شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىنى قانۇنچىللىق توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى

​ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىنى قانۇنچىللىق توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى.

دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى سۇڭيۈ «<نىزام>نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش»نى باش تېما قىلىپ، «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتى، «نىزام»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن «نىزام»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىگىلەشكە تېگىشلىك روھىي ماھىيەت ۋە يادرولۇق مۇھىم نۇقتىلارنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ «بارومېتىر»لىق سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە مۇھىم رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئويلىغىنى، ئارزۇسى، ئەندىشىسى، تەقەززاسىنى ۋاقتىدا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلىپىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، شۇ جايدا ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىشىك ئالدىغا كەلگەن ئاممىۋى خىزمەتنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «نىزام» يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىسى، «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «نىزام»نى ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلايدىغان، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىش، قوبۇل قىلىش، بېجىرىش، نازارەتچىلىك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، تەرتىپنى قوغداشتىن ئىبارەت «بەشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇش، تېگى - تەكتى ئېنىق بولۇش، قانۇن بويىچە بېجىرىش، تەرتىپى ياخشى بولۇش، ئامما رازى بولۇش» نىشانىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى ئۆگىنىپ ۋە كېڭەيتىپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلەر ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئەرزىيەتلەرنى بېجىرىشنى ھۆددىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەش ۋە بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەتلەرنى تۈگىتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىلتىماس - تەلەپنى تەرتىپلىك بېجىرىش، خىزمەتنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش، مەسىلىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا، شۇ جايدا تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىنىڭ ناھىيە ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن جايلاردا مۇۋاپىق ھەل قىلىنىشىغا ئەڭ زور چەكتە تۈرتكە بولۇپ، زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن، ئەرزىيەتنى يۇقىرىغا ئىتتىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەگە قاتناشتى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە)دىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سىنلىق يىغىن شەكلىدە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت