شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭنىڭ سانائەت تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جۇش ئۇردى
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-31 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

خې شۈەنيۈنىڭ ئىلگىرىكى تەسىراتىدا، شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، داڭلىق ساياھەت مەنزىلگاھى ئىدى. بۇ قېتىمقى سەپەردە كۆرگەن شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان سانائەت تەرەققىياتى ئۇنى ھەيران قالدۇردى: يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسىنى كومپيۇتېردا پۈتۈن جەريانلىق كونتورول قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قويۇپ بەرگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ئارقىلىق جەنۇبنىڭ مېۋىلىرىنى ئۆستۈرۈش، قارا كۆمۈرنى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئارقىلىق سولياۋ قۇتىغا ئايلاندۇرۇش...

«بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرى مېنىڭ تونۇشۇمنى تامامەن يېڭىلىدى.» 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگو سەپىرى . شىنجاڭ سەھىپىسى» مەخسۇس تېما پائالىيىتى ئاخىرلىشىدىغان كۈنى پىرىزما talkنىڭ مۇھەررىرى خې شۈەنيۈ چوڭقۇر ھاياجانلىنىپ «شىنجاڭنىڭ سانائەت تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جۇش ئۇرۇپتۇ!» دېدى.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق گېننى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش

ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى يېمەكلىك سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت ئامىللىرىنىڭ بىرى.

قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى غۇلجا باغچە رايونىدىكى ئىلى يىمۇشىن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا جايلاشقان ئىككى كارخانا بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.

نېمىگە تاياندى؟

«مەھسۇلات تۈرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پەرقلىق رىقابەت ئۈستىدە ئىزدەندۇق.» قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن ۋېنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: ئەشيا ئوبوروتىدا يۈك توشۇش ئارىلىقى يىراق بولۇشتەك كەمتۈكلۈكتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ، شىركىتىمىز ئىشخانىدىكى ئاق ياقىلىقلار ئىستېمال قىلىدىغان «خالتىلىق يېمەكلىكلەر» بازىرىنى ئېچىپ، شىنجاڭدا سېتىۋېلىپ پۈتۈن مەملىكەتتە سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ كارخانىنىڭ چاڭ - توزانسىز ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئۇچىسىغا ئاق خىزمەت كىيىمى، بېشىغا كۆك تور قالپاق كىيگەن ئىشچىلار ئىنتايىن ئالدىراش ئىدى. بۇ جايدا چىلانلار توغراپ پارچىلىنىپ، ياڭاق قىچا تالقىنى بىلەن تەملەندۈرۈلۈپ، قۇرۇق ئۈزۈم قايماققا مىلىنىپ، ھەر خىل قۇرۇق مېۋىلەر ئۇششاق يېمەكلىك قىلىپ پىششىقلانغاندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار كۈندە بەھرىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان قاتتىق پوستلۇق مېۋە قىلىپ بىرىكتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇق مېۋىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى تېخىمۇ ئاشتى.

قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر يىلى تىجارەت كىرىمىنىڭ %6ىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك دوكتور ئاشتى يېڭىلىق يارىتىش - تەتقىق قىلىپ ئېچىش بازىسى تەسىس قىلىپ، كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ قۇرۇق، ھۆل مېۋىلىرىنى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، بىيو تېببىي دورا قىلىپ ئېچىشنى پىلانلىدى.

ئىلى يىمۇشىن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى 2019 - يىلى تىزىمغا ئالدۇرۇلۇپ قۇرۇلغان، 2022 - يىلى 3 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى 18 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە 238 سېتىش سودىگەرلەر كوللېكتىپى قۇردى، تور سىرتىدا 30 مىڭدىن ئارتۇق سېتىش دۇكىنىنى ئورۇنلاشتۇردى.

«كۈنىگە 60 توننا يېڭى سۈتنى بىر تەرەپ قىلىمىز، بۇنىڭ تەخمىنەن 40 توننىسى شىنجاڭ سىرتىغا سېتىلىدۇ، 20 توننىسى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە سېتىلىدۇ.» ئىلى يىمۇشىن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ جىڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 134 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2023 - يىلى سېتىش سوممىسى 66 مىليون 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى؛ بۇ يىل 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە سېتىش سوممىسى 31 مىليون 490 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %151 ئاشتى.

كارخانىنىڭ سېتىش سوممىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تىرەك بولۇشتا تايىنىلغىنى ئىجادىي تەپەككۇر بولدى.

سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ھولستېين سىيىرىنىڭ دۇنيا بويىچە سۈت چىقىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان سۈت كالىسى نەسىللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى ھولستېين سىيىرىنى ئىمپورت قىلىپ باقتى، ئەمما ئىلى يىمۇشىن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە يېتىشتۈرۈلگەن نەسىل − شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىغا كۆز تىكتى. قوڭۇر كالا سۈتى ۋە گۆشىدىن تەڭ پايدىلانغىلى بولىدىغان نەسىل بولۇپ، سۈت چىقىش مىقدارى تۆۋەن، ئەمما سۈتنىڭ خام قايماق ۋە ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ئىلى يىمۇشىن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى پەرقلىق رىقابەت يولىدا مېڭىپ، تېزدىن پۈتۈن مەملىكەت بازىرىنى ئېچىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىكى يېڭى چولپانغا ئايلاندى.

پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشۇش

ئىلى ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتى ۋە دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىدا «ئادەملىك جەڭ قىلىش تاكتىكىسى»نىڭ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالغانلىقىنى، نەق مەيداننىڭ فانتازىيەلىك فىلىملەردىكى كۆرۈنۈشلەرگە تېخىمۇ ئوخشاپ قالغانلىقىنى كۆردى.

«شىنجاڭ كۆمۈرنى چەكسىز تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلدى.» تور سۇپىسى ۋەكىلى «V شەنشەن» دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش سېخىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ۋىيبودا مۇنداق دېدى: كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ئولېفىن ئىشلەپچىقىرىشتا نېفىتقا تايىنىلمايدىغان بولدى، بۇ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى قارا كۆمۈرنى خام ئەشيا قىلىپ، ئاق گۈرۈچ دېنىغا ئوخشايدىغان پولىپروپېن ئىشلەپچىقاردى. بۇ پولىپروپېن تۆۋەن ئېقىندىكىلەرگە سېتىپ بېرىلىپ، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇق، مېۋە كۆپۈكسىمان تور قېپى، نەرسە سېتىۋېلىش خالتىسى، ئاپتوموبىل ئىچى - سىرتى بېزەك بۇيۇملىرى قاتارلىق نەچچە يۈز خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. «زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدە بۇنچىۋالا كۆپ كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن» دېدى ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك تور داڭلىق شەخسلىرىدىن «سىتۇكا 98».

شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتى كىۋارتىسنى خام ئەشيا قىلىپ، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي ياپراقچىسى، باتارېيە ياپراقچىسى، يورۇقلۇق ۋولت ئەينىكى، يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت كىرېمنىي يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بىر پارچە كىۋارتىسنى بىر پارچە يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىغا ئايلاندۇرۇشتەك قالتىس ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ كارخانىنىڭ يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسىنى سوزۇش سېخىغا كىرىپ، قاتار - قاتار يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچە پېچلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنىلا كۆردۈم. «سوزۇپ چىقىرىلغان بىر يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.5 مېتىر، ئېغىرلىقى 500 كىلوگىرامدىن 600 كىلوگىرامغىچە كېلىدۇ.» شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۇي دۇڭشۆ مۇنداق دېدى: كىرېمنىي ماتېرىيالىنى تولدۇرۇپ قاچىلىغاندىن كېيىن، بىر پېچتا يەتتە دانە يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسىنى سوزۇپ چىقارغىلى، ھەر 50 سائەتتە بىر تاياقچىنى سوزۇپ چىقارغىلى بولىدۇ.

يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى پېچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 1500 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ، كومپيۇتېر ئەمەلىي ۋاقىتتا پېچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى، بېسىمىنى كۆزىتىپ ئۆلچەيدۇ. شۇنچە چوڭ يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسىنى سوزۇش سېخىدا، پەقەت بىرنەچچە ئىشچىلا ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ. «يورۇقلۇق ۋولت كەسپىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىمغا 20 يىل بولدى، بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسىنىڭ قانداق سوزۇلىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدىم.» ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك تور داڭلىق شەخسلىرىدىن گۇەن جىتەن مۇنداق دېدى: 20 يىل ئىلگىرى يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى جۇڭگوغا چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىناتتى، ھازىر جۇڭگو ئەكسىچە دۇنيادىكى يورۇقلۇق ۋولت ئاساسىي يېتەكچىسىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.

ئەمەلىي قوللىنىشچان ماشىنا ئادەم ئىشچىلار ئەمگىكىنىڭ ئورنىنى ئالدى، شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەينەك ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، قىزىل رەڭلىك مېخانىك بىلەكلەر ھەرىكەتلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى پارچە - پارچە ئەينەكلەرنى ئېلىپ، بىر جايغا سىلىق تىزدى. پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچ قوشۇلدى، شىنجاڭ جۇڭبۇ خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىدە ماشىنا ئادەم ئەڭ ئىجتىھاتلىق يۈك توشۇغۇچىغا ئايلاندى.

شىنجاڭنىڭ «ئەقلىي ياسىمىچىلىقى»دا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش

«قوش كاربون» نىشانى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ پارنىك گازى - كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىش تەجرىبىخانىسى كۆمۈردىن گاز ئېلىش ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا قويۇپ بېرىلگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى كېرەكسىز گازدىن گۆھەرگە ئايلاندۇردى. كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى گازسىمان ئوغۇت سۈپىتىدە، يۇمشاق تۇرۇبا ئارقىلىق ئاستا - ئاستا پارنىكلارغا قويۇپ بېرىلىپ، ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، پارنىكتا ليەنۋۇ، شياڭجياۋ، خولۇڭگو قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ.

بۇ تەجرىبىخانا يەنە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ئارقىلىق مىكرو يۈسۈن يېتىشتۈرۈشنى سىناق قىلدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چىڭداۋ بىيوئېنېرگىيە ۋە بىيولوگىيەلىك جەريان تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك مۇھىتى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ تەجرىبىخانىدا ئۈچ خىل مىكرو يۈسۈن − سىپىرال يۈسۈنى، قۇملۇق يۈسۈنى ۋە قاشا يۈسۈنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

بۇنىڭ ئىچىدە، سىپىرال يۈسۈنى يېگىلى بولىدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتى، قۇملۇق يۈسۈنى قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە تۇپراقنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە، قاشا يۈسۈنىدىن بىيودىزېل مېيى ئالغىلى بولىدۇ. «قاشا يۈسۈنىدىن ئاۋىياتسىيە كىرسىنى، بېنزىنى، دىزېلى ئېلىشقا بولىدۇ» دېدى شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كۆمۈردىن گاز ئېلىش كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى يى ۋېنيۆ.

تەجرىبىخانىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك تور داڭلىق شەخسلىرى مىكرو يۈسۈن يېتىشتۈرۈش نەيچىسىنىڭ يېشىل رەڭلىك قان تومۇرغا ئوخشايدىغانلىقىنى، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئۈزلۈكسىز «سۈمۈرۈۋاتقانلىقى»نى، تېخىمۇ كۆپ يېشىل مىكرو يۈسۈنلەرنىڭ ئۆسۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، «Vشەنشەن» قاتارلىق ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك تور داڭلىق شەخسلىرى پەن - تېخنىكىنىڭ كارامىتىنى بەس - بەستە ماختىشىپ كەتتى.

تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى 2015 - يىلى ئۈرۈمچىگە ماكانلاشقان بولۇپ، 2018 - يىلى يۇقىرى دەرىجىلىك پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يىغىۋېلىش تېخنىكىسى، ساپ يىغىۋېلىش نىسبىتىنى توردا پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى، تايلاپ ئوراش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەملىشىپ ھەيدەش تېخنىكىسى قاتارلىق يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. نۆۋەتتە، بىر قانچە تۈردىكى ئىككى قۇرلۇق، ئۈچ قۇرلۇق، تۆت قۇرلۇق، ئالتە قۇرلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاختا يىغىش ماشىنىلىرى بارلىققا كەلدى.

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ باش قىسمى قۇراشتۇرۇلۇۋاتتى. ئالتە قۇرلۇق پاختا يىغىش ماشىنىسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇ 100 مىڭ دانە زاپچاستىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۈنىگە 500 مو يەردىكى پاختىنى يىغالايدۇ، بۇ 200 پاختا تەرگۈچىنىڭ خىزمەت مىقدارىغا باراۋەر، باھاسى چەت ئەلنىڭ ئوخشاش تۈردىكى ماشىنىلىرىنىڭكىدىن %30تىن كۆپرەك ئەرزان. «شىنجاڭنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىقىنىڭ بۇنچە قالتىس ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن!» دېدى خۇنجى شىركىتىنىڭ تىجارەت ۋەكىلى لى شىنيۈ ھاياجان بىلەن.

پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ زاپچاسلىرى كۆپ بولغاچقا، بۇ شىركەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان زاپچاسلارغا نومۇر قويۇپ، كود ۋە ساقلاش بىرلىكىنى تەقسىملىدى، مەلۇم بىر زاپچاسنى ئالغاندا، ماشىنا ئادەمگە كود كىرگۈزۈپ بەرسىلا، 20 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى سېرىق رەڭلىك ماشىنا ئادەم مۇقىم رېلىسنى بويلاپ «مېڭىپ» مۇناسىپ ساقلاش بۆلىكىگە بېرىپ زاپچاسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

گۈزەل شىنجاڭنىڭ سانائەت گۈزەللىكى گۈزەللىكنىڭ پەن - تېخنىكا ئۆرنىكىنى، گۈزەللىكنىڭ يېڭى پەللىسىنى نامايان قىلماقتا!

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت