شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭدىن سەككىز ئورۇن مەملىكەت بويىچە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئاممىۋى ئاپپارات دېگەن نامغا ئېرىشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : ئانار بۇلۇت

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر) 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىكتە 2024- يىلىدىن 2026- يىلىغىچە بولغان مەملىكەت بويىچە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئاممىۋى ئاپپاراتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 251 ئورۇن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئاممىۋى ئاپپارات قىلىپ بېكىتىلگەن، شىنجاڭدىن سەككىز ئورۇن تىزىملىككە كىرگەن.

  بۇ سەككىز ئورۇن ئايرىم- ئايرىم ھالدا: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ، قومۇل يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، قاراماي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىن ئىبارەت.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت