شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت تىپىدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.31 ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان تور سودا سوممىسى 50 مىليارد 804 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.96 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، توردىكى پارچە سېتىش سوممىسى 12 مىليارد 210 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.82 ئاشقان. توردا پارچە سېتىش سوممىسى ئىچىدە، ئەمەلىي بۇيۇم تىپىدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى 7 مىليارد 972 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.64 ئاشقان؛ مۇلازىمەت تىپىدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى 4 مىليارد 237 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.31 ئېشىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تېز قويۇپ بېرىلىپ، مۇھىم «يېڭىچە تەمىنلەش» ئېشىش مىقدارىغا ئايلانغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «2024 - يىللىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، باھار بايرىمى، «توردا باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى» ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەۋقەنى ھەرقايسى جايلارنىڭ خاس بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە بولۇپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى كۈچەپ كېڭەيتتى.

توردىكى يېمەك - ئىچمەك، توردىكى ساياھەت ۋە تۇرمۇش مۇلازىمىتى تىپىدىكى ساھەلەرنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئىستېمال قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، توردىكى يېمەك - ئىچمەك، توردىكى ساياھەت ۋە تۇرمۇش مۇلازىمىتى مۇلازىمەت تىپىدىكى ساھەلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 مىليارد 567 مىليون يۈەن، 821 مىليون يۈەن ۋە 540 مىليون يۈەن توردا پارچە سېتىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. بولۇپمۇ 2 - ئايدىكى ئالاھىدە ئۇزاق دەم ئېلىش مەزگىلى شىنجاڭنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت، مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىستېمال قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىشىغا كۈچ قوشتى، مۇلازىمەت تىپىدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 674 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.04 ئاشتى.

«ھەممە ئائىلە جەم بولۇش» «ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى يوقلاش» قاتارلىق ئىستېمال باش تېمىلىرى «رەقەملىك ئىستېمال» خاسلىقىنى نامايان قىلدى، رەقەملىك سۇپا، رەقەملىك چىقىم قىلىش ئاھالىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىش ۋە يېمەك - ئىچمەك، مېھمانسارايلارنى ئالدىن زاكاز قىلىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، سەيلە - ساياھەت ئالقىشقا ئېرىشتى، شىنجاڭنىڭ توردىكى ساياھەت بويىچە توردىكى پارچە سېتىش سوممىسى 302 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.76 ئاشتى؛ قار - مۇز ساياھىتى ئوخشاشلا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى، شىنجاڭنىڭ توردىكى ساياھەت زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.82 ئاشتى.

بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى «تەمىنات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش»كە كۈچ قوشۇپ، تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسىپ ھالىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلىشىش ۋە قولايلىشىشقا قاراپ ئۇزارتتى. «بىۋاسىتە كۆرسىتىش +» بىلەن «چوڭقۇر چۆكۈش شەكلى» بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىۋاسىتە كۆرسىتىش + بەدەن چېنىقتۇرۇش» «بىۋاسىتە كۆرسىتىش + دۇكان ئارىلاش» «بىۋاسىتە كۆرسىتىش + ئۇنىۋېرسال سەنئەت» «بىۋاسىتە كۆرسىتىش + ئويۇن» ۋە «بىۋاسىتە كۆرسىتىش + مائارىپ» قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن مەزمۇن، شەكىللەرنى شەكىللەندۈرۈپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا مەيدان ئۈنۈمىنى بېيىتتى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش سوممىسى 881 مىليون يۈەنگە يەتتى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش مىقدارى 19 مىليون 950 مىڭدىن كۆپرەك، بىۋاسىتە كۆرسىتىش 11 مىڭ مەيدان قېتىمدىن كۆپرەك، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەنلەر 122 مىليون ئادەم قېتىم بولدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسىپلىرى ئىچىدە، يېمەكلىك - ساغلاملىق بۇيۇملىرى، ئۈنچە - مەرۋايىت، زىننەت بۇيۇملىرى، ھۆسن تۈزەش - ئاسراش بويىچە سېتىش سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 551 مىليون يۈەن، 103 مىليون يۈەن، 55 مىليون يۈەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت