شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى قەلبىگە پۈكۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئويلاش
يوللانغان ۋاقىت :2024-05-08 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− 2024 - يىلى ئەتىياز پەسلىدىكى جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ يىجۈن، جۇ چاۋ، فېڭ شىنرەن، شاۋ يىبو

2024 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى باش ياز. رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان بېيجىڭدىن ئۇچۇپ، بۇلۇت - تۇمانلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئون مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى فىرانسىيە پايتەختى پارىژغا قاراپ ئۇچتى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى سۇليوك ۋە زۇڭلىسى ئورباننىڭ تەكلىپى بىلەن، 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

بۇ يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاشقى ئىشلار كۈنتەرتىپى ئىنتايىن ئالدىراش بولدى، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيە پائالىيىتى قالتىس، مول نەتىجىلىك بولدى. مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش. 2024 - يىلى باھاردا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پىلانلىشى، يېتەكچىلىكىدە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە قېنىق، رەڭدار يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى.

«ھەممىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ روشەن خىسلىتى»

3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيى چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىراش مەنزىرىسىگە يەنە بىر قېتىم گۇۋاھ بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ جايدا ئامېرىكا سودا - سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىلىم ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇتتې، سىرى لانكا زۇڭلىسى گۇنناۋاردېنا بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى −

بىرلا ۋاقىتتا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا تەرەپنىڭ 20گە يېقىن مۇھىم ئەربابى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ چۈشەندۈردى: «ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپنى ھەمراھ دەپ قاراپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچ بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالسىلا، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ»؛

گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى توغرىسىدا يەنە توختالدى: «بىرى يېڭىپ، بىرى يېڭىلىدىغان، قارا بولمىسا چوقۇم ئاقلا دەيدىغان ئىككى مەنبەلىك قارشىلىشىش تەپەككۇرىنىڭ ئاللىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتتى، ھەقىقىي بىخەتەر بولغان دۇنيا چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ئۆزئارا تايىنىدىغان دۇنيا بولۇشى كېرەك»؛

سىرى لانكا زۇڭلىسى گۇنناۋاردېنا بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ «مۇستەقىل ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش»تىن ئىبارەت «گۈرۈچ - كاۋچۇك كېلىشىمى» روھىنى تىلغا ئالدى: «جۇڭگو بىلەن سىرى لانكىنىڭ ئۆزئارا سەمىمىي ياردەم بېرىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك»...

بۇ يىل ئەتىيازدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاشقى ئىشلار پائالىيىتى نەچچە ئون مەيدانغا يەتتى. زىچ بولغان دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيە كۈنتەرتىپى مول ھوسۇلغا تولغان باھارنى ھاسىل قىلىپ، شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى قەلبىگە پۈكۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئويلاشتەك دىپلوماتىيە سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭغا لايىق سالاپىتى بولۇشى، چوڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك. تۈرلۈك يەرشارىۋى خىرىسلار ئالدىدا، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ياكى قارشىلىشىش ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشتى. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى 45 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى ئەسلىگەندە، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەت رەقىب بولماستىن، بەلكى ھەمراھ بولۇشى كېرەك؛ بىر - بىرىگە زىيان يەتكۈزمەستىن، بەلكى بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك؛ يامان غەرەزدە رىقابەتلەشمەستىن، بەلكى ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك؛ دېگىنى بىلەن قىلغىنى ئىككى خىل بولماستىن، بەلكى گېپى گەپ بولۇشى، ئىشى نەتىجىلىك بولۇشى كېرەك.

بۇلتۇر 11 - ئايدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىن بۇيان، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇقىم ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، لېكىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى پاسسىپ ئامىللارمۇ ناھايىتى گەۋدىلىك بولدى. بۇ يىل ئامېرىكا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزىدىغان يىل، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ شاۋقۇنغا دۇچ كەلدى.

4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن تېلېفونلىشىپ، بۇ يىللىق جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان بىرقانچە چوڭ پىرىنسىپ − ئىناقلىقنى ئەلا بىلىش، مۇقىملىقنى مۇھىم بىلىش، ئىشەنچنى ئاساس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئىككى چوڭ دۆلەت بېرىش - كېلىش قىلمىسا، ئالاقە قىلمىسا بولمايدۇ، توقۇنۇشسا، قارشىلاشسا تېخىمۇ بولمايدۇ، شۇڭا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچ بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىپ، داۋاملىق تۈردە مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئارقىغا قايتماسلىقى كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ھەم ئۆتمۈشنى خۇلاسىلىدى، ھەم كەلگۈسى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 2024 - يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا باھار بايرىمىلىق سالام يوللىدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئەسلىسەك، بىز بىرلىكتە نۇرغۇن بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈردۇق. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، زۇڭتۇڭ پۇتىن سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن كۈنى رەئىس شى جىنپىڭ دەرھال تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى. 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى. دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ياۋروپا كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشتىن جۇڭگو - گېرمانىيە رەھبەرلىرى دياۋيۈتەيدە سەيلە قىلىشقىچە، يەنە رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقىچە، مۇھىم يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بىرقاتار ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇشى كىشىلەرنى جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئۈمىدكە تولدۇردى.

ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو ئايرىلماس قوشنا، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەبىئىي ھەمراھى.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ھىندونېزىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پرابوۋو بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، پرابوۋونىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغىنىغا ئەمدىلا ئون نەچچە كۈن بولغانىدى.

ئۆتكەن 10 يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى جوكونىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىي قىلدى. جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى قاتارلىق بىر قاتار مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولدى، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان پرابوۋو مۇنداق بىلدۈردى: «تېخىمۇ قويۇق بولغان ھىندونېزىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تامامەن قوللايمەن».

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ھىندونېزىيە بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ۋە يەرشارىۋى تەسىرگە ئىگە جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ».

ناۋرۇ تىنچ ئوكياندىكى بىر مەرۋايىت. بۇ يىل 1 - ئايدا، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا، جۇڭگو بىلەن ناۋرۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز راۋاجلاندى. 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ناۋرۇ زۇڭتۇڭى ئادىئاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

«جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر دۆلەتلەر چوڭ - كىچىك، كۈچلۈك - ئاجىز، باي - نامرات دەپ ئايرىلمايدۇ، ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر بىر ئەزاسى دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى» «جۇڭگو - ناۋرۇ مۇناسىۋىتى بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، باراۋەر بولۇش ئاساسىدا ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، بىر - بىرىنى قوللايدىغان مۇناسىۋەت» «ناۋرۇنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئاساستا ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ھەممىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتەك روشەن خىسلىتىنى، ئادىللىق، ھەققانىيلىققا بولغان قەتئىي ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى.

دەل رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «دوستلۇق ئىلگىرى - كېيىن دەپ ئايرىلمايدۇ، پەقەت باشلانسىلا، پارلاق ئىستىقبالى بولىدۇ. ھەمكارلىق چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ، پەقەت سەمىمىي بولغاندىلا، مول نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.» بۇ باھاردا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن زىچ ھەمتۈرتكە بولدى، ئاسىيا قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسى، ياۋروپا قىتئەسى، ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكيانىيە قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلار كەينى - كەينىدىن كەلدى.

3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو بىلەن جۇڭگو - ئانگولا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

«ھازىر، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، مەيلى يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ياكى تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشتە بولسۇن، يەرشارىنىڭ جەنۇبى كەم بولماسلىقى كېرەك. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئالغا سىلجىتىش يولىدىكى ئىشەنچلىك دوستى ۋە سەمىمىي ھەمراھى.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەردانە، جاراڭلىق ئىدى.

زۇڭتۇڭ لورېنسو مۇنداق دېدى: «جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، ئۆز ئۆيىمىزدە تۇرغاندەك تۇيغۇدا بولدۇق»؛ سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئاۋ خۇشال ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: «گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ سېررالېئونغا قايتىمىز»؛ دومىنىكا زۇڭلىسى سىكەررېت سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ مەدىتى ۋە ھەمكارلىقىنى دومىنىكانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ»؛ مالدىۋې زۇڭتۇڭى مۇئىززۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مالدىۋې - جۇڭگو ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش مالدىۋې خەلقىنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى»...

دۇنيانى قەلبىگە پۈككەنلەرنىڭ ھەممىلا يەردە دوستى بار. چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەش، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىلەن گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش... دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى سىجىل چوڭقۇرلاشتى.

«<ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش>نىڭ چىقىش يولى يوق، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش بىردىنبىر تاللاش»

4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن ئۇچراشتى. كۆرۈشۈش، سەيلە قىلىش، چۈشلۈك تاماق... جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ئىككى تەرەپ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دۇنيادىكى 2 -، 3 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر ئىككىلىسى ئەمەلىي كەسىپكە تايىنىپ قەد كۆتۈرگەن، ھەر ئىككىلىسى ئەركىن سودا ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قوللايدۇ. يەرشارىۋى سودىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېڭى ئەھۋالى ۋە يېڭى ئۆزگىرىشىگە قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككى تەرەپ قورۇقچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك» «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت روشەن خاسلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك».

دەل بىر ئاي ئىلگىرى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ خۇنەنگە باردى. 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو - گېرمانىيە شېرىكچىلىكىدىكى باسف شەنشەن باتارېيە ماتېرىيالى چەكلىك شىركىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىمىز».

چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كۆرۈنۈش ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئىدىيەسى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى.

«تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش ئۆزگەرمەيدۇ، <ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش>نىڭ چىقىش يولى يوق، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش بىردىنبىر تاللاش.» خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تەڭ نەپ ئېلىشنى كۆزلەپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم يىل. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلەر كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىندى.

سىنگاپور، تايلاند بىلەن ئىمزالىغان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى؛ 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ، شىۋېيتسارىيە، ئىرېلاندىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، ليۇكسېمبۇرگتىن ئىبارەت ئالتە دۆلەتكە قارىتا ئادەتتىكى پاسپورتى بارلارغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى؛ چېگرا سىرتىدىن جۇڭگوغا كەلگەنلەرنىڭ چىقىم قىلىشىنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى... ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىۋاتقان سىياسەت - تەدبىرلەر جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش جەھەتتىكى سەمىمىيىتىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا جۇڭگو - چەت ئەل دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

«يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەرىكەت لايىھەسى» چىقىرىلدى، پۈتۈن مەملىكەت نۇسخىسىدىكى چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت - سودا پاسسىپ تىزىملىكى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى... كۆپ تۈرلۈك ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى تېز ئەمەلىيلىشىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرى ئارقىلىق ئېرىشكىنى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشى، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشى بولدى. بۇ باھاردا، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، جۇڭگوغا سودا پۇرسىتى ئىزدەپ كەلگەن دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2024 - يىل يىللىق يىغىنى باشلاندى، نۇرغۇن چەت ئەللىك كارخانىچىلار خەينەنگە جەم بولدى. شۇ كۈنى، «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» بويىچە تۇنجى مەيدان بەلگە خاراكتېرلىك پائالىيەت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 140تىن ئارتۇق كارخانىچى ۋە چەت ئەلنىڭ جۇڭگودىكى سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرىنىڭ 2024 - يىل يىللىق يىغىنى ئەمدىلا يېپىلغان بولۇپ، يۈزگە يېقىن دۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى مۇنبەرگە قاتناشتى.

زۇڭلى شولىز جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، يۈزدىن ئارتۇق شىركەت ھەمراھ بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن ئورۇن «تالاشتى»، ئاخىرىدا شىمېنزى، باۋما، بېنچى، بەيئېر قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسى»نى ئالدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چۇڭچىڭ، شاڭخەي، بېيجىڭدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەردە زىيارەتتە بولدى، داڭلىق دۆلەت ھالقىغان كارخانىلار جۇڭگوغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدىدى.

جۇڭگو بازىرى پۈتۈن دۇنيادىكى كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۈزلۈكسىز تارتتى، «داۋاملىق جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش، جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش، جۇڭگودا نەپ ئېلىش»، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ قەتئىي ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

بۇ يىل 1 - پەسىلدە، جۇڭگودا يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 12 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.7 ئاشتى؛ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ سوممىسى 301 مىليارد 670 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، 2023 - يىلىنىڭ 4 - پەسلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا سېلىشتۇرما نىسبىتى %41.7 ئاشتى. 1 - پەسىلدە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى. نۇرغۇن خەلقئارا ئاپپاراتلار بەس - بەستە جۇڭگونىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش كۆزلىمىسىنى يۇقىرىغا تەڭشىدى.

ئاتالمىش «جۇڭگو چوققىغا يەتتى سەپسەتىسى»گە قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، ئىلگىرى <جۇڭگو گۇمران بولۇش سەپسەتىسى> سەۋەبلىك گۇمران بولمىدى، بۈگۈنمۇ <جۇڭگو چوققىغا يەتتى سەپسەتىسى> سەۋەبلىك چوققىدا توختاپ قالمايدۇ».

يېقىندىن بۇيان غەربتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» تېمىسىنى كۆپتۈرۈشىگە قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىپ، يەرشارىۋى تەمىناتنى بېيىتىپ، يەرشارىۋى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە غايەت زور تۆھپە قوشتى»، «بازار نەزەر دائىرىسى ۋە يەرشارىۋى نەزەر ئارقىلىق، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتتىن چىقىش قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسىگە ئوبيېكتىپ، دىيالېكتىك مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىق توغرىسىدا كۆپرەك مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك».

ئىخچام، مېغىزلىق سۆزلەر بىر چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتىنى چوڭقۇر ئويلايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

«ئۆز دۆلىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» نۇقتىسىدىن قارىغاندا، دۇنيا تار، قىستاڭچىلىقتىن خالىي بولالمايدۇ؛ تەقدىرداش بولۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەممە يەردە ھەمكارلىق پۇرسىتى بار −

بېيجىڭدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو چوڭقۇر ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: ئانگولا - جۇڭگو ھەمكارلىقى «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ»، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئانگولاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، ئانگولانىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ گۈللەندۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىمىز؛

مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى سىمىنا جۇڭگودا سەككىز كۈن زىيارەتتە بولۇپ، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ قاتارلىق نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ زىيارەتتە بولدى، دوست ئۆلكە - ئىشتات، دېڭىز - ئوكيان بېلىقچىلىقى، داۋالاش - مائارىپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛

سۇرىنام زۇڭتۇڭى سانتوكى سەمىمىي ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى قاتارلىق مۇھىم يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى، بۇنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور، سۇرىنام تەرەپ بۇنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ؛

...

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشىدا، جۇڭگو ھەم قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ھەم باغرىنى كەڭ ئېچىپ دۇنياغا بەخت ياراتتى. تېخىمۇ كۆپ دۆلەت خەلقى جۇڭگودىن دۇنيانىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ باشتىن - ئاخىر داغدام يول ئىكەنلىكىنى كۆردى.

«تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىمىز»

100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن داۋالغۇش مەزگىلىگە كىردى. كىلىمات ئۆزگىرىشى، جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش، ئىشەنچ كەمچىل بولۇش، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق... تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئالدىدا، كىشىلەر جۇڭگو لايىھەسىنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، خەلق سارىيى. رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيە مەرىيئو فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەرىيئو ئەر - خوتۇن بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

خەلقئارادىكى دوستلار بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ، ئۇرۇشنى توختىتىپ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ».

خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش تەرىپىدە تۇرۇپ كەلدى، ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە ئالاقىدار تەرەپ ئەمەس، قاتناشقۇچى تەرەپ ئەمەس، لېكىن ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ياراشتۇرۇۋاتىدۇ ۋە سۆھبەتلىشىشكە ئۈندەۋاتىدۇ. كىرىزىس ئومۇميۈزلۈك كەسكىنلەشكەندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «تۆت كېرەك» «تۆت ئورتاق» «ئۈچ نۇقتىلىق ئويلىنىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزى بىۋاسىتە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا - ئاسىيا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلىنى ئەۋەتىپ ئىككى نۆۋەت ئالدىراش دىپلوماتىيەنى قانات يايدۇردى.

4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى بالدۇرراق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە «تۆتنى قىلىش، تۆتنى قىلماسلىق» پىرىنسىپىنى ئىگىلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچىدىن، تىنچلىق، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەسلىك كېرەك. ئىككىنچىدىن، ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماسلىق كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش، زىددىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك. تۆتىنچىدىن، دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان پاسسىپ تەسىرنى ئازايتىش، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق كېرەك.

نۇرغۇن خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە، جۇڭگو تىنچلىقنى قوغداش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار قارارلارنى ماقۇللىشىغا تۈرتكە بولۇپ، غەززە رايونىنى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن سىجىل تەمىنلەپ، پەلەستىندىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىچكى يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئىچكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بەردى؛ ياراشتۇرۇش ئارقىلىق بىرمىدىكى توقۇنۇشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يۈننەن كۇنمىڭدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، رەسمىي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش قاتارلىق مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى...

ئىراندا، رۇسىيەدە يۈزبەرگەن ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ چىلىدىكى تاغدا يۈزبەرگەن ئېغىر ئوت ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن چىلى زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا ئىلھام بەردى... باشقا دۆلەتلەر زور ھادىسىگە ئۇچرىغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەمىشە بىرىنچى ۋاقىتتا تېلېگرامما ئەۋەتىپ ھال سورىدى. چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ دۇنياۋى مۇھەببىتى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى.

«يەرشارى مۇشۇنداق چوڭ، ئىنسانلار شۇنچە كۆپ ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگودا قەدىمكىلەر <بىر كېمىدىكىلەر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش>نى ئوتتۇرىغا قويغان، مېنىڭچە ھازىر <يەرشارىدىكىلەر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش>ى زۆرۈر» «ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىر - بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ھالاۋەتتىن تەڭ بەھرىلىنىپ، جاپادا ھەمدەم بولىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان»... ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى قايتا - قايتا بايان قىلىپ، دەۋر سوئالىغا، دۇنيا سوئالىغا جاۋاب بېرىدىغان جۇڭگو لايىھەسىنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈردى.

بۇ باھاردا، جۇڭگو يەنە تىنچ ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدىن كەلگەن تۈركۈم - تۈركۈم كىچىك مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، «ئۈمىدكە تولغان دالىدا» ناملىق ناخشا چىڭخۇا داشۆ قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ياڭرىدى. ئامېرىكا لىنكولن ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە سىتېلاكوم ئوتتۇرا مەكتىپىدىن كەلگەن ساۋاقداشلار بۇ شوخ ھەم چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان جۇڭگو تىلى ناخشىسىنى جۇڭگولۇق دوستلارغا سوۋغا قىلدى. يېقىملىق ناخشا ئاۋازى مەيداندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«دوستلۇق! جۇڭگودا ئېرىشكەن ئەڭ زور ھاسىلاتىمىز جەزمەنكى دوستلۇق بولىدۇ.» لىنكولن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جېك ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك چۆرىدىشىپ تۇرۇپ ياڭراق ئاۋازدا ناخشا ئېيتتۇق، بۇ بەك قالتىس بولدى! شۇ دەقىقىدە مەن ئەسلىدە بىزنىڭ ئورتاقلىقىمىزنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم».

بۇلتۇر 11 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا جۇڭگو تەرەپنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى 20 نەچچە ئامېرىكىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولدى. ئارقىدىن، كۆپ تۈركۈمدىكى دوستلۇق كىچىك ئەلچىسى ئوكيان ھالقىپ ئارقا - ئارقىدىن زىيارەتكە كېلىپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگونى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

«جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كەلگۈسى ياشلاردا، ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كۆپەيدى، سودا - سانائەت ساھەسى ۋە يەرلىك ئۆلكە، ئىشتاتلار ئارا بېرىش - كېلىش قويۇقلاشتى، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى جانلاندى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە جەھەتتىكى ھەمتۈرتكىلىك قىزىپ كەتتى، مۈشۈكئېيىقنى قوغداش ھەمكارلىقى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك سىياسىي ئارازلىقنى تۈگىتىش، خەلق ئارىسىدىكى رىشتىنى چىڭىتىش ئۈچۈن يوللارنى كېڭەيتتى، ئىشەنچ قوشتى.

تېلېگراممىلار، خەت - چەكلەر چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن بولغان سەمىمىي دوستلۇقىنى تۇتاشتۇردى −

فىنلاندىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان سىتۇب، پاكىستاننىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغان شاھباز قاتارلىق چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ سايلانغانلىقىنى تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساغلام، مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ياخشى ئارزۇسىنى بىلدۈردى؛ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7 - نۆۋەتلىك نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ بېيجىڭ قاتناش داشۆسىدىكى كېنىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ھەم مەكتەپداشلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇردى...

يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ. ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنە باھار كۈنلىرى ئىدى، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ تىنچ - ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەردە بىللە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچ، خاتىرجەم بولۇشىنى قوغداشتىن ئىبارەت مەيدانى، تەشەببۇسىنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئايرىلماس خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇلتۇر، ئوخشاشلا ئۈمىد نۇرلىرىغا تولغان باھار مەزگىلىدە، «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى نەزەرىيەسى» «مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكى نەزەرىيەسى» قاتارلىق سەپسەتىلەرگە قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈشىگە، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈشىگە، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئەۋزەللىك تۇيغۇسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى.

جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى بارغانسېرى كەڭ دائىرىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىنماقتا. خۇددى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئانتىگۋا ۋە باربۇدا زۇڭلىسى بروۋن ئېيتقاندەك، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك ئارزۇغا پائال تۈرتكە بولدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلققە بەخت يارىتىپ، دۇنيادا تەڭداشسىز رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە چاقىرىق كۈچىنى نامايان قىلدى.

1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، خەلق سارىيىدا، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن 42 باش ئەلچىسى ئاق مەرمەر پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرىغا چىقىپ، «تاغ - دەريالار شۇنچە گۈزەل» ناملىق غايەت زور تام رەسىمى ئالدىدا رەئىس شى جىنپىڭغا بىر - بىرلەپ دۆلەت خېتى تاپشۇردى.

بېيجىڭ زالىدا، ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ ئۈمىدكە تولغان نەزەرى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ قەتئىي، كۈچلۈك قىلىپ مۇنداق جاكارلىدى: «بۈگۈنكى دۇنيا تىنچ ئەمەس، جۇڭگو بۇرۇنقىدەكلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئويلاپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىدۇ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىدۇ».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت