شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭ 3 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېقىن يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-26 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​ئاساسلىقى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شىنجاڭ مەركەز زايومىنى تىزىملاش - راسچوت قىلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - تۈركۈمدىكى 3 مىليارد 798 مىليون يۈەنلىك يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتتى.

بۇ قېتىم تارقىتىلغان شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى ئون يىللىق قەرەلدىكى 3 مىليارد 38 مىليون يۈەنلىك ھۆكۈمەت ئادەتتىكى زايومى ۋە 15 يىللىق قەرەلدىكى 760 مىليون يۈەنلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىردەك يېڭىدىن كۆپەيگەن زايوم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى ئادەتتىكى زايوم ئاساسلىقى ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ئون ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)نىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، مائارىپ قاتارلىق ساھەلىرىدىكى تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. مەخسۇس تۈر زايومى ئاساسلىقى خوتەن ۋىلايىتى كۇنگاڭ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (رەڭلىك مېتال كەسىپلەر باغچىسى) ۋە ئىلى ئوبلاستى كۈيتۈن − مايتاغ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جەنۇبىي رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى چىڭسىخوزا يۈرۈشلەشكەن باغچە رايونى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق كەسىپ باغچە رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى شى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ھەم 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى»غا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئاساسىنى قايتا يارىتىش قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە يېشىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر زايومى تۈرىنى پائال زاپاس ساقلاپ، مەخسۇس تۈر زايومىنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى ئاساسلىقى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، ئېتىز سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە شەكىللەنگەن يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %28.55، %18.77 ۋە %9.91 بولۇپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كەسىپلەرنى توپلاش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىغان.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت