شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-16 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايون پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزدى

پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايون پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، تيەن شياڭلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. خې جۇڭيوۋ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى، جاڭ جۇ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئىنتىزام جازاسى نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلغان ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتقان مۇھىم باسقۇچتا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى پارتىيەمىزنىڭ چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن كادىرلار قوشۇنى ۋە ئىنتىزام، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئىنتىزام جازاسى نىزامىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى كونكرېت ھەرىكەت ۋە ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك ئىنتىزام كاپالىتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى مىسلىسىز سالماق بىلەن كۈچەيتىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىيەت ۋە نەزەرىيە جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامىغا تېخىمۇ ئاڭلىق رىئايە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى تېخىمۇ قەتئىي قوغداشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈندۇر. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتا، يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئىنتىزام جازاسى نىزامىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش جەھەتتە يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئاچقۇچ. دىققەتنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، نىشانلىق تۈزىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇستەھكەم سىياسىي ئىرادىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇستەھكەم ئىنتىزام ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆلچەم قىلىپ، تۈزۈم، ئىنتىزام، قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىش بېجىرىپ، ئىنتىزام قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇستەھكەم ئەخلاق ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەگە سادىق بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئەخلاقنى، خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي ئەخلاقنى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتىن ئىبارەت ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ، پاك ئادەم بولۇش، پاكىز ئىش قىلىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇستەھكەم بولغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنى توغرا ھوقۇق قارىشى تۇرغۇزۇپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىپ، ھوقۇقنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش، ھوقۇق ئىشلىتىشتە پاك بولۇش، ئىش قىلىشتا پاك بولۇشتىن ئىبارەت مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت