شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
دېلودىن ئىبرەت ئېلىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىپ، ئىنتىزامنى بىلىپ، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-16 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىلدى

دېلودىن ئىبرەت ئېلىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىپ، ئىنتىزامنى بىلىپ، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى دېلودىن ئىبرەت ئېلىپ، ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، قانۇن - ئىنتىزام قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېلودىن ئىبرەت ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى سىياسىي ئىرادە، ئىنتىزام ئىرادىسى، ئەخلاق ئىرادىسىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن «ئىنتىزام <ئاگاھ پالىقى>نى ئېگىز كۆتۈرۈش − پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى سۆزلەش ئىبرەت خاتىرىسى» كۆرسىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايون بويىچە پارتىيە ئەزالىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلو ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ۋە ئىنتىزام، قائىدىگە رىئايە قىلىشنى چۆرىدەپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا داۋلى سۆزلىدى، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالدى، قىزىل سىزىق سىزىپ بەردى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا، كۆپ قېتىم پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش قاتارلىقلارغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ئىبرەت فىلىمى ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتىكى قانۇن - ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى ئەينەك قىلىپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت كۆڭلىدە ئەيمىنىش بار بولۇش، ئىنتىزام تۆۋەن چېكىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. غايە - ئېتىقادنى يوقىتىش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. سىياسىي نەتىجە قارىشى توغرا بولماسلىق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دەيدىغان مەنىۋى مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دەيدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. ھوقۇق چەكلىمىسى كونتروللۇقىنى يوقىتىش، پاكلىق تۆۋەن چېكىنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشتىن - ئاخىر پىرىنسىپ، تۈزۈم، تەرتىپ بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشى، دۆلەت ئۈچۈن ئىش قىلىشى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىشى كېرەك. ئائىلە ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ چىرىكلىشىشنىڭ جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزۇشتىن ئىبارەت زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى قاتتىق ياخشى باشقۇرۇپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، دوستلار چەمبىرىكىنى سىجىل ساپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئالاقە چەمبىرىكىنى ساپلاشتۇرۇپ، خىزمەت چەمبىرىكىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پائالىيەت چەمبىرىكىنى باشقۇرۇپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزىنى دۇرۇس تۇتۇش، ئۆزىنى چىڭ تۇتۇش، ئۆزىنى پاك تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. دىققەتنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، سىياسىي نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىققەتنى چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەرلەر»گە بولغان دائىملىق نازارەتچىلىكنى قاتتىق كۈچەيتىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان ساھەلەردىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەككە دېلولارنى تۈگىتىش، نۇقتىلىق جازالاشتىن سىستېمىلىق تۈزەشكە، پۈتۈن رايون بويىچە ئىدارە قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قاراپ ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى شەكىلۋازلىقنى تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى ئىستىل تىكلەش كېرەك. «ئىستىل» «چىرىكلىك» مەسىلىلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەڭ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نىڭ ئارقىسىدىكى مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈش كېرەك؛ سىجىل تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. دىققەتنى مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش - ھەقىقىي چىڭىتىش، دادىل باشقۇرۇش - دادىل چىڭىتىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش - ئۇزاققىچە چىڭىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»نىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نازارەت قىلىشى، دەل جايىدا نازارەت قىلىشى، ئىجادىي نازارەت قىلىشىغا قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشىغا قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى دەل جايىدا، كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي تەربىيە، ئىنتىزام تەربىيەسى، پاكلىق تەربىيەسى، ئىبرەت تەربىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى پاك - دۇرۇس بولغان سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاشقا يېتەكلىشى كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت