شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
1 - پەسىلدە قاتنىغان ئاپتوموبىللار سانى %19.8 ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭنىڭ يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش «يېشىل يولى»دا

1 - پەسىلدە قاتنىغان ئاپتوموبىللار سانى %19.8 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش «يېشىل يولى»دا 585 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىم قاتنىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.8 ئاشقان، «يېشىل يول»دا قاتنىغان ئاپتوموبىللاردىن 180 مىليون يۈەن يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.8 ئاشقان.

شىنجاڭنىڭ يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش «يېشىل يولى»نىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېشىل يولدا قاتنىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار دۆلەتنىڭ يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان «يېشىل يول» سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا «يېشىل يول» مەخسۇس ئاپتوموبىل يولى تەسىس قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بەلگىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى تاشيول قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزى ھەرقايسى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنىڭ تىجارىتىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى تاشيول ئىدارىلىرىگە قاراشلىق ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى تەشكىللەپ يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان «يېشىل يول» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە چۈشەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «يېشىل يول»دا توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېشىل يولدا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللارنى بېكىتىش، تەكشۈرۈش تەلىپى، تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ھەم تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «يېشىل يول» سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق «يېشىل يول»نى ئالدىن كېلىشىش سۇپىسىنى ئىشلىتىشنى تەشۋىق قىلىپ، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت