شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-22 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

مەكتەپ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازا.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، مائارىپتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازىنى ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلىندى.

قانداق قىلغاندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزغىلى بولىدۇ؟ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ تارماقلىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى مەكتەپلەر پىكىر يولى، تەدبىر ئۈستىدە توختىلىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ نېگىزى ئادەمدە. «مەركەزگە ئىنتىلىش» ياكى «مەركەزدىن قېچىش»نىڭ ئاچقۇچى مائارىپتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئالىي مەكتەپ تەتقىقات - ئەمەلىيەت بازىسى ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپىدىن 34ى تاللاپ قۇرۇلدى، «چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس» قۇرۇلۇشى، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى تېخىمۇ روشەنلەشتى.

«بىز شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان <ئاساس سېلىش> قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازىنى ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گولياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي لىنىيە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى «سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىمىز. مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى ئەلا سۈپەتلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپنى يېتەكچى قىلغان كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچنى سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز دەرس توپى ۋە دەرس سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئورگانىك جىپسىلاشقان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، بىر تۈركۈم «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى»نى تەسىس قىلىدۇ. پەن تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپلەردە ھازىر بار بولغان ماركسىزم نەزەرىيەسى، مىللەتشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنى ئاساس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىلمى بويىچە 2 - دەرىجىلىك پەن ھەم ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىنى تەسىس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» پائالىيىتى ماركىسىنى كۆڭۈل قويۇپ يارىتىپ، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىخو شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە ھەم تەربىيە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تونۇشى ۋە تەسىراتلىرىنى سۆزلەشكە ۋاقتىدا تەشكىللىدى. شىخو شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جياڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز مەكتەپنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، تەتقىقات - ئۆگىنىش قاتارلىق مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئارقىلىق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر ھېكايىلەرنى جانلىق سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن سۆيۈندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيدۇ.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش

«كۆك يۈزلۈك دۇ ئېردۈن شاھانە ئات ئوغرىلىدى، قىزىل يۈزلۈك گۇەن گۇڭ چاڭشادا جەڭ قىلدى، سېرىق يۈزلۈك ديەن ۋېي، ئاق يۈزلۈك ساۋ ساۋ، قارا يۈزلۈك جاڭ فېي نەرە تارتتى...» 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك 14 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ جىڭجۈ تىياتىرى كۇرۇژۇكىدا، كىچىك تىياتىر ئارتىسلىرى «ناخشا ئېيتىش ماھارىتى، سەھنە سۆزى، ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىسى، چامباشچىلىق ماھارىتى»نى ئۆگىنىش ئارقىلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلدى.

مول كۇرۇژۇك پائالىيىتى ئاقسۇ شەھەرلىك 14 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خاس مائارىپنى قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ كارتىنىسى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خەتتاتلىق، مۇزىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق 14 كۇرۇژۇك تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىڭجۈ تىياتىرى، گۇمپا يەلپۈگۈچ قاتارلىق خاس دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى.

«بۇنىڭدىن كېيىن بىز يەنە ۋاسىتىنى بېيىتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، پائالىيەت، مۇھىت، دەرس ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرىمىز، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەيمىز» دېدى ئاقسۇ شەھەرلىك 14 - باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لو جىخۇڭ.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى ۋە جېنى بولۇپ، خۇاشيا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈزلۈكسىز ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلمەكتە. چۆچەك شەھىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى يىل بويى ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەرنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. شۇ جاي ھەرقايسى مەكتەپلەرنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسى مەزمۇنىنى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى قائىدە - يوسۇنلىرى، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئىتى بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىكىنى پائال تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئۈزلۈكسىز ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

چۆچەك شەھەرلىك مائارىپ ۋە پەن - تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مېرېي قالى مۇنداق بىلدۈردى: چۆچەك شەھىرى مەكتەپلەرنى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا سىجىل يېتەكلەپ، مەكتەپ مەدەنىيەت بازىسىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ سىرتىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن باشقۇرۇش كوللېكتىپى، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار، سىفەن مەكتەپلىرىنى ھەقسىز ئوقۇپ پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىدۇ.

ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق دەرس بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەش داۋامىدا ئاساسنى پۇختىلاشقا، بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

«باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوبرازلىق، جانلىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كۆپرەك ھېكايە سۆزلىگەندە، ئاندىن ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ.» يېقىندا قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ لىمىڭنىڭ بىر سائەتلىك ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى توردا كۆرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى لىڭ شۇنداق باھا بەردى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن ھالقىغان ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە كوللېكتىپ دەرس تەييارلاشتىن ئىبارەت بۇ پائالىيەتنى شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن مەكتەپ قاتناشتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان 35 ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بىرلەشمىسى قۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

«<بىز قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش>تىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز.» شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەريانىدا قانۇنىيەت ئۈستىدىكى تەتقىقات ۋە نەزەرىيە چۈشەندۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، قوشماقلاشقان ئورۇنلار بىلەن بىللە بىر گەۋدىلەشكەن ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، بارلىق ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇق قاپلىغان تەربىيەلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە بويىچە دۆلەت ھەم ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئوقۇتۇش كوللېكتىپى، ئوقۇتۇشتىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان دەرس قاتارلىقلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پىشىپ يېتىلگەن، ئۈنۈملۈك بولغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى، دەرسىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى كېڭەيتىدۇ. ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى يەنىمۇ ياخشى سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت