شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسى، غۇلجا شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىشەنچ، ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، 2 - پەسىللىك خىزمەتلەردە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى چۇاڭفېڭ زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، ئەركىن تۇنىياز گۆش كالىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېقىش بازىسىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سىجىل تۈردە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما ئۈلگە تۈرلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. غۇلجا ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ چۇاڭجىن خۇاڭگۇڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش، يېزا - كەنت ساياھىتى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توردا ئالقىشلانغان داكا جاي بەرپا قىلىش كېرەك.

ئىلى لىچۇاڭ خۇڭمېڭ ئاپتوموبىل مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانا مەسئۇللىرى ۋە سودىگەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتوموبىل ئوبوروتىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەركىن تۇنىياز يەنە غۇلجا سىلۇ تيەنيۈ ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەلەپ قىلدى: قۇرۇلۇش ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، سۈپىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، قىممىتى ئۆزگىچە، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولغان مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان يېڭى نام كارتىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئىلى شىنتيەن كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: كۆمۈرنى پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ مەنبەلىك پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش كېرەك.

2022 - يىلى 7 - ئايدا، غۇلجا ناھىيەسى خۇدىيايۈزى بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش بويىچە تەكلىپ توپلاشنى پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، خەلق رايىنى توغرا يېتەكلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەقىقىي تۈردە ئىچكى جەھەتتە قەلبكە سىڭدۈرۈش، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەركىن تۇنىياز يەنە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، يۈزتۇرا پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئاڭلىدى ھەم دىنىي زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلى ئوبلاستىنىڭ بايلىقى مول، رايون ئورنى ئۆزگىچە، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات داۋامىدىكى ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەي دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، ئەلا سۈپەتلىك ماركا يارىتىش كېرەك. كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، بىيودورا ياساش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. تۈرلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇپ، چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخا»سىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ياڭ شيۇلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت