شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى زۇڭلى لى چياڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى زۇڭلى لى چياڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەركەزنىڭ يېڭى دەۋر پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەتلەرگە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشىغا قويۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئاكتىپ ھالىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى پائال ياخشى سۆزلەپ، تاشقى دوستانە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان زور ئۈمىدى، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى ۋە يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى چياڭنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئۈستۈنلۈكى، شارائىتىغا قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىق بايلىقلارنىڭ مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئۆز جايىدا پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش، كۆمۈردىن ماي - گاز ئېلىش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، سىجىل تۈردە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قېزىپ، كېڭەيتىپ، يېمەكلىك كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، چېگرا بويىدىكى كەسىپ باغچە رايونلىرىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش دەرىجىسى ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، پورتلارنىڭ توشۇش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىمنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش يۆنىلىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قاتلام خىزمەت كۈچىنى تولۇقلاپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ قېلىپلاشقان، تەشكىللىك، كەسىپلەشكەن، دائىملىق قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تەمىنلەش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان، قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت