شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قانۇنچىللىق يولىدا شىنجاڭ كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ قېزىلما بايلىقنى چارلاش سېلىنمىسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش بەلگىلىمە(لايىھە)سىنى چىقىرىش بويىچە سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

قانۇنچىللىق يولىدا شىنجاڭ كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قېزىلما بايلىقنى چارلاش سېلىنمىسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش بەلگىلىمە (لايىھە)سى»نى چىقىرىش بويىچە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2024 ـ يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، نىزام چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كان چارلاش ھوقۇقىدىكى «قاشالاپ قويۇپ تەكشۈرمەسلىك» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بەلگىلىمە لايىھەسىنى تەييارلاش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش، قاراپ چىقىش، تۈزىتىش ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا خەلق قۇرۇلتىيى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئالدىن قاتنىشىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرى سۆز قىلدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش ـ تەكشۈرۈش سېلىنمىسىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، قېزىلما بايلىقلارنى جانلاندۇرۇش، مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى. ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بەلگىلىمە تۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش ـ تەكشۈرۈش سېلىنمىسىغا دائىر مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، نىزام چىقىرىش تەدبىرى بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات تەدبىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈستۈن قانۇندىكى نىزام چىقىرىش نىشانى، ئاساسىي مەقسەت ۋە ماددىلىرىنىڭ مەنىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «زىت كەلمەسلىك» تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللەنگەن ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، بۇ نەتىجىلەرنى نىزام چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق تۇراقلاشتۇرۇپ، مۇكەممەل بايان قىلىپ، دەل جايىدا قېلىپلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمە لايىھەسىنىڭ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، يولغا قويۇشقا بولىدىغان، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشكارا نىزام چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تەييارلاش، دەلىللەش، تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئىپادىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش تەتقىقات ئاپپاراتى، نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلەر ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار كەسىپ، ساھەلەردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، بەلگىلىمىنى ياخشى تۈزۈشنى كۈچلۈك ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

پىڭ شىنلەي قاتناشتى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت