شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تىرىشىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرغان جاۋاب خېتى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

5 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، «1 ـ ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۇڭ شەھىرى جيالىڭ رايونى جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى ھەم ئۇلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر ـ بالىلارنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال ـ خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

سەمىمىي سالام، سەمىمىي تاپشۇرۇق ھەرقايسى جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا ـ ئانىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى جېجياڭ ئۆلكىسى نىشانلىق يار ـ يۆلەك بولۇپ ياردەم قىلىپ قۇرغان تۈر مەكتىپى. 2004 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ يېڭى مەكتەپ ئورنىغا ئۆز قولى بىلەن ئۇل سالغانىدى. يېقىندا، مەكتەپنىڭ 5 ـ يىللىق 1 ـ سىنىپىدىكى بارلىق ساۋاقداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

«شى بوۋامنىڭ جاۋاب خېتىنى بۇنچە تېز تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بەك خۇشال بولدۇم!» باش شۇجىغا خەت يازغان ئوقۇغۇچى تاڭ خەيلىڭ قاتتىق ھاياجانلاندى، «شى بوۋام خېتىدە ساۋاقداشلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، ساغلام، خۇشال ـ خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بىزگە <يۇرتىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش> توغرىسىدا تەلىم بەردى. ھازىرقى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشۇم ناھايىتى بەختلىك، مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، مەن داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ، كەلگۈسىدە كۆڭلۈمدىكىدەك داشۆدە ئوقۇپ، يۇرتۇمغا قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بۇ بەختنى باشقىلارغا يەتكۈزىمەن».

«باش شۇجى جاۋاب خېتىدە 20 يىل ئىلگىرى مەكتەپكە ئۇل سالغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپتۇ، بىز بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندۇق.» جىجياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى چېن جېنيا مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز ئىزچىل جېجياڭنىڭ يار ـ يۆلەك بولۇپ ياردەم قىلىپ قۇرۇش ھېكايىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەخلاق تەربىيەسى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان تەربىيەلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتى، ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ۋە ۋەتەننى سۆيۈش قەلبىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.

ياردەم قىلىپ قۇرۇشتىن بۇرۇنقى مەكتەپ بىنالىرى كونا، تاغلىرى ئېگىز، يوللىرى تىك ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، كۇتۇپخانا، ئۆستۈرۈش باغچىسى، سولياۋ ياتقۇزۇلغان يۈگۈرۈش يولى قاتارلىق قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تەل بولدى.

باش شۇجى جاۋاب خېتىدە «مەكتەپنى بارغانسېرى ياخشى باشقۇرۇش»نى تىلغا ئالدى، بۇ، مەكتەپتىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولغان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى جيا شياۋجۈننى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى: «باش شۇجىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى يەنە بىز ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. ھازىر، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا قانات بولدى. بىز داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇتۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يول باشلىغۇچى بولىمىز».

سىچۇەن ۋە جېجياڭ ئىككى جاينىڭ يار ـ يۆلەك بولۇپ ياردەم قىلىپ قۇرۇش جەھەتتىكى رىشتى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. نىڭبو شەھىرىنىڭ بېيلۇن رايونى بىلەن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ مېيگۇ ناھىيەسىدە 2021 ـ يىلى شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ ھەمكارلىقى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 20 نەپەر ئوقۇتقۇچى سىچۇەندىكى نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ ياردەم قىلدى. باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى بېيلۇن رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى خەيدانىڭ بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

«مائارىپ ئارقىلىق يار ـ يۆلەك بولۇش يەككە يۆنىلىشلىك <ياردەم> ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى قوش يۆنىلىشلىك سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئېنېرگىيە قوشۇش.» لى خەيدا مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، سىنىپ، جەمئىيەت قوشماقلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل يار ـ يۆلەك بولۇش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە قاتتىق ماتېرىيالنىڭ دەرىجىسىنى قوش ئۆستۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاغلىق رايوندىكى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىمىز.

يېڭى دەۋرنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، كەڭ ئۆسمۈر ـ بالىلار جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كۈنسېرى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.

ئېگىز تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدە، شەنشى جاۋجىن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىدىن جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. «1 ـ ئىيۇن»دىكى دېكلاماتسىيە پىروگراممىسى «ئابىدە»گە قاتناشقان ئوقۇغۇچى ۋاڭ يىلىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۆزلەپ بەرگەن شى بوۋىسىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئاڭلىدى. «شى بوۋام <ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، گۈزەل چاغلارنى قەدىرلەڭلار> دەپتۇ، مەن قىزىل ھېكايە سۆزلەش كۇرۇژۇكىغا قاتنىشىش ئارقىلىق بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چۈشەندىم. مەن تارىخ ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن» دېدى ۋاڭ يىلىڭ.

جاۋجىن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ لىلى مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل تەربىيە دەرسى تەسىس قىلىش، قىزىل تەربىيە پائالىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ساۋاقداشلارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلغۇچى، ياخشى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى بولۇشىغا ياردەم بېرىمىز.

«ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشتە چىڭ تۇرۇش» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆسمۈر ـ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قارىتا كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى.

بۇلتۇر «1 ـ ئىيۇن» ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. «شۇ چاغدا شى بوۋام بىزگە: تېنىڭلار ساغلام بولسا، ئاندىن بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش، خىزمەتكە ياخشى ئاساس سالالايسىلەر دېگەنىدى.» بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىنىڭ 5 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىسى جاۋ چېن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، مەن يۈگۈرۈش، ئارغامچا سەكرەش قاتارلىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپلا قالماي، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ، ئەمگەك ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇردۇم.

جاۋ چېننىڭ ئاپىسى زېڭ رۇڭنىڭ قارىشىچە، مول تەنتەربىيە چېنىقىشى بالىلارغا نۇرغۇن پائال ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن: «ئاتا ـ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەڭ ياخشى تەربىيە دەل ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، بالىلارنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ساغلام، مىجەزى ئوچۇق ـ يورۇق، ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش».

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق رەسىم ئىجادىيىتىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش، «ساغلام ئۇششاق يېمەكلىك» كىچىك دەرسخانىسىدا بەش خىل قارا ئاشلىقنى پەرقلەندۈرۈش، خەلق ناخشىسى، خەلق قوشاقلىرىنى ئېيتىپ خۇاڭخې مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش... بۇ يىل «1 ـ ئىيۇن»نىڭ ئالدى ـ كەينىدە، جۇڭگو بالىلار مەركىزى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ بىر مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك بايرام ئۆتكۈزىدۇ.

«ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن ياخشى بالىلارنى يېتىشتۈرۈش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز.» جۇڭگو بالىلار مەركىزى قىزىقىش يېتىلدۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گاۋ يۈن مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى بويىچە، دەرس شەكلىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا، گۈزەللىك تەربىيەسى، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەرگە دائىر 100 خىلدىن ئارتۇق قىزىقىش گۇرۇپپىسى دەرسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئۆسمۈر ـ بالىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يېتىلدۈرىمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ «تىرىشىپ پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولۇش»ىنى ئۈمىد قىلدى، بۇ، چۇڭچىڭ شەھىرى شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جۇڭيى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى موۋ شياۋياڭغا زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

«ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشى باشتىن ـ ئاخىر مەكتىپىمىزنىڭ مەركىزىي خىزمىتى. مەكتىپىمىز بەش تەربىيەنى تەڭ تۇتۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيە دەرسى سىستېمىسىنى سىجىل بېيىتىپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئاساس مائارىپ ئارقىلىق بالىلارغا كىشىلىك تۇرمۇش ئاساسى سېلىپ بېرىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش يولى ئېچىپ بېرىدۇ» دېدى موۋ شياۋياڭ.

ئۆسمۈر ـ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سىچۇەن ئۆلكىلىك كومىتېتى ئۆسمۈرلەر بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شۈ تۇڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىز ئۆسمۈر ـ بالىلارنى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىيونېرلار ئەترىتى بىرگەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يازلىق، قىشلىق لاگېر، ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى قاتارلىق ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شارائىتقا، ئادەمگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، پەلەمپەيسىمان ئۆسۈپ يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ ئۆسمۈر ـ بالىلارنى تىرىشىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەيمىز».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت