شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئامېرىكا خەلقئارا خۇارېنلار پەن ـ تېخنىكا، سودا ـ سانائەت جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا خەلقئارا خۇارېنلار پەن ـ تېخنىكا، سودا ـ سانائەت جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئامېرىكا خەلقئارا خۇارېنلار پەن ـ تېخنىكا، سودا ـ سانائەت جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئۆزى بىۋاسىتە تۈزۈپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات شارائىتى ئەۋزەل، بولۇپمۇ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، سىجىل تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاشنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تەرەققىيات ۋە مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تولۇقلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ يېتىلدۈردۇق. شىنجاڭ ئوچۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئامېرىكا خەلقئارا خۇارېنلار پەن ـ تېخنىكا، سودا ـ سانائەت جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن ئەۋزەللىكلەردە ئۆزئارا تولۇقلاش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر، پەن ـ تېخنىكا تىپىدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشىنى قارشى ئالىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ـ ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئامېرىكا خەلقئارا خۇارېنلار پەن ـ تېخنىكا، سودا ـ سانائەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى داشى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە يېپيېڭى تەرەققىيات كەيپىياتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ھېس قىلدۇق. جەمئىيىتىمىز پائال كۆۋرۈك بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. لى داشى دائىملاشقان ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر ـ تەكلىپلەرنى بەردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى شىنجاڭ بىلەن ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت