شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«ئەقلىي ياسىمىچىلىق»نىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى تاۋلاش
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− شىنجاڭ سانائەت بۇيۇملىرى سۈپىتىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا تېز تۈرتكە بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

مەھسۇلات سۈپىتى سانائەتنىڭ جان تومۇرى ۋە ئاساسى. 2023 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش، داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سۈپەت ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سانائەت بۇيۇملىرى سۈپىتىنىڭ «قىممىتى» ۋە «يېڭىلىق تەركىبى»نى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى.

كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئېنېرگىيە توپلاپ كۆلەم ھاسىل قىلىش

باھار شامىلى ئىللىقلىق بېغىشلاپ، ئوت - چۆپلەر بىخ چىقاردى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ھەممىلا جايدا ئۇرغۇدى.

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، قاراماي شەھىرى يىپۇ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىدە، مۇئاۋىن باش دىرېكتور دۇ گاڭگەن ئىككى پارقىراق سولياۋ بوتۇلكا خام ماتېرىيالى ۋە ئۈچ سولياۋ ئىچىملىك بوتۇلكىسىنى ئېلىپ خېرىدارلارغا مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار دۆلەت ئۆلچىمىگە ۋە كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇ، 1 - قارارلىق تۈردىكى تۇنجى يۈرۈش قۇرۇلمىنى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشىمىزگە كۈچلۈك ئىشەنچ بېغىشلىدى».

2022 - يىلى، يىپۇ شىركىتى قاراماي شەھىرىدە 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 720 مىڭ توننا بولغان مۇھىت بۇلغىمايدىغان، يېمەكلىك بوتۇلكىسى دەرىجىسىدىكى پولىئېستېر ھەم بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان يېڭى ماتېرىيال تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلىدى. 2023 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، 1 - قارارلىق يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 120 مىڭ توننىلىق پارچىلىنىدىغان يېڭى ماتېرىيال پولىئېستېر قۇرۇلمىسى ماتېرىيال سېلىنىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھازىرغىچە، 1500 توننىدىن ئارتۇق پولىئېستېر ياپراقچىسى مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلدى. دۇ گاڭگەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 120 مىڭ توننىلىق پارچىلىنىدىغان يېڭى ماتېرىيال پولىئېستېر قۇرۇلمىسى مەھسۇلاتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، يېمەكلىك بوتۇلكىسى دەرىجىسىدىكى پولىئېستېر ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىدا تەركىبىدە ئېغىر مېتال بولمىغان كاتالىزاتور ئەنئەنىۋى سۈرمە/تىتان سىستېمىسىدىكى كاتالىزاتورنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى كەسىپ بوشلۇقى تولدۇرۇلدى، تېخىمۇ مۇھىت قوغدايدىغان، ساغلام بولدى.

قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گې بېنلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈر قاراماي شەھىرىنىڭ مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى تۆۋەن ئېقىن كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشىدىكى نۇقتىلىق تۈر. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، قاراماي شەھىرىنىڭ «بىر ئاساس، كۆپ مەنبە»لىك زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

نۆۋەتتە، قاراماي شەھىرى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، ھىدروگېن ئېنېرگىيە كەسپى قاتارلىقلاردا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەتتى.

بىر تال بىخ باھاردىن دېرەك بەردى، «يېڭى»دىن يولغا چىقىپ، «يېڭىلىق»تا بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنىڭ زەنجىر بولۇپ شەكىللىنىشى، زەنجىرنى كۈچەيتىشى، زەنجىرنى مۇستەھكەملىشىدە نىشانلىق كۈچەشنى چۆرىدەپ، توسۇق نۇقتىلارنى ئېچىپ، ئۈزۈك نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارغا يار - يۆلەك بولۇپ، كىرگۈزۈپ - يېتىلدۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خاس كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

دۆلەت ئىچىدە ئىلغار سەۋىيەدە تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى، يۇقىرى ساپلىقتىكى ئاليومىن ماتېرىيالى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارى دۇنيادا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، كاربونلۇق تالا، تىتان قېتىشمىسى، UTG ئادەتتىن تاشقىرى نېپىز، ئەۋرىشىم ئەينەك قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى تېخنىكىلىق نۇقتىلىق تۈرلەر ماكانلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى... ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

2023 - يىلى، ئاپتونوم رايوندا كۆلەمدىن يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى %7.8 ئاشتى، شامال كۈچى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش سېلىنمىسى 1.1 ھەسسە ئاشتى. كىرېمنىي ئاساس قىلىنغان، ئاليومىن ئاساس قىلىنغان، خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىياللىرى ھەمدە يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، بىيوتېببىي دورا قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئايلىنىشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئۈنۈملۈك رايون كەسىپ ئىش تەقسىماتىنى شەكىللەندۈردى.

ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىچكى ماھارەتنى مەشىق قىلىش

مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىر تەرەپ؛ كەسىپلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈشمۇ ئاچقۇچ.

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى جۈلۇڭ تۇڭشىڭ قۇيمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدا، چىرىشتىن ساقلاش تاختىسى، مەركىزىي چەمبىرەك، تالقانلاش ماشىنىسى قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى مېخانىكىلىق سۈركىلىشكە چىداملىق پارچە زاپچاسلارنىڭ چوڭ تىپتىكى ئېرىتىش - تاۋلاش ئۈسكۈنىسىدىن قۇيۇلۇپ چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ سىرتىغا توشۇلۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ يىل، بۇ شىركەت بىر تۈركۈم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ ھەم تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كارخانا ئىشلەپچىقارغان سۈركىلىشكە چىداملىق پارچە زاپچاسلارنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىرىپ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى پىلانلىدى.

«مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك سېتىشتىكى ئاساس، بۇ يىل شىركىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئىلغار تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن سېتىۋېلىپ كىرگۈزۈپ، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەت ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ بازار ئاچىمىز» دېدى جۈلۇڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ پېڭدۇڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن جەريان، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى، پۈتۈن قىممەت زەنجىرىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق تەدرىجىي ھالدا نۇرغۇن ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىدىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ قالدى.

بۇلتۇر، خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى پاي چەكلىك شىركىتى بەرپا قىلغان «كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي − يەككە كىرىستاللىق ياپراقچە − باتارېيە بىرىكمە زاپچىسى & يورۇقلۇق ۋولت ئەينىكى − يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش» بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك باغچە رايونى ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى)دا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، يەرشارى بويىچە ئەڭ مۇكەممەل يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ زەنجىرى شۇنىڭ بىلەن بارلىققا كەلدى.

شىنجاڭ ئوتتۇرا قىسىم خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا، شىركەت ئىشلەپچىقارغان يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي، يورۇقلۇق ۋولت ئەينىكى، باتارېيە بىرىكمە زاپچىسى قاتارلىقلارنى توردا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. شىركەت كەسپىي بۆلۈمىنىڭ باش لىدىرى چۈ لۇڭشۆ مۇنداق دېدى: كارخانىنىڭ رەقەملىك زاۋۇتىدا، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، باشقۇرۇش ھەمدە كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلار قاتارلىق بارلىق ھالقىلار تۇتاشتۇرۇلۇپ، زاۋۇت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. بۇ يىل، خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى كىرېمنىي ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىيال، يورۇقلۇق ۋولت يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى ئالىي دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تىجارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

2023 - يىلى، ئاپتونوم رايون يۇقىرى سېلىنما ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بىر تۈركۈم «قىممىتى» «يېڭىلىق تەركىبى» «يېشىللىق تەركىبى» تېخىمۇ يۇقىرى بولغان شىنجاڭ «ئەقلىي ياسىمىچىلىقى» تېزدىن قەد كۆتۈرمەكتە، بىر تۈركۈم ئەنئەنىۋى كەسىپلەر كارخانىلىرى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي بازىسى بولۇپ قالدى.

ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون «14 - بەش يىل»دىكى 3 - تۈركۈمدىكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرى يېتەكچى پىلانىدىن 402نى يولغا قويدى، بۇ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھۈنەر - سەنئەتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەم كەسىپلەشتۈرۈشكە چېتىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەم كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ 11 مىليارد 570 مىليون يۈەن بولۇپ، تاماملانغاندىن كېيىن يېڭىدىن كۆپىيىدىغان كىرىم 53 مىليارد 60 مىليون يۈەن بولۇشى مۆلچەرلەندى، بۇ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولىدۇ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

داڭلىق ماركىنى پۇختىلاپ، ئالاھىدە سۈپەت يارىتىشقا قاراپ ئۆرلەش

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئۇچۇر كەسپى شىركىتىنىڭ «رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق سىستېما توپلاشتۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش» ئەمەلىيەت تەجرىبىسى 2023 - يىللىق مەملىكەت بويىچە سۈپەت ئۈلگىسى بولۇپ باھالاندى. شىنجاڭ ئۇچۇر كەسپى شىركىتى سانلىق مەلۇمات − ئۇچۇر − بىلىم − ئاقىل بولۇش بويىچە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە سانلىق مەلۇمات بايلىقى ئارقىلىق كارخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك كۈچ قوشۇپ، توغرا يۆنىلىشتە ماسلاشقان، تىك يۆنىلىشتە تۇتاشقان تۈجۈپىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش - كونترول قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تىجارەت نەتىجىسىنىڭ سىجىل ئېشىشى ۋە كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇچۇر كەسپى شىركىتى رەقەملەشتۈرۈش سۇپىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، كارخانا ئاقىل چوڭ مېڭىسى بەرپا قىلىپ، ئاقىل ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئومۇمىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىر تۈركۈم سۈپەت ئۈلگىلىرىنى تىكلەپ، بىر تۈركۈم كارخانىلارنىڭ ساھەلەر بويىچە سۈپەت باشلامچىلىرى تىپىدىكى كارخانىلارغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانائەت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت داڭلىق ماركىسىنى ئۆستۈرۈش، يېتىشتۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مەھسۇلاتنىڭ تېخنىكىلىق ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۈپەت داڭلىق ماركىسى يارىتىپ، كەسىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ سانائەت ساھەسىدە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر سۈپەت جەھەتتە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان بەن - گۇرۇپپا ۋە مۇنەۋۋەر سۈپەت باشقۇرۇش گۇرۇپپىلىرى بارلىققا كەلدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا جەمئىي 770 بەن - گۇرۇپپا سۈپەت جەھەتتە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان بەن - گۇرۇپپا قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرغان، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 149ى كۆپەيگەن، پائالىيەتكە قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچى 14 مىڭ 38گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 4587سى كۆپەيگەن.

«كارخانىلارنىڭ سۈپەت خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش ۋە سۈپەت تېخنىكىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جاڭ يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ياسىمىچىلىقتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. سانائەت ساھەسى دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»دىكى نۇقتىلىق مەھسۇلات ۋە كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ كارخانىلارنى ئالاھىدە سۈپەت يارىتىشقا قاراپ ئۆرلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ياسىمىچىلىقتىكى «ئۈچ مەھسۇلات» مەخسۇس ھەرىكىتى، سۈپەت باشقۇرۇشنى رەقەملەشتۈرۈش بويىچە «چوڭقۇر سەپەر» ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۈپەت، ئۆلچەم، داڭلىق ماركا ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا قىممەت يارىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەش، داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈردى. ئىلغار سۈپەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى پائال تەشكىللەپ كېڭەيتىپ، بەن - گۇرۇپپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «سۈپەت ئېيى» ۋە سۈپەت مۇتەخەسسىسلىرى كارخانىلارغا كىرىپ يار - يۆلەك بولۇش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق بولغان سۈپەت ئورتاق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت