شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شى جىنپىڭ سۇرىنام زۇڭتۇڭى سانتوكى بىلەن سۆھبەتلەشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-16 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن سۇرىنام زۇڭتۇڭى سانتوكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن سانتوكى ۋە رەپىقىسى مېلىسا بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ خۇا) 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن سۇرىنام زۇڭتۇڭى سانتوكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - سۇرىنام دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. سۇرىنام تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، ھەم جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى ئىمزالىغان كارب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ سۇرىنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو - سۇرىنام ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سۇرىنام تەرەپنىڭ باشتىن - ئاخىر قەتئىي تۈردە جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپمۇ سۇرىنام تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقىنى قوغداش، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سۇرىنام تەرەپ بىلەن داۋاملىق بىر - بىرىنى چۈشىنىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى تارماقلار، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سۇرىنامنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك، خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، سۇرىنام تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا، سېلىنما، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، كانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ. سۇرىنام كارب رايونىدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ باھار بايرىمىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنى قىلغان غەربىي يېرىم شاردىكى تۇنجى دۆلەت. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىگە داۋاملىق ئىلھام بېرىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، كۇڭزى شۆيۈەنىنى ئورتاق ياخشى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سۇرىنام قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، كۆپ تەرەپلىك ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كارب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، كارب دۆلەتلىرىنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

سانتوكى مۇنداق بىلدۈردى: سۇرىنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. سۇرىنامدىكى خۇارېنلار توپى سۇرىنامنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. سۇرىنام بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 48 يىلدىن بۇيان، سۇرىنام تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا باشتىن - ئاخىر قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلدى، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدۇ. جۇڭگو سۇرىنامنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، سەھىيە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە يۈكسەك ئۆزئارا ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرىنى نامايان قىلدى، سۇرىنامنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا زور دەرىجىدە كۈچ قوشتى، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى قاتارلىق مۇھىم يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى، بۇنىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور، سۇرىنام تەرەپ بۇنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، يېشىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سۇرىنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. سۇرىنام تەرەپ كارب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سۇرىنام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا سانتوكى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلىسا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

سانتوكى يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن سۇرىنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. سانتوكى شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا سانتوكى ئەر - خوتۇن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت