شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

1 ـ پەسىلدە شىنجاڭ ئىقتىسادى پۇختا يۈرۈشتى

رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 441 مىليارد 321 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشقان. بۇنى مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ئاچقان 2024 ـ يىلى 1 ـ پەسىلدىكى ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈردى، 1 ـ پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ۋەزىيىتى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، سانائەت تىرىكى كۈچلۈك بولدى، سېلىنمىسى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى سىجىل ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە باشلىنىش ياخشى بولدى.

ئۈچ كەسىپنىڭ ھەممىسىدە ئېشىش ئىشقا ئاشتى. يېزا ئىگىلىك ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، چارۋىچىلىق كەسپى بىرقەدەر تېز ئاشتى؛ سانائەتنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ياسىمىچىلىق بىر قەدەر يۇقىرى ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى؛ پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپى بىر قەدەر تېز ئاشتى. 1 ـ كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى %7.1 ئاشتى، 2 ـ كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى %10.1 ئاشتى، 3 ـ كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى %2.5 ئاشتى.

تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى تېز ئاشتى، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنىڭ تۆھپىسى گەۋدىلىك بولدى، سانائەت ساھەسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقى زورايدى، يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش تېز ئاشتى. 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 ئاشتى. ئىستېمال بازىرى مۇقىم ئاشتى، ئاساسىي تۇرمۇش تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولدى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىكى قىسمەن تاۋارلارنىڭ سېتىلىشى بىرقەدەر تېز ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى. 1 ـ پەسىلدە، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 85 مىليارد 674 مىليون يۈەن بولدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى سىجىل ئاشتى. 1 ـ پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر ـ بازارلاردا 126 مىڭ 500 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ %27.5ى تاماملاندى. بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 6394 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.7 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەر ـ بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 10 مىڭ 639 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %6.4 ئاشتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2431 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %9.7 ئاشتى.

خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 1 ـ پەسىلدە شىنجاڭ ئىقتىسادى پۇختا يۈرۈشۈپ، ئاكتىپ ئامىللار جۇغلىنىپ كۆپىيىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت