شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 38 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى تۆت ئايدا، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 38 مىليارد 392 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 12 مىليارد 552 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %30تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى ئىچىدە، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 9 مىليارد 892 مىليون كىلوۋات سائەت، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يورۇقلۇق ۋولت ئېنېرگىيەسى 2 مىليارد 660 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 3 مىليون 800 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە، 10 مىليون 250 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى، 32 مىڭ 300 توننا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى، 28 مىڭ 100 توننا ئازوت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مول كۆمۈر ۋە مەنزىرە بايلىقىغا ئىگە. شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈپ، ھەم دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، ھەم شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش خىزمىتىنى سىجىل زورايتىش ئۈچۈن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى توك يەتكۈزۈلىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، سودا تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، سودا شەكلى ئۈستىدە ئىزدەندى. شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە ئايلىق، كۆپ كۈنلۈك سودا تەشكىللەش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، سودا دەۋرىيلىكىنى قىسقارتىپ، سودا قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش مىقدارىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاشۇردى.

شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى خۇنەن، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، خېنەن، خۇبېي قاتارلىق 20 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە يەتكۈزۈلدى. ئالدىنقى تۆت ئايدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارىدا ئالدىنقى تۆت ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلكىلەر خېنەن، ئەنخۇي، جېجياڭ، جياڭسۇ بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 14 مىليارد 406 مىليون كىلوۋات سائەت، 9 مىليارد 407 مىليون كىلوۋات سائەت، 4 مىليارد 696 مىليون كىلوۋات سائەت، 4 مىليارد 512 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن بولۇپ، بۇ تۆت ئۆلكە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ جەمئىي %86.01ىنى ئىگىلىگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى غول تور رامكىسى ۋە سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان تۆت ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت لىنىيە» ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى 3 - ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى − قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە، قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى 33 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، ھازىرقىدىن 32 پىرسەنت پوئېنت ئاشىدۇ.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت