شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى قارارى
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-24 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

(2024 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنى 2024 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىققەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، يولداش ما شىڭرۇينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە يولداش ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىلىق سۆزى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مۇزاكىرە قىلىندى. «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»تىن ئىبارەت مۇھىم ئىجادىي ھۆكۈمنى چىقاردى ھەم بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى» دېگەن مۇھىم ھۆكۈمنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دېگەن ئومۇمىي تەلەپنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، بۇ ئاساسىي لىنىيەنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، بىرلىكتە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش كېرەك. ئورتاقلىقى ۋە پەرقى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەر ئېڭى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە ئىجادىي تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسىي مەسىلە. جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتىشنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئېنىق تونۇپ، مۇھىم مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال تەخىرسىزلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. سىياسىي يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، سالماق - پۇختا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش نەزەرىيە تەتقىقات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مىللەتشۇناسلىق ھەم ئالاقىدار پەنلەرنى تەسىس قىلىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەتقىقات بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زور ئۇل خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى سىجىل ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، كادىرلار شۆيۈەنى، سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ دەرسلىك سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە جەمئىيەت قاتلىمىدىكى تەشۋىق - تەربىيەنىڭ تولۇق قاپلىغان، دائىملاشقان مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، باش تېما تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئەڭ زور ئېشىش مىقدارىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى كۆپ خىل شەكىلدە تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدىكى تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي رېڭىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئوبراز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىجادىي يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا ئائىت تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چوڭقۇر قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. قىزىل بايلىقنى قېزىش، قوغداش، باشقۇرۇش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىنقىلابىي تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى زورايتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كارخانىلىرى، مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتى ۋە مەدەنىيەت ئىستېمال ئەندىزىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، سەمىمىي خەلق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشكە يېتەكلەش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سىستېمىلىق ھالدا مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي مائارىپتا ئەلا بايلىقنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپنى يېتەكچى قىلغان كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان - چارۋىچىلار ۋە ئىشلەمچىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشكە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان مائارىپ سىستېمىسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرى ئالماشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ رايون ھالقىغان ۋە رايون ئىچىدىكى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر تۈركۈم ساياھەت لىنىيەلىرى، ساياھەت سەنئەت نومۇرلىرى، ساياھەت تەشۋىقات بۇيۇملىرى، باش تېمىلىق ساياھەت پائالىيەتلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ رايون ھالقىپ ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ يۆتكىلىپ يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىشىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، دىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭدا كۆپ خىل دىننىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات، چۈشەندۈرۈش ۋە جەمئىيەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېز تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئورتاق يۈرۈش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئورتاق يارىتىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىش، تەرەققىياتتا ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تىرىشىپ چېگرا رايوننى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئۈلگىلىك بەلباغ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش داۋامىدا شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گىرەلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. رايون مەركىزىي شەھەرلىرى يېتەكچى، رايون خاراكتېرلىك مەركىزىي شەھەرلەر تايانچ نۇقتا، ناھىيە رايونى مەركىزىي بازارلىرى ۋە نۇقتىلىق بازارلار تايانچ قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كىچىك شەھەر - بازارلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا شەھەر - بازارلاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر يەرلىك نىزام ۋە سىياسەت - تەدبىرلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشنى توغرىلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، سىجىل تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرلىك سەپ، مىللەتلەر خىزمىتى كۈچىنى تولۇقلاپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئاساسىي قاتلامدا چۈشىنىدىغان ئادەم بولۇشقا، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامدا تۇتىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي بولۇش»نى كادىرلارنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە كىرگۈزۈش، سىياسىي ساپانى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، سىياسىي نەتىجىنى تەكشۈرۈشكە كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت