شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-22 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى بىرلىكتە ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا پۇتىن ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، ۋاڭ بىن) 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئالدى بىلەن كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ پۇتىننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مۇددىتىنى باشلىغانلىقىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى بوران ـ چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملىنىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، چوڭ دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇش، ئىناق بىللە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 75 يىللىق تەرەققىيات تارىخىدىن چىقىرىلغان ئەڭ مۇھىم يەكۈن شۇكى، ئىككى قوشنا چوڭ دۆلەت ئارىسىدا، جەزمەن باشتىن ـ ئاخىر تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ ئۆزئارا ئىشىنىپ، بىر ـ بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئۆزئارا ياردەم بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بۇ ھەم جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئۆتۈشىدىكى توغرا يول، ھەم 21 ـ ئەسىردىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە جەزمەن تىرىشىشقا تېگىشلىك يۆنىلىش. جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي جۇغلانما ۋە پۇختا خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: مەن رۇسىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇلتۇر 3 ـ ئايدا رەئىس شى جىنپىڭمۇ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەپ ئۇزاق ئۆتمەي رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئەنئەنىسى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى دەۋردىكى رۇسىيە ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا رۇسىيە ـ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى بولۇپ، بىزنىڭ ئورتاق تەبرىكلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، 3 ـ تەرەپكە قارىتىلمىغان، بۇ، خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىققا پايدىلىق. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئارقىدىن كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەرقايسى ھەمكارلىق كومىتېتلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ رەئىسلىرى دوكلات قىلغان سېلىنما، ئېنېرگىيە، ئىقتىساد ـ سودا، شەرقىي شىمال − يىراق شەرق، ئادىمىيەت، خەلقئارا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى، كەلگۈسى ھەمكارلىق تەكلىپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىل. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ چوڭ دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېپيېڭى يولدا ماڭدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر مۇقىم ئالدىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى قوغداش ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇۋاتىدۇ ھەم يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە ئاساسلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى زورايتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش تارىخىي چوڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئىچىكى خاس مەزمۇنىنى سىجىل بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ـ سودا قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يارقىن نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، «جۇڭگو ـ رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى»نى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق رىشتىنى سىجىل چىڭىتىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك سۇپىلار ھەمدە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ئېنېرگىيە، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى قوشنىلار ئىناق ـ دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش قاتارلىق پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان بولۇپ، تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بەردى. بۈگۈن ئىككى تەرەپنىڭ بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «2030 ـ يىلىدىن بۇرۇن رۇسىيە ـ جۇڭگو ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىرىك پىلانى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ۋە كېلەر يىللىق «رۇسىيە ـ جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى» پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپا ـ ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىدۇ، رۇسىيە ـ جۇڭگو ئىككى تەرەپ تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇھىم خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدا ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى تەرىپلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، قەتئىي ئۆزئارا قوللاپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئىمزالىدى ۋە ئېلان قىلدى، ھەم ئىقتىساد ـ سودا، تەبىئەتنى قوغداش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا پۇتىن ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

پۇتىن يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. پۇتىن شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلى نومۇرىنى كۆردى. جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئۆسمۈر ـ بالىلىرى گۈلدەستە ۋە جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىغا ئالقىش ياڭرىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا، پۇتىن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، شېن يىچىن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت