شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 5 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىغا ھوقۇق بېرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەم ۋەزىپە تەقسىملەش توغرىسىدىكى قارارنى ئوقۇدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىشنى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، سىياسىي كۆزىتىشنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ماسلاشقان - تۇتاشقان ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم كۆزىتىش دوكلاتىنى ئاڭلاپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنىڭ قېلىپلىشىش، قانۇنچىللىشىش، مۇنتىزىملىشىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ، تەرتىپلەشتۈرۈپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. سىياسىي كۆزىتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كۆزىتىشنىڭ سىياسىي كۆزىتىش ئىكەنلىكى، ماھىيەتتە سىياسىي نازارەتچىلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى كۆزىتىش خىزمىتىدىكى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتكە چىڭ قادىلىپ، ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىل ئاخىرغىچە داۋاملىشىشىغا، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆزىتىش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆزىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، دائىملىق كۆزىتىشنى مەخسۇس كۆزىتىش، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن كۆزىتىش، جانلىق كۆزىتىش، كۆزىتىش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سۈرئەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، رىتىم ۋە سالماقنى ئىگىلەپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئالاقىلىشىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ياكى مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس يىغىنىغا قاتنىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى ھەقىقىي چىڭىتىش كېرەك. تۈزىتىش تۈزۈمى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، ھەقىقىي تۈزىتىپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى ياخشى قىلىش كېرەك. خىزمەتتە ھەمتۈرتكە بولۇش ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنىڭ باشقا نازارەتچىلىك بىلەن تۇتىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كۆزىتىش - تەكشۈرۈش پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. قاتتىق ئۆلچەم ۋە تەلەپنى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان كۆزىتىش - تەكشۈرۈش قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزام ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، ئىلمىي، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قانات يايدۇرغان تۇنجى قېتىملىق كۆزىتىش. تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈم يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا مەسىلىلەرنى بايقاش، چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆزىتىش نازارەتچىلىكىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، دائىملىق كۆزىتىشتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش كېرەك، «قايتا قاراپ چىقىش» خىزمىتىدە مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، كۆزىتىش نازارەتچىلىكى ۋە باشقا نازارەتچىلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىگە بولغان نازارەتچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇش، پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش بىرىكمە كۈچىنى ئۈنۈملۈك شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىدە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تيەن شياڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ جيەنشىن، جىن جىجېن، دۇ خۇڭيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 5 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت