شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي نېفىت - تەبىئىي گاز كەسىپ تۈرلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

​نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك


5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇب گىرۋىكىدىكى جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ۋە تەبىئىي گاز زاپاس ساقلاش ئامبىرى تۈرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي گۇما ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان يېتەن 1 - قۇدۇقىنى بۇرغىلاش نەق مەيدانىغا كېلىپ، رايون بۆلىكىنىڭ بايلىق زاپىسى، چارلاش - ئېچىش سۈرئىتى، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، گۇما\قاغىلىق، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇب گىرۋىكىدىكى جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ۋە تەبىئىي گاز زاپاس ساقلاش ئامبىرى تۈرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق» ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، دادىل - ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل ئېنېرگىيە بايلىقىنى دۆلەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. خوتەن، قەشقەر ۋىلايىتى سانائەت تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش سالمىقىنى زورايتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

تارىم ئويمانلىقىدىكى قاغىلىق - گۇما رايون بۆلىكىدە نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا. گۇما ناھىيەسى تەۋەسىدىكى يېتەن 1 - قۇدۇقى بۇ يىل 1 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ما شىڭرۇي قۇدۇق بۇرغىلاش نەق مەيدانىغا كېلىپ، رايون بۆلىكىنىڭ بايلىق زاپىسى، چارلاش - ئېچىش سۈرئىتى، ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، ئېچىش - يەتكۈزۈش ۋە پىششىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلگىرىلەشلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان، يەرلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىش بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەزى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىدا ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسىدە مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەبلەغ ۋە كۈچ سېلىنمىسىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، نېفىت قۇدۇقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي نەق مەيداندا گۇما ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇلارنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى كۆكيار تەبىئىي گاز ساقلاش ئىسكىلاتى تارىم نېفىتلىكىدىكى تۇنجى تەبىئىي گاز ساقلاش ئىسكىلاتى بولۇپ، رايوننىڭ تەبىئىي گاز ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە تەبىئىي گاز بىلەن جىددىي تەمىنلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ما شىڭرۇي نەق مەيداندا تەبىئىي گاز ساقلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن تۈر قۇرۇلۇشى ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى، باھاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈرنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەبىئىي گازنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش، تەبىئىي گاز ئېلىش مەشغۇلاتىنى تەڭشەش ۋە ئالماشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تەڭشەپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي ساقلاش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا زىچ ئۇدۇللىشىپ، تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەبىئىي گاز بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گازدىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىشتىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ مۇقىم، يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشتا، نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چارلاپ، قېزىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەتنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۈردە شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، بايلىقنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قىممەتنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور بوشلۇق ئېچىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سانائەت ئىقتىسادىدا تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كۈچى، تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، قەلبلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، بىر كەسىپنى يېتىلدۈرۈش، بىر جاينىڭ ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇش، بىر جاينىڭ پۇقرالىرىغا بەخت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت