شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
10 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 4 ـ نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش تاماملاندى
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 10 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 4 ـ نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش خىزمىتى يېقىندا تولۇق تاماملاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش بىلەن «بىرگە بىر» قايتما ئىنكاس قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلىپ ئېلىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 19 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ئالاقىلىشىدىغان رايونلارنىڭ كۆزىتىش ئەھۋالى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 ـ نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالىدىن دوكلاتنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يولداش لى شىنىڭ مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇينىڭ شۇجى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا 4 ـ نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالىدىن دوكلاتنى ئاڭلىغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارغا كۆزىتىشتە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى ھەم رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە كۆزىتىش ئەھۋالى قايتما ئىنكاس قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرىگە كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىشقا قاتنىشىپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

قايتما ئىنكاس قىلىشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆزىتىشتىن بۇيان، كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە بەلگىلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

قايتما ئىنكاستا كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەر كەسكىن كۆرسىتىپ بېرىلدى: بەزىلىرىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى دېگەندەك ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر بولمىغان، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا پەرق بار، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلىشى دېگەندەك جايىدا بولمىغان، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر ساقلانغان؛ بەزىلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىشىدا پەرق بار، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى يەتكۈزۈشى يېتەرلىك بولمىغان، نۇقتىلىق ساھەلەردە پاكلىق جەھەتتىكى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش دېگەندەك كۈچلۈك بولمىغان، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ئىبارەت جاھىل ئىللەت تېخى يىلتىزىدىن تۈگىتىلمىگەن؛ بەزىلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى دېگەندەك جايىدا بولمىغان، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى تېخى ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلىشالمىغان، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارى دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەس؛ بەزىلىرىنىڭ كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزىتىشكە دائىر «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلىرى» دېگەندەك پۇختا بولمىغان، نەتىجىلەرنى تەتبىقلاشتا بىرقەدەر چوڭ پەرق مەۋجۇت.

قايتما ئىنكاس قىلىشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 ـ نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى پۇختا ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىر ـ بىرلەپ تەكشۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئاخىرغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەرلىرى»نى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ، چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بەنزىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

قايتما ئىنكاس قىلىشتا مۇنداق تەكىتلەندى: كۆزىتىشتە مەسىلە بايقاشتىكى مەقسەت مەسىلىنى ھەل قىلىش. كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تۈزىتىش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئەستايىدىل ئېچىپ، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، مەسىلىنىڭ ۋاقتى، خاراكتېرى، دائىرىسى، تەسىرىنى ئىلمىي پەرقلەندۈرۈپ، ئىلگىرىكى مەسىلىلەرگە قارىتا بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ تۈزىتىپ، ھازىرقى مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزىتىپ، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزىتىپ، ئىپادىسى تۆۋەندە، يىلتىزى يۇقىرىدا بولغان مەسىلىلەرنى يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ تۈزىتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تۈزىتىپ، نەتىجە ئارقىلىق سۆزلىشى، ئۈنۈم ئارقىلىق جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك. «بىرىنچى قول رەھبەر» باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىپ، تۈزىتىش لايىھەسى ۋە مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ تۈزۈپ، نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى يېتەكچىلىك قىلىپ بېجىرىپ، بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەنىڭ تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش ۋە تۈزۈملەشكەن نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش جەريانىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، پۇختا بولغان تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق كۆزىتىش ئۆتكۈر شەمشىرىنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

قايتما ئىنكاس قىلىشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تۈزىتىشكە بولغان دائىملىق نازارەتچىلىكنى ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئەپلەپ ـ سەپلەپ تۈزىتىش، ساختا تۈزىتىشكە قارىتا جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، كۆزىتىشتە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن مەسىلە، يىپ ئۇچىنى ئالدىن بېجىرىشى، دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىشىگە نۇقتىلىق تۈرتكە بولۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتىنى مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش نەتىجىسىنى رەھبەرلىك بەنزىسىنى يىللىق باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار كۆزىتىش نەتىجىسىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىشتە بايقالغان ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر تۈزۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈم ـ مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى بىرتۇتاش پىلانلاش ـ ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئەھۋاللارنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يەنە بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بەرگەن.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت