شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان توك مىقدارى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئېلېكتىر تورىدىكى توك مىقدارىنىڭ %50ىدىن ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 14تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان ئەڭ چوڭ توك مىقدارى 28 مىليون 991 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. شۇ پەيتتە پۈتۈن ئېلېكتىر تورىنىڭ توك مىقدارى 57 مىليون 10 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان توك مىقدارى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئېلېكتىر تورىدىكى توك مىقدارىنىڭ %50.85ىنى ئىگىلىگەن.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شامال ئېنېرگىيە بايلىقى زاپىسى مىقدارى، قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ يىللىق رادىياتسىيە ئومۇمىي مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئېلېكتىر تورىنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ كۆلىمى تېز ئاشتى. 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 66 مىليون 57 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 34 مىليون 532 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 31 مىليون 525 مىڭ كىلوۋات بولدى.

بۇ قېتىمقى يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان توك مىقدارى ئالدىنقى قېتىمدىكى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى ئەڭ چوڭ توك چىقىرىش مىقدارىدىن 1 مىليون 549 مىڭ كىلوۋات ئاشقان. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان ئەڭ چوڭ توك مىقدارىدا نەچچە قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە توكىنى ئېلېكتىر تورىغا كىرگۈزۈپ ئۆز جايىدا ئىشلىتىش سەۋىيەسىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئاشقانلىقىنى نامايان قىلدى.

يېڭى ئېنېرگىيە توكىنى ئېلېكتىر تورىغا كىرگۈزۈش مۇلازىمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى يېڭى ئېنېرگىيە توكىنى ئېلېكتىر تورىغا كىرگۈزۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سۇپىسىنى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئېلېكتىر تورىغا كىرگۈزۈش ھەم تۇتاشتۇرۇش پىلانىنى ئالدىن پىلانلاپ، رەقەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق يېڭى ئېنېرگىيە ھەم ئېنېرگىيە ساقلاشنى تورلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن ئېنېرگىيە ساقلاش، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش، ئوت ئېلېكتىر، سۇ ئېلېكتىر قاتارلىق «يېڭى ئېنېرگىيە +» تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئۆز جايىدىكى ۋە سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش، ماسلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرسەتكۈچنى ئىز قوغلاش ھەم كېيىنكى باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئېلېكتىر تورىنى تەڭشەش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېلېكتىر تورىنى ئېلاستىك تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈردى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت