شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شەندۇڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-29 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شەندۇڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىن 24 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ رىجاۋ پورتىدا پورتتىكى پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، تىجارەت خادىملىرى، دېڭىز تىرانسپورت خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىن 24 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ رىجاۋ شەھىرىدىكى ياڭگۇاڭ دېڭىز قىرغىقى يېشىل يولىدا شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەندۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شەندۇڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئورنىنى ياخشى بېكىتىپ، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، داۋاملىق تۈردە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئالدىن يۈرۈش رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شەندۇڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىن 24 ـ كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىن ۋۇ ۋە ئۆلكە باشلىقى جوۋ نەيشياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ رىجاۋ، جىنەن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن رىجاۋ پورتىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. رىجاۋ پورتى مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە كۆپ مىقدارلىق خام ماتېرىيال ئۆتەڭ بازىسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قىرغاق بويلاپ ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى تولۇق ئاپتوماتلاشقان يۈك ساندۇقى پىرىستانىنى قۇرۇپ چىقتى. شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پورت تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ۋە رىجاۋ پورتىنىڭ يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم تولۇق ئاپتوماتلاشقان يۈك ساندۇقى پىرىستانىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رىجاۋ پورتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن يېڭىدىن قۇرۇلغان پورت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى پورتنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ زامانىۋىلاشقان پورتقا ئايلاندۇردى، مال كىرگۈزۈش ـ چىقىرىش مىقدارىدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپلا قالماي، يەنە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تەجرىبە توپلىدى، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. شى جىنپىڭ پورتتىكى پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، تىجارەت خادىملىرى، دېڭىز تىرانسپورتى خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، رىجاۋ پورتىنىڭ باشقۇرۇش ـ تىجارىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ رىجاۋ شەھىرىدىكى ياڭگۇاڭ دېڭىز قىرغىقى يېشىل يولىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رىجاۋ شەھىرى دېڭىز بويىدىكى ئۈستى ئوچۇق مەيدان ھەم دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىدىكى بۇزۇلۇپ كەتكەن جايلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تەخمىنەن 28 كىلومېتىر كېلىدىغان ياڭگۇاڭ دېڭىز قىرغىقى يېشىل يولىنى ياساپ چىقىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى چېنىقىدىغان، ئىستىراھەت قىلىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ يېشىل يولنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ تۈزەلگەندىن كېيىنكى دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۇسۇللىرى ۋە نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى ھەم پات ـ پات شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېشىل يولنى ياساش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، خەلق رايىنى مايىل قىلىدىغان ئىش. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش كېرەك. ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ياخشى بولسا، پۇقرالارنىڭ ئەمەلىي بەخت تۇيغۇسى بىر ئۈلۈش كۆپىيىدۇ. كۆپچىلىك بىرلىكتە قول سېلىپ ئىشلەپ، گۈزەل يۇرت ـ ماكانىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشى ۋە ئاسرىشى كېرەك.

5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جىنەن شەھىرىدە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، شەندۇڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شەندۇڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئىستىقبالى پارلاق. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېشىل، مۇھىت قوغداش بويىچە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ شىمال رايونلارنىڭ ئىقتىسادىدىكى مۇھىم ئېشىش قۇتۇپىغا ئايلىنىش كېرەك. دېڭىز ـ ئوكيان بايلىقى مول بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېڭىز ـ ئوكياننى ئىدارە قىلىپ، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىپ، دۇنياۋى دەرىجىلىك دېڭىز ـ ئوكيان پورت توپى بەرپا قىلىش، زامانىۋى دېڭىز ـ ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەندۇڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش جەھەتتە ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئەركىن سودا رايونىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، زور خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق بويىچە يۇقىرى ئىقتىدارلىق سۇپىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈنگە ئايلىنىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شەندۇڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى، ئاشلىق چوڭ ئۆلكىسى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە مەسئۇلىيىتى زور. شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كەنتلەرنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈش سۈپىتى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ـ كەنت خاس كەسىپلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىشىشقلاش كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قىممەت زەنجىرىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىقتا ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك «چىلۇ ئاشلىق ئامبىرى» قۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئورتاق بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئىناق، مۇقىم بولغان، ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەندۇڭ يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە پائال نەتىجە يارىتىشى كېرەك. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا كۇڭزى مەدەنىيەت بايرىمى قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قىزىل بايلىقنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يىمېڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ياخشى تۇتۇپ، زامانىۋى مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى يېزا ـ كەنتلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، مەدەنىيەتنى رەقەملەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەت، ئىستىراھەتكە ئىچكى خاس مەزمۇن قوشۇش، جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش، شەھەر ـ يېزا جەمئىيىتىدە توغرا كەيپىياتنى ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى، پۇختا تۈرتكە بولۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دېلو ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى سۆزلەشنى ياخشى تۇتۇپ، كۆڭلىدە ئەيمىنىش بولۇش، ھەر دائىم ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە كۈندىلىك ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، قائىدە ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، خاتىرجەم ئىشلەپ، دادىل ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى، ئۆي ـ زېمىن كەسپى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان كەلكۈن قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشى، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جىنەندە جىنەندە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى شاڭشياۋدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن جىنەندە تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. جاڭ يوۋشيا كۆرۈشۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت