شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
سۈنئىي بوغۇم داۋاملىق مەركەزلىك سېتىۋېلىنىدۇ
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-29 |   ئاپتور :   |   مەنبە : ئانار بۇلۇت

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا تاللانغان مەھسۇلاتنىڭ باھاسى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىدى

 شىنخۇ ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شۈ پېڭخاڭ، پېڭ يۈنجيا) مۇخبىرلار دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: 5- ئاينىڭ 21- كۈنى، سۈنئىي بوغۇمنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق سېتىۋېلىشقا خېرىدار چاقىرىش تيەنجىندە باشلاندى. تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەزلىك سېتىۋېلىش نەتىجىسىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم داۋاملىق سېتىۋېلىشتا تاللانغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6 ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن.

 بۇ قېتىمقى داۋاملىق سېتىۋېلىشقا جەمئىي 6000دىن ئارتۇق دوختۇرخانا قاتناشقان بولۇپ، جەدۋەل تولدۇرۇپ مەلۇم قىلغان ئېھتىياج مىقدارى 580 مىڭ يۈرۈش بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەزلىك سېتىۋېلىشقا قارىغاندا سەل ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يانپاش بوغۇمى 286 مىڭ يۈرۈش، تىز بوغۇمى 294 مىڭ يۈرۈش.

 دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى داۋاملىق سېتىۋېلىشتا جەمئىي 54 كارخانىنىڭ 167 مەھسۇلاتى تاللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەزلىك سېتىۋېلىشتىكى ئاساسلىق ئىچكى- تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى، يەنە بىر قىسىم يېڭى كارخانىلار بار، تاللانغان مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتى. تاللانغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھا پەرقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۇنجى قېتىملىق مەركەزلىك سېتىۋېلىشتىكى 2.8 ھەسسىدىن 1.1 ھەسسىگە كىچىكلىدى، بازار رىقابىتى تېخىمۇ ئادىل بولدى، كارخانىلارنىڭ تەمىنلىشى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.

 2021- يىلى 9- ئايدا، سۈنئىي بوغۇم يۇقىرى قىممەتلىك داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرى تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ مەركەزلىك سېتىۋېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ سۈنئىي بوغۇم باھاسى خەلقئارادىكى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدىن خەلقئارادىكى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈلدى. تاللاش نەتىجىسى ئىجرا قىلىنغان ئىككى يىلدىن بۇيان، تاللانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى 1 مىليون 100 مىڭ يۈرۈشتىن ئېشىپ، بارلىق سۈنئىي يانپاش، تىز بوغۇمى ئىشلىتىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئېشىپ كەتتى.

 بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى داۋاملىق سېتىۋېلىشتا «مىقدار بىلەن باھانى باغلاش، مىقدار بىلەن باھانى ئالماشتۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش باھاسىنى چۈشۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، سېتىۋېلىش قائىدىسى ئەلالاشتۇرۇلدى. بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: رىقابەت باھاسى بويىچە دائىرىگە كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك تاللاشتا باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى يەنىمۇ چۈشۈرۈشكە يېتەكلەندى؛ تەرتىپلىك رىقابەتكە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، تەمىنلەشنىڭ مۇقىم، كۆپ مەنبەلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى؛ پەلەمپەيسىمان مىقدار بويىچە يېتەكلەش يولغا قويۇلۇپ، مىقدار بىلەن باھانى باغلاشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش رولى تولۇق نامايان قىلىندى؛ تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەزلىك سېتىۋېلىشتا ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالى مۇلاھىزە قىلىش، سېلىشتۇرۇشقا كىرگۈزۈلۈپ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىشى ياخشى بولمىغان كارخانىلار چەكلەندى.

 ئىگىلىنىشىچە، داۋاملىق سېتىۋېلىشتىكى تاللاش نەتىجىسى بۇ يىل 6- ئايدا مەملىكەت بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەركەزلىك سېتىۋېلىش بىلەن مۇقىم، تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇلىدىكەن.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت