شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-26 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، رول تۇتۇپ يول باشلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ شىفېڭ.

جاۋ شىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان، يۇغۇرۇلغان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شامال ئېلېكتىر، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش، ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپ، مەھسۇلات، تېخنىكا بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئەمەلىي قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا رەقەملىشىش قانىتى قوشىدۇ.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر يې يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە كېڭەيتىش سۇپىسى قۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارادىكى ئىلغار بولغان رەقەملەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك، تۆۋەن سەرپىياتلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.

«ساياھەتچىلىك قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى رايون تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پارلاق داغدام يول كۆرسىتىپ بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى كەسىپ تەرەققىيات ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلەر مەنبەسى بازىرىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى كۈچەپ يېتىشتۈردى، زورايتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى كەسىپ تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭ مۇسابىقىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش، كىنو - تېلېۋىزىيەگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش، ئويۇن قويۇشقا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلدى. «بىز مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرلىرىنى يەنىمۇ رەتلەپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالىمىز» دېدى تاڭ ۋېن.

غەربىي قىسىم رايونلار دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھەلەردە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ما خۇڭمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش»نى پۈتۈن ئوبلاستتىكى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئون ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرى قىلدى. سانجى ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، قاتناش تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - قوغداش، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - تۈزەشتىن ئىبارەت «ئالتە چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل سانجى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ، قوللىنىپ، رايون خاسلىقىغا ئىگە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى دۇمىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، دەپ قارىدى.

لى دۇمىن مۇنداق دېدى: پاختەكلى يېزىسىنىڭ قاتناش شارائىتى قولايلىق، ئېكولوگىيە - مۇھىتى ياخشى، بۇنىڭدىن كېيىن 10 مىڭ مولۇق شورغا چىداملىق دېڭىز سۈيى شال ئېتىزى، ئەسىرلىك قەشقەر سارىيى، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىق بايلىقلارغا تايىنىپ، يېزا - كەنت مۇھىتىنى يۈكسەلدۈرۈش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىزىل مەدەنىيەتنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى زورايتىپ، ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا «ساياھەتچىلىك تامىقى»نى يېيىش، ھەميانىنى تومپايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. گۇچۇڭ ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قاتلام، تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق «ئادەم سىياسەتنى ئىزدەش»نى «سىياسەت ئادەمنى ئىزدەش»كە ئۆزگەرتىپ، «پاسسىپ ھالدا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش»نى «تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش»قا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.

«شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ماسلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش، نۇقتا بەلگىلەپ يار - يۆلەك بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شېنجېن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى شيې خەيشېڭنىڭ غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. «بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، شېنجېننىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شېنجېن بىلەن قەشقەرنىڭ ئەۋزەللىكلەرنى گىرەلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەپ ئۇرغۇتىمىز. ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ چېگرا ساياھەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، چېگرا رايوندىكى خەلقنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى گۈزەللەشتۈرۈش، چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى شيې خەيشېڭ.

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ما يىنىڭ، پەرىزات ئابدۇل، ياۋ گاڭ، گې يوۋجۈن، لى لىن، جەزىرە نېسىپبېك)

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت