شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قانۇندىن ئىبارەت مۇھىم قورال ئارقىلىق قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش
يوللانغان ۋاقىت :2024-04-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ شىن شىجيەن

يېقىندا، شىنجاڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى نېمە ئۈچۈن بۇ «قانۇنچىللىق سېپىلى»گە ئېھتىياجلىق؟ قانۇنچىللىق مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەت. جاھانغا تونۇلغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دۇنيادا ھېلىھەم ئىشلىتىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى خام كېسەك قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەر توپى بولۇپ، «يىپەك يولىنىڭ تىرىك خاتىرىسى» دېگەن نامى بار، ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئۇنى ئەينەن كۆپەيتكىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئۆزگىچە قىممىتى ۋە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلماقتا. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى شىنجاڭنىڭ تارىخ ـ ئادىمىيەت جەھەتتىكى، سەيلە ـ ساياھەت جەھەتتىكى بىر يارقىن كوردىناتىغا ئايلاندى. ئەمما، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۇغۇرۇلۇشى جەريانىدا، نۇرغۇن تارىخىي خارابىلىككە ئوخشاش، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىمۇ قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئېچىپ پايدىلىنىشنى ماسلاشتۇرۇش قىيىن بولۇشتەك زىددىيەت ۋە بوغما ھالەتكە دۇچ كەلدى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى قانۇنچىللىق يولىغا سېلىپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق قوغداپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ نۇرغۇن يىللارنى باشتىن كەچۈرگەن مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملاشتۇرۇش.

نىزام چىقىرىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىكى قاتتىق چەكلىمە. «تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرنىڭ جېنى، شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.» قەشقەر قەدىمىي شەھىرى بۈگۈنكى كۈندە «توردا ئالقىشلانغان شەھەر»گە ئايلاندى، لېكىن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، يەنە قوغداش مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولماسلىق، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن رېمونت قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىمارەتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بىلەن تارىخىي قىياپىتى ماس كەلمەسلىك، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. بۇ ھادىسىلەرنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، «نىزام»دا بەش خىل مەنئى قىلىش خاراكتېرلىك قىلمىش ۋە بەش خىل چەكلەش خاراكتېرلىك قىلمىش تەكىتلىنىپلا قالماي، يەنە قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن قوغداش ئوبيېكتى بويىچە تۈرگە ئايرىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىندى. قانۇنچىللىقتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋاسىتە ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

نىزام چىقىرىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى روشەن دەۋر ئورۇن بېكىتمىسىگە ئىگە قىلدى. «نىزام»دا ئالتە تۈرلۈك قوغداش ئوبيېكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەندىزىسى، تارىخىي قىياپەت، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخىي ئىمارەتلەر ۋە قەدىمىي، داڭلىق دەل ـ دەرەخلەر، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر ـ سەنئىتى، ئەنئەنىۋى ھۈنەر ـ سەنئەت. بۇ كونكرېت نىزام مەيلى بۈگۈن ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ھەربىر كوچا، ھەربىر ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، ھەربىر خېرىدار چاقىرىش ساداسىنىڭ ھەممىسى قانۇنچىللىقنىڭ ئاسرىشىدا ئۆزىنىڭ قەدىمىي، ئۆزگىچە، سىرلىق تارىخىي پۇرىقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىدىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ئوچۇق، كۆپ مەنبەلىك، سىغدۇرۇشچان شەھەر سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخىي ئەسلىمىلەرنى ساقلاپ قېلىش، مەدەنىيەت جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، يەنە قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ دەۋر تەرەققىياتى داۋامىدا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

قانۇن يۈكسەك ئىززەت ـ ھۆرمەتكە ئىگە، نىزام چىقىرىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى «ئەڭ يۇقىرى پەللە»دە قوغداشنى تولۇق نامايان قىلدى. 1986 ـ يىلى قەشقەر شەھىرى جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ، 2010 ـ يىلىغا كەلگەندە دۆلەت 7 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۆزگەرتىشكىچە، يەنە بۇ قېتىم نىزام چىقىرىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداشقىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى بۇ مەدەنىيەت گۆھىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاسرىغانلىقتىن بولدى. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، قانۇندىن ئىبارەت مۇھىم قورال ئارقىلىق قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يوقىتىۋېتىلدى» دېگەن نومۇسسىز يالغان ـ ياۋىداق ئىغۋاسىغا بېرىلگەن كۈچلۈك قايتۇرما زەربە.

بۇ قېتىم نىزام چىقىرىلىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداشتا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قەدەم تاشلاندى. نىزام چىقىرىش ئاساس، نىزامنى يولغا قويۇش ئاچقۇچ. «نىزام» بۇ يىل 5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئىشىنىمىزكى، «نىزام» قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش بىلەن بىللە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى تېخىمۇ كۆپ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى پايدىلانمىسى ۋە تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت