شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى مۇنداق ئىشلەش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

■شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە تەشكىلىي سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى سىجىل ئېشىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇلازىمەت ۋە كاپالەت ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆسۈپ، پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا باسقۇچلۇق ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇردى

■پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سۈپەتلىك راۋاجلاندۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى

■رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنى ئۆگىنىشى، پۇل مۇئامىلىنى بىلىشى، پۇل مۇئامىلىنى تەتبىقلىشى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تەخىرسىز بولماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پۇل مۇئامىلىنى بىلىش، پۇل مۇئامىلىنى تەتبىقلاش ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شۈ چىڭگۇاڭ

شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پۇل مۇئامىلىگە دائىر «بەش چوڭ ئىش»نى قانداق ياخشى قىلىش كېرەك؟ ياخشى بولغان پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيەسى ـ مۇھىتىنى قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟ پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە دىققەتنى نۇقتىلىق ھالدا قايسى ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك؟ مەركەز بىلەن يەرلىكتىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورنىنى قانداق پەرقلىق بېكىتىش كېرەك؟...

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاچقان تۇنجى قېتىملىق پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى كەلگۈسىدە، ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە قانداق قاراش، ئۇنى قانداق ئىشلەش كېرەكلىكى ھەققىدە بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇھىم سىگنال قويۇپ بېرىلدى.

پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە قانداق قاراش كېرەك

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە مۇقىم بولسا، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ. ئىقتىساد گۈللەنسە، پۇل مۇئامىلە گۈللىنىدۇ؛ ئىقتىساد كۈچەيسە، پۇل مۇئامىلە كۈچىيىدۇ. ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئىنتايىن مۇھىم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە تەشكىلىي سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى سىجىل ئېشىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇلازىمەت ۋە كاپالەت ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆسۈپ، پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا باسقۇچلۇق ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇردى.

شىنجاڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتقان «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ ئېيتساق، 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 1 تىرىليون 110 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى پەسىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %7.2 ئېشىپ، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسىنىڭ %34.8ىنى ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەرگە قارىتا كۆرۈنەرلىك قوللاش ئۈنۈمى نامايان بولدى.

بىراق شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان كەمتۈكلۈكلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك، مەسىلەن، قىسمەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولى يېتەرلىك ئەمەس، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، قاتارلىقلار.

نۇرغۇن ساھەگە ئوخشاش، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىمۇ ئوخشاشلا گەۋدىلىك. مەسىلەن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاساسلىقى شىمالىي شىنجاڭغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان، ئۈرۈمچىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى شىنجاڭ بويىچە ئومۇمىي مىقدارنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنداق پۇل مۇئامىلە بايلىقى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىسىز.

بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ بۇ مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشقىلى بولىدۇ.

پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش كېرەك

پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سۈپەتلىك راۋاجلاندۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى −

شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە بازار سىستېمىسىنى تېز قۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك بانكىلار ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى بانكىلار بىلەن يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچى، كۆپ قاتلاملىق پاي ھوقۇقى سېلىنمىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچى، پۇل مۇئامىلە كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بىر تەرەپتىن، پەن ـ تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇل مۇئامىلىسى، رەقەملىك پۇل مۇئامىلىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ ئىش»نى ياخشى قىلىش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى پۇل مۇئامىلە بىلەن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشنى كۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىپ، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىپ، خەلق پۇلى چېگرا ھالقىغان كەسىپىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك.

ياخشى بولغان پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيەسى ـ مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسلىقى دىققەتنى ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆزگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك: بىرىنچى، قانۇنچىللىق، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى قانۇنچىللىققا دائىر كەمتۈكلۈكنى تېز تولۇقلاش؛ ئىككىنچى، سەمىمىيلىك، سەمىمىي ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلار ئىسىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچى، مەدەنىيەت، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى سەمىمىي بولۇپ لەۋزىدە تۇرۇش، ئادىل يول بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش، سالماق، ئېھتىياتچان بولۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، قانۇن ـ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئاپپاراتلارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، ھەرىكەتنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، ئىقتىدارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، ئوچۇق شەكىلدە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، سىجىل نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش؛ يەرلىكنىڭ قەرزى، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، چوڭ تىپتىكى ئەمەلىي گەۋدە كارخانىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنى پائال، پۇختا تۈگىتىش كېرەك. تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشقا سەل قارايدىغان ۋەزىيەتنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشتا «ئۆتكۈر چىش ۋە تىكەن» بولۇش، كەسكىن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

پۇل مۇئامىلىنى ئۆگىنىش، پۇل مۇئامىلىنى بىلىش، پۇل مۇئامىلىنى تەتبىقلاش

پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە، ئاچقۇچى رەھبىرىي كادىرلاردا، مۇھىمى پۇل مۇئامىلىنى بىلىش، پۇل مۇئامىلىنى تەدبىقلاش ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە سېلىشتۇرغاندا، بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلە بىلىمى، پۇل مۇئامىلە تەپەككۇرى بىرقەدەر كەمچىل بولۇپ، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى، پۇل مۇئامىلە قورالى بىلەن مالىيە ـ باج، تۈر، كەسىپ قاتارلىق سىياسەتلەردىن تېخى ياخشى، ماس پايدىلىنالمايدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇلتۇر 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى باش ۋەزىپىدىكىلەرنى «مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، بۇنىڭدىكى مۇھىم مەقسەت ئاپتونوم رايون بويىچە ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنى ئۆگىنىشى، پۇل مۇئامىلىنى بىلىشى، پۇل مۇئامىلىنى تەتبىقلىشى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تەخىرسىز بولماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پۇل مۇئامىلىنى بىلىش، پۇل مۇئامىلىنى تەتبىقلاش ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۆگىنىش ئارقىلىق «پۇل مۇئامىلىنىڭ ئاساسى نېمە» «پۇل مۇئامىلىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مەقسىتى نېمە» «يەرلىكنىڭ قەرزىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ» «پۇل مۇئامىلىدىكى قالايمىقانچىلىقنى قانداق تۈزەش كېرەك» قاتارلىق بىر قاتار نەزەرىيە، ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئەمەلىيەت داۋامىدا پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى دەل جايىدا ئىشلىگىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە پۇل مۇئامىلىگە ئائىت قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىقتىساد قانۇنىيىتى، بازار قانۇنىيىتى، پۇل مۇئامىلە قانۇنىيىتى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، پېشانىگە ئۇرۇپلا تەدبىر بەلگىلەيدىغان، بۈگۈننى ئويلاپ ئەتىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان، پەشنى سۆكۈپ يەڭنى يامايدىغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئالىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئەندىزىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، دەل شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان پەيتى يېتىپ كەلدى، پۇرسىتى يېتىپ كەلدى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى يېڭى نەتىجە ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت