھېساباتتىن پۇل يۆتكەش، ئىستېمال قىلىش قاتارلىق ئۆسۈم بوغۇش، ھېساباتنى باشقۇرۇش ھەققىنى ھېسابلاشتىن باشقا ئېلىم- بېرىمنى كۆرسىتىدۇ.

    بانكا ناتونۇش ئۇلانمىلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىكنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى

    ئىگىلىنىشىچە، سودا- سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش، ئەسكەرتىش خىزمىتى باشلىنىپ بوپتۇ، 10- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

    ئىككى بانكا مۇنداق بىلدۈردى: ئىستېمالچىلار ئاگاھلاندۇرۇش، ئەسكەرتىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بانكا ھېساباتىنىڭ ئېچىلىش ھەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئەھۋالىغا ئاساسەن، بانكىنىڭ ئالىقاندىكى بانكا، تور بانكىسى ئارقىلىق ياكى ھەرقانداق بىر تور نۇقتىسىغا بېرىپ «قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن ھېسابات» توغرىسىدا مەسلىھەت سورىسا ھەم ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىپ، مەبلەغدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ. 

    ئىككى بانكا مۇنداق تەكىتلىدى: ھېسابات ئاگاھلاندۇرۇلغان، ئەسكەرتىلگەن مەزگىلدە، بانكا ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئىستېمالچىلاردىن پوكەيگە كەلمەي تۇرۇپ ھېساباتتىن پۇل يۆتكەش قاتارلىق ھېساباتتىكى مەبلەغكە چېتىلىدىغان مەشغۇلاتنى قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، شۇنداقلا «ھېساباتنى ئاكتىپلاش»، «قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن ھېساباتنى ئويغىتىش» قاتارلىق تور ئۇلانمىلىرىنى ئەۋەتمەيدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايى ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشىنى، ناتونۇش ئۇلانمىلارغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىكىنى ھەم ئۇلارنى چەكمەسلىكىنى سورايمىز. 

    پايدىلانغان مەنبە: «تىيانشان تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت