شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا پۇقراۋى كارخانىلار زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-22 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تويا

3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (سودىگەرلەر باش ئۇيۇشمىسى) لېكسىيە ـ دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى كارخانىچىلار بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش تەرەققىياتى چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، مۇھىم ئامىللارنى قايتا تەشكىللەشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرىمىز.

لېكسىيە ـ دوكلات يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جۈرئەت قۇربان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ليۇ ۋېي، دوۋ گاڭگۇي، غەنىزات توختى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم ئۆز تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

«نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، چەكسىز ھاياجانلاندىم. باش شۇجى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلەپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى تېزلىتىشنىڭ روشەن سىگنالىنى تارقاتتى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭشېن جۇڭخۇەن بوغالتىرلىق ئورنى شىنجاڭ شۆبە ئورنىنىڭ باشلىقى جۈرئەت قۇربان مۇنداق دېدى: «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا، بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ شېرىكى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى كەسپىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمەن.

«يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، شىنجاڭ ئەۋزەل بايلىق، كەسىپ ھەمدە بازار ئاساسىغا ئىگە.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئانار روھى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى غەنىزات توختى مۇنداق دېدى: كارخانىمىز سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، VR كۆرۈنۈشى، رەقەملىك ئادەم قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېڭى تاراتقۇلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ، ساغلام بولغان، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىدۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىدۇ.

شىنجاڭ ئېنېرگىيە سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى، شىنجاڭ جىنلى كابېل چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ ۋېنتاۋ مۇنداق دېدى: «پۇقراۋى كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى كەسىپنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى قوزغىتىشنى يېڭى تىرەك نۇقتا بىلەن تەمىنلەيدۇ. توك سىمى، كابېل ئىشلەپچىقىرىش، ياساش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركىتىمىز تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە پائال تۈردە ئوتتۇرا ئاسىيادا بازار ئېچىپ، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ».

شىنجاڭ شىڭخۇڭتەي پاي چەكلىك شىركىتى كانچىلىق بايلىقىنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇقراۋى كارخانا. شىركەت باش مۇدىرى كاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: كانچىلىق بايلىقىنى ئېچىش ئەنئەنىۋى كەسىپ، ئەمما قالاق كەسىپ ئەمەس، يېشىل كانچىلىق تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىمىز بايلىقنى ئۇنىۋېرسال يىغىۋېلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۆمۈر رۇدىسى ئۇۋىقى ئىشلەپچىقىرىپ، پولات ـ تۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ يېشىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىنى يېشىل خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، پۇقراۋى كارخانىلارغا ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش بۇرچىنى يۈكلىدى، شۇنداقلا بىزنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىشىمىزنى خىزمەت قوللالمىسى بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ بىن مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىلار يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناشقۇچىلار بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشتا زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، ئۆسۈپ يېتىلىش تىپىدىكى پۇقراۋى كارخانىلار كۈچ قوشۇش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى كارخانىلار بويىچە مۇنەۋۋەرلەرنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى، يېشىل تەرەققىي قىلىشى ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىدۇ.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت