شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولايلى
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□شىن شىجيەن

ئەينەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش... پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامىنى قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

«ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتكەندە، ئىنقىلاب جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ.» ئىنتىزام چىڭ بولۇش پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بوران - چاپقۇن، ھەتتا شىددەتلىك دولقۇنلارنىڭ زور خىرىسى ئالدىدا، جەزمەن ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا سەل قاراش، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ خەۋپىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامدىن ئىبارەت پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى بۇ «ئۆلچەم»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئەينەن ئۆگىنىش كېرەك. بۇ قېتىمقى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، ئۆگىنىدىغان ئاساسلىق مەزمۇن يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دىن ئىبارەت. يېڭى نۇسخىدىكى «نىزام» جەمئىي ئۈچ قىسىم، 11 باب، 158 ماددا بولۇپ، 20 مىڭ خەتتىن ئاشىدۇ، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي، تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، ماددىمۇماددا كۆرۈپ چىققاندا نۇرغۇن كىشىنىڭ يۈرىكى بىرنەچچە قېتىم «قارتتىدە» قىلىدۇ. ھەربىر قېتىم «قارتتىدە» قىلغاندا، «ئۆلچىمى» تېخىمۇ قاتتىقلىشىدۇ، «توسمىسى» تېخىمۇ ئېگىزلەيدۇ. جەزمەن بابمۇباب، ماددىمۇماددا، جۈملىمۇجۈملە، خەتمۇخەت ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، قائىدىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى قەلبكە پۈكۈپ، ئىچكى جەھەتتە سۆز - ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىبرەت تەربىيەسى ئەڭ ياخشى «سەگىتىش دورىسى»، تىپىك دېلو مىساللىرى ئەڭ ياخشى «دەرسلىك». ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، ئىبرەت تەربىيەسى بازىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، قاراتمىلىق ھالدا ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بۇنىڭدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، سەگەك بولۇپ، تۆۋەن چەكنى بىلىپ، ئەيمىنىشنى بىلىپ، ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلىپ، ئۆزىگە تەلەپچان بولۇش داۋامىدا «پولاتتەك تەن»نى تاۋلاپ چىقىپ، سىياسىي ئىرادىسى، ئىنتىزام ئىرادىسى، ئەخلاق ئىرادىسى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئوبيېكتى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئاچقۇچلۇق رولى»نى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، ئۇلاردا «ھەر كۈنى ئۆزى ئۈستىدە قايتا - قايتا ئويلىنىدىغان» ئاڭلىقلىق، تەلەپچانلىق بولۇشى كېرەك، ئۆزىگە تەتبىقلاپ، مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاپ، خىزمىتىگە تەتبىقلاپ، دائىم پارتىيە ئىنتىزامى، قائىدىسى ئارقىلىق «ئەينەككە قاراپ، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ»، ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەم ئىش - ھەرىكىتى قائىدىلىك بولغان، ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى، تەسىرات ماقالىسى يېزىش قاتارلىقلارغا قاتتىق تەلەپ قويماسلىق، ئىز قالدۇرۇپ باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلماسلىق، ئارخىپ تەكشۈرمەسلىك، ئاساسىي قاتلامنىڭ ماتېرىيال تولدۇرۇشىنى تەلەپ قىلماسلىق، زۆرۈرىيىتى يوق بولغان شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، «ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت»نى خالىغانچە قوشۇۋالماسلىق، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك كېرەك، ھەرقايسى ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

ئىنتىزام قاتتىق بولسا پاك، دۇرۇس بولغىلى بولىدۇ، پاك، دۇرۇس بولسا مەقسەت بىردەك بولىدۇ، مەقسەت بىردەك بولسا ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق ئىرادىنى مۇجەسسەملەپ، ئىستىلنى تاۋلاپ، قوشۇننى چېنىقتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: 热西达·马木提