شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
دىققەتنى ئەۋزەللىككە مەركەزلەشتۈرۈپ، توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-26 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− شىنجاڭدا يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۈچلۈك بولدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى پەن يىڭ، بەي جىچياڭ

ھازىر، ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ ئارېن بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى نەق مەيدانىدا، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. بۇ يەردە ھەر كۈنى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان 2150 توننا PX (دىمېتىل بېنزول) تەييار مەھسۇلات باكىغا قاچىلانغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلاردىكى بازارلارغا توختىماي توشۇلىدۇ.

ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى ئارېن بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يىن خۇڭپېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قۇرۇلما كارخانىنىڭ ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭنىڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىش، تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئازايتىپ، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇش»قا ئاۋاز قوشۇپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشىدىكى مۇھىم تۈر بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بايلىق، سىياسەت، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە شىنجاڭ دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ «يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ»، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ئۈچۈن «دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش» قىلىپ، مەۋقەنى «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا قويۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن يېڭى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بەردى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلىدى، يېڭى ئەۋزەللىكنى بەرپا قىلدى.

مۇخبىر يېقىندا نۇرغۇن جايدىكى كەسىپلەر باغچە رايونى، ئىشلەپچىقىرىش سېخى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنىنى زىيارەت قىلىپ، ھەربىر مەھسۇلات، ھەربىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھەمدە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئالدىدىكى كومپيۇتېر ئېكرانى ئارقىلىق، ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتقان يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىگە يېقىنلىشىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تېخنىكىسىغا بولغان بوشاشماي ئىنتىلىش ئارزۇسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈشى، راۋاجلاندۇرۇشىنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ «يېڭى يوشۇرۇن كۈچى»نى قېزىش

ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمى، «ھالاكەت دېڭىزى» تەكلىماكان قۇملۇقىدا، جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكى چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1 - قۇدۇقى يەر ئاستىدىكى 10 مىڭ مېتىرلىق ئۆتكەلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ ئۆتتى، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى 10 مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلاندى. بۇ ئىجادىيەت شۇ جاينىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدىن قۇتۇلۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، سانائەت قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈش شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كەسىپ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز «پۇختىلىغانلىقى»نىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

«نۆۋەتتە سانائەت ئالاقە تورى بەلگىسىنى ئانالىز قىلىش 2 - دەرىجىلىك تۈگۈن نۇقتىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلدى، نېفىت، پولات - تۆمۈر، جابدۇق قاتارلىق ساھەلەردە سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىدىن ئۈچى قۇرۇلدى، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك سانائەت APPسى كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى، ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى قاتارلىق ساھەلەردە تولۇق قوللىنىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر چېڭ دوفۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سانائەت نەرسە تورى قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىۋاتىدۇ.

رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ ئورتاق تاللىشى.

«بۇ يىلدىن بۇيان كارخانىلارنىڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش جەھەتتىكى سالماقنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى روشەن ھېس قىلدىم.» ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايون(تۇدۇڭخابا رايون)لۇق پەن - تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن پېڭ يېقىندا كارخانىلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇشقا قاراپ بۇرۇلۇشنى قوغلىشىۋاتقانلىقى، كەسىپ ئىش تەقسىماتىدا كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە قاراپ تېخىمۇ يۈزلىنىۋاتقانلىقى»نى بايقىدى.

دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە ھازىر بار بولغان شارائىتقا قويۇپ، بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر - كۆمۈر ئېلېكتىر - كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، ئاشلىق - ياغ، پاختا - توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە - يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى پائال ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، خاس ئەۋزەللىكنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

ئاشلىقنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى... 2024 - يىللىق شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا: 2023 - يىلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى، دەپ يېزىلدى.

يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ «يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى»نى توپلاش

ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىن ئىبارەت «ئاساس»نى مەھكەم تۇتۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئۈرۈمچى - قاراماي - سانجى، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ قاتارلىق تۆت بۆلەك رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «مۇسابىقە يولى»نى سىستېمىلىق پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلەتتى.

جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىدىكى ئاقسۇ شەھىرىدە، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى بىر قېتىمدىلا شەكىلگە كەلتۈرۈلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز، ئەۋرىشىم ئېلېكتىرونلۇق ئەينەك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىدىكى قومۇل شەھىرىدە، شىنجاڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭى 20 توننا كېلىدىغان بۇلۇتسىمان تىتان كاللىكىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتى؛ شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىدىكى شىخەنزە شەھىرىدە، دۆلەت دەرىجىلىك بىر كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تېخنىكىسىغا تايىنىپ، قېلىنلىقى ئاران 120 مىكرومېتىرلىق ئېلېكتىر قۇتۇپلۇق ياپراقچە ئىشلەپچىقاردى...

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) دېلەن سۇچىلىق تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سۇ بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىخانىسىدا، يېڭى نۇسخىدىكى ئورگانىك تالاسىمان ئۇيۇتۇش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۈچۈن، پەن تەتقىقات خادىملىرى ياسالما دورا رېتسېپىنى قايتا - قايتا تەڭشەپ، ئىستاكاندىكى تالاسىمان چۆكمىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆزەتتى؛ يەنە بىر ئورۇندىكى يىپەك توقۇمىچىلىق سېخىدا، بىيو يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماتېرىياللاردىن ياسالغان دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈش پەردىسى ئىشلەپچىقىرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، خۇددى ئىنچىكە ئۇزۇن كەسمە چۆپكە ئوخشاش تورۇسقا ئېسىپ قويۇلدى.

«بۇ <كەسمە چۆپ>لەرنى سەل چاغلىماڭ، ھەر كىۋادرات مىللىمېتىرىدا نەچچە يۈز مىليون تۆشۈكچە بار.» شىركەت مەسئۇلى زېڭ فەنفۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ كارخانىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى روشەن ھېس قىلدۇق. «شىركىتىمىز ئۈچ ئاكادېمىكنى قوشۇلۇشقا تەكلىپ قىلدى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى ئومۇمىي كىرىمنىڭ %15ىنى ئىگىلەپ، بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەتتى، نۆۋەتتە كارخانىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈش پەردىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چەت ئەللەرنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، نۇرغۇن كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ھەم نېفىت خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىدا ئىشلىتىلدى».

بۈگۈنكى كۈندە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كاربون ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال، لىتىيلىق باتارېيە ماتېرىيالى قاتارلىق ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرى يېتىلدۈرۈلدى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنىڭ تەسىرى تېز نامايان بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم ئامىللارنىڭ توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىدىن ئىبارەت «تۆت زەنجىر»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە پەن تەتقىقاتقا مەبلەغ سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كەيپىياتىنى ياراتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 - يىلى، شىنجاڭدا كۆلەمدىن يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى %7.8 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيوتېببىي دورا قاتارلىقلاردا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2023 - يىلى شىنجاڭدىكى كارخانىلار تەتقىقات ھەم تەجرىبە تەرەققىيات خىراجىتى ئۈچۈن جەمئىي 7 مىليارد 17 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 1900دىن ئاشقان، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا 2256گە يەتكەن.

رايون تەرەققىياتى «يېڭى ئەۋزەللىكى»نى بەرپا قىلىش

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، ئوت - چۆپلەر، دەل - دەرەخلەر بىخ سۈرۈشكە باشلىدى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چېگراسىدىكى قورغاس پورتىدا ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەي ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

«شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، شىركىتىمىز ھەر كۈنى 30دىن 50كىچە ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلاتتى. ھازىر تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپى ئەسلىدىكى 13تۈردىن ئۈچ تۈرگە قىسقاردى، ھەر كۈنى 100دىن 150كىچە ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىمىز.» قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.

قورغاس تاموژنىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان تاشقى سودا ئېكسپورتى سىجىل جانلانغان، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان تاۋار ئاپتوموبىل 20 مىڭنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %381 ئاشقان.

شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تاشقى ئالماشتۇرۇش شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان رايون ئىقتىسادى ۋە بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېز بەرپا قىلىش ئارقىلىق، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئەۋزەللىك ياراتتى.

جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرى يۇقىرى ئۈنۈمدە يۈرۈشۈۋاتاتتى، ئىشلەپچىقىرىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرى مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا سېتىلدى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ چياۋيۈن مۇنداق دېدى: جولاڭ ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يەرشارىۋى تەتقىق قىلىپ ئېچىش - يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بۇلتۇر ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتى، بۇ، جولاڭ شىنجاڭ شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ھەم ياۋروپا بازارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەمكارلىقى كۈنسېرى كېڭەيدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى ئۆلكىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، پۇختىلاندى.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو − ئۆزبېكىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرلار يىغىن نەق مەيدانىدا، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپتىكى نەچچە يۈز نەپەر كارخانا ساھەسى ۋەكىلىنىڭ يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى ھەم كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. شىنجاڭ، شەندۇڭ، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن كارخانا بۇ سۇپىدا كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىق ھەمراھى تېپىپ، نەق مەيداندا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

«يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم مۇھىت بولۇپ، مۇھىم ئامىل بايلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە راۋان يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا سىڭىشىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بەرپا قىلىشقا پايدىلىق» دېدى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاۋ جۈنفېڭ.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 - يىلى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 357 مىليارد 330 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭكىدىن %45.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 283 مىليارد 670 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %79.4ىنى ئىگىلىگەن.

«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى، تەرەققىيات تومۇرى بارغانسېرى كۈچلۈك سوقتى.» يېقىندا شىنجاڭغا كېلىپ جۇڭگو − ئۆزبېكىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشقاندا، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى لى چىڭشۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى بىلەن ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىدارە قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى گىرەلىشىپ زورىيىپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت