شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، نىزام چىقىرىش تۇنجى قەدىمى ياخشى بېسىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-29 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

«قانۇنچىللىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.» 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى»نى چۈشەندۈرگەندە شۇنداق دېدى. شىنجاڭدىكى بىر قەدىمىي شەھەرنى قوغداش ئۈچۈن مەخسۇس تۈزۈلگەن تۇنجى نىزام بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامىنىڭ چىقىرىلىشى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا قانۇنغا تايىنىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتا ئۆلچەمگە تايىنىش كېرەك. يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر تۈركۈم يەرلىك نىزاملارنى چىقىرىپ، ئەمەلىي «نىزام چىقىرىش نەتىجە قەغىزى» تاپشۇرۇپ، جەمئىيەتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنى قوغداپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلىدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىش

باش باھار مەزگىلىدە، باغراش كۆلىگە توپ - توپ شادىپاچاق لايخورەكلەر ئۇچۇپ كېلىپ، كۆپلىگەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى بۇ جايغا كېلىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

شادىپاچاق لايخورەك سۇ مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىدىغان ھايۋانلارنىڭ بىرى. ئۇلارنىڭ كېلىشى شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى.

سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭ سۇ بايلىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئىزچىل ياخشى ئىشلەپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۈنۈملۈك ۋاسىتە دەل قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سۇ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىشتىن ئىبارەت.

2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ چىن مۇنداق دېدى: «چارە» ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر ئۇنىۋېرسال نىزام چىقىرىشتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

نىزام خەلق ئۈچۈن چىقىرىلىدۇ. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسى باغراش ناھىيەلىك شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ يى مۇنداق دېدى: بايىنغولىن ئوبلاستى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىپ - تۈزەپ، «بۇلغىما مەنبەسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا قەتئىي يول قويماي، پۇقرالار ئۈچۈن سۈزۈك سۇ ۋە يېشىل قىرغاقنى، بېلىقلار سۇدا بەخىرامان ئۈزۈۋاتقان ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىدۇ».

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ھازىر شىنجاڭدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تەسىرلىك ھېكايىلەر ھەر كۈنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بارلىققا كېلىۋاتىدۇ.

4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى روزا ھېيت كۈنى، تېكەس ناھىيەسىدىكى ئاھالە شېن جيەنجيانىڭ ئۆيىدىن خۇشال ناخشا، كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئۇ ياردەم قىلىپ يۆلەۋاتقان، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىۋاتقان ھەر مىللەت بالىلار ئۇنى يوقلاپ كەلگەنىدى. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، شېن جيەنجيا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 13 مىللەتتىن بولغان 176 بالىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا چىن كۆڭلى بىلەن ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، بۇ، شۇ جايدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى داستانىغا ئايلاندى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جانلىق مەنزىرىسى قانۇنچىللىقنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. قانداق قىلغاندا مىللەتلەر رايونىنىڭ خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلىغىلى بولىدۇ؟

2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۇنجى يەرلىك نىزام «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» چىقىرىلدى. ئىلى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نىياز ھاشىم مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نىزامدا ھازىر بار بولغان ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللار رەتلەپ چىقىلغان، تاۋلانغان، پۇختىلانغان بولۇپ، نىزام ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشكە پايدىلىق.

«كىچىك، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، جانلىق» نىزام چىقىرىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش

بىر مەزگىل، قاراماي شەھىرىدىكى بەزى باغچە، مەيدانلارنىڭ يول يۈزىگە سىلىق مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان بولۇپ، قارىماققا كۆركەم كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن قىش پەسلىدە، بۇ نۇرغۇن ئاممىنىڭ يول يۈرۈشىدىكى باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالدى. «قار ياغسىلا، بۇ جايلار مۇز مەيدانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بەك تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ» دېدى قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چاڭ فۇجياڭ.

«شەھەر يول يۈزىنى تېيىلمايدىغان قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ناھايىتى زۆرۈر.» ئامما ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارغا قارىتا، چاڭ فۇجياڭ قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ توققۇز ۋەكىلى بىلەن بىرلىشىپ، بۇ جايدىكى شەھەر رايونىدا يول يۈزىنى تېيىلمايدىغان قىلىش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

بۇلتۇر يىل بېشىدا، ئۇلار «شەھەر يول يۈزىنى تېيىلمايدىغان قىلىش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى تاپشۇردى، بۇ، قاراماي شەھىرىنىڭ 2023 - يىللىق نۇقتىلىق نىزام چىقىرىش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. جوۋ چىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراماي شەھىرىنىڭ «كىچىك، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، جانلىق» نىزام چىقىرىش جەھەتتە باشلامچىلىق بىلەن ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ.

2023 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، «قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا يول يۈزىنى تېيىلمايدىغان قىلىش بەلگىلىمىسى» ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىدا تەستىقلىنىپ ماقۇللاندى، 2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، تولۇق تېكىستى ئاران يەتتە ماددا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «كىچىك، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، جانلىق» نىزام چىقىرىش مۇقەددىمىسىنى ئېچىپلا قالماي، يەنە مەملىكەت بويىچە شەھەر رايونىدا يول يۈزىنى تېيىلمايدىغان قىلىش توغرىسىدىكى تۇنجى يەرلىك نىزام ھېسابلىنىدۇ.

«بۇ <بەلگىلىمە>دە يول يۈزىنى تېيىلمايدىغان قىلىش ئۆلچىمى بېكىتىلدى ھەم تېيىلمايدىغان قىلىشقا مەسئۇل ئالاقىدار ئورۇنلاردىن قار يىغىلىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا تازىلاپ ياكى باشقا تېيىلمايدىغان قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پىيادىلەرنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.» چاڭ فۇجياڭ مۇنداق دېدى: قانۇنچىللىق كاپالىتى بار بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن قاراماي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يەر يۈزى تېيىلغاق بولۇش سەۋەبىدىن سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھازىر، خەلق ئاممىسى قاتناش - سەپەرگە چىقىش سۈپىتىگە بارغانسېرى يۇقىرى تەلەپ قويۇۋاتىدۇ. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئىشلىتىلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سانىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، قاتناش قىستاڭچىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بورتالا ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ خۇي مۇنداق بىلدۈردى: «ئاپتوموبىل توختىتىشتىن ئىبارەت كىچىك ئىش» «چوڭ خەلق تۇرمۇشى»غا مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بورتالا ئوبلاستى ئاپتوموبىل توختىتىش زىددىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى مەخسۇس پىلانى تۈزگەن بولسىمۇ، سىياسەت جەھەتتە سىستېمىلىق قوللاش كەمچىل بولۇپ، «نىزام چىقىرىش ئارقىلىق <ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش> مەسىلىسىنى ھەل قىلىش زۆرۈر ئىدى».

بورتالا ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: شەھەر باشقۇرۇشتىكى بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بورتالا ئوبلاستى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مەيدانىغا دائىر نىزام چىقىرىش تۈرىنى بېكىتكەنىدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىدا تەستىقلىنىپ ماقۇللاندى.

نىزام چىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولۇشىدا، ئامما ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. «ئىلگىرى ھەپتە ئاخىرىدا سەپەرگە چىققاندا، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش قىممەت بولۇش ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتاتتى. ھازىر باھانى ئېنىق يېزىش تېخىمۇ قېلىپلاشتى، بەزى ئاۋات بۆلەكلەردە يەنە يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلدى» دېدى بورتالا شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ شىن.

«<بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەھەر موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى> بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تايىنىدىغان نىزام بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» ۋاڭ يەن مۇنداق دېدى: بۇ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش تەرتىپىنى قوغداش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، شەھەر يول قاتناش بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاش، شەھەر قاتنىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش

ھازىر، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىگە زىچ يېقىنلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە نىزام چىقىرىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن مۇنداق بىلدۈردى: ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر بويىچە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىشتىكى بوشلۇق ۋە ئاجىز نۇقتىلارنى تولۇقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش تۈرىدىن 40نى بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىزام چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى نىزام چىقىرىش تۈرىدىن جەمئىي 43نى پىلانلىدى.

− جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى چۆرىدەپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش نىزامى، زەھەر چەكلەش نىزامى قاتارلىقلارنى تۈزۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش؛

− ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى نىزامى، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى قاتارلىقلارنى تۈزۈش، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش؛

− يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى نىزامى، يېزا تاشيولى نىزامىنى تۈزۈش، ئېتىز - ئېرىق سولياۋ يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش؛

− ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شەھەر - بازارلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىنى تۈزۈش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش؛

− خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى نىزامىنى تۈزۈش، ئۆي - جاي باشقۇرۇش نىزامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلار.

«مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ ھەربىر نىزامنى خەلق رايىنى مۇجەسسەملەيدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىدىغان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېدى لى جۈەن.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت