شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
@ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭنىڭ بۇ يىل ئەتىيازدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى سىزنىڭ قاتنىشىشىڭىزنى كۈتمەكتە
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-19 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

     ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ) ئەگەر سىز ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، تېخى مۇۋاپىق ئىش ئورنى تاپالمىغان بولسىڭىز، قىسقىچە تەرجىمىھالىڭىزنى تەييارلاپ، يېڭى پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدىڭىزمۇ؟ ئالدىرىماڭ! بۇ يىل ئەتىيازدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024-يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ۋە «كەسىپ ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكلەش» مەملىكەتلىك چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ سەييارە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش شىنجاڭ بېكىتى پائالىيىتى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق سەككىز كەسپىي تارماق بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 500گە يېقىن كەسپىي ئورۇن، مەركەز كارخانىسى، دۆلەت كارخانىسى ۋە پۇقراۋى كارخانا قاتناشقان، بۇلار پۇل مۇئامىلە، خىمىيە سانائىتى، IT، ئەشيا ئوبوروتى، ماشىنىسازلىق، بىناكارلىق، بىيو دورا، نېفىت، نېفىت-خىمىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى كادىرلار ئىشلىرى، مالىيە، توپا-تاش قۇرۇلۇشى، بازار ماركېتىڭى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى قاتارلىق 15 مىڭدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى «نەق مەيداندا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش + توردا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش + بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش + سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش + قىسقىچە تەرجىمىھال يېتەكچىلىكى + ئىگىلىك تىكلەش كۆرگەزمىسى + مەكتەپ-كارخانا تونۇشتۇرۇش»تىن ئىبارەت كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

    ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى قاتارلىق خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى(www.xjrc365.com)غا چىقىپ ← شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى تىزىملىتىپ ← شەخسىي قىسقىچە تەرجىمىھالىنى قۇرۇپ ← باش بەتتىكى «ئاپتونوم رايوننىڭ 2024-يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ۋە «كەسىپ ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكلەش» مەملىكەتلىك چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ سەييارە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش <شىنجاڭ بېكىتى> پائالىيىتى»نى چېكىپ كىرىپ ← خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ ← قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تاپشۇرسا بولىدۇ، نۇرغۇن ئىش ئورۇنلىرىنى ئالدىن كۆرەلەيسىز، پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ!


«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت