شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شى جىنپىڭ بەھرەيىن پادىشاھى خاماد بىلەن سۆھبەتلەشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بەھرەيىن پادىشاھى خاماد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ خاماد بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، ۋاڭ بىن) 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بەھرەيىن پادىشاھى خاماد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ بەھرەيىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بەھرەيىن جۇڭگونىڭ دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. ئىككى دۆلەتنىڭ گەرچە دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، دوستانە ئۆتۈپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو ـ بەھرەيىن مۇناسىۋىتى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بەھرەيىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ بەھرەيىن مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى، بۇ، جۇڭگو ـ بەھرەيىن مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە. جۇڭگو تەرەپ بەھرەيىن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ بەھرەيىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بەھرەيىن تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، بەھرەيىن تەرەپنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، بەھرەيىننىڭ «2030 ـ يىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارزۇسى» ۋە كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى قوللايدۇ، بەھرەيىن تەرەپ بىلەن ئېنېرگىيە، مەبلەغ سېلىش، قاتناش، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ بەھرەيىن دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى سىجىل مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، تىنچ بىللە تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تىنچ يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايدۇ، بەھرەيىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگونىڭ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، 2 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

خاماد مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، بەھرەيىننىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىغا نۇرغۇن مەدەت بەردى، بەھرەيىن تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. بەھرەيىن تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بەھرەيىننىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بەھرەيىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئالىيجاناب قىممەت قارىشى ۋە ئىدراكىي، ئاقىل بولغان سىياسەت تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ھەم ئۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدۇ. جۇڭگو ياخشى تەرەققىي قىلسا، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاندىن ياخشى تەرەققىي قىلالايدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسى ئاندىن سىجىل ئالغا سىلجىتىلىدۇ. بەھرەيىن تەرەپ جۇڭگونىڭ جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. بەھرەيىن تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ باراۋەر بولغان ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. بەھرەيىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى − جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنى بالدۇرراق ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ـ جۇڭگو دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

خاماد يېقىنقى مەزگىلدە ئېچىلغان 33 ـ نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى مەيدانى ھەمدە غەززە توقۇنۇشىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى خەۋەرلەندۈردى، جۇڭگو تەرەپنىڭ باشتىن ـ ئاخىر ھەققانىي مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلىدى ھەم رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بەھرەيىن ئىككى تەرەپنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى مەيدانى بىردەك. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ساداسىنى تارقاتقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بەھرەيىن ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى مەبلەغ سېلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بەھرەيىن پادىشاھلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا خاماد ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

خاماد يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ـ بەھرەيىن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. خاماد شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا خاماد ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت