شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا نېمىگە تايىنىپ «بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ»
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-19 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، شىنجاڭدا ئاسىيا بويىچە تۇنجى 10 مىڭ مېتىرلىق چوڭقۇر قۇدۇقنىڭ بۇرغىلاپ چىقىلغانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا نېفىت - تەبىئىي گاز بۇرغىلاش - چارلاش ئىقتىدارى ھەم يۈرۈشلۈك تېخنىكىسىنىڭ خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە قاتارىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى؛

2 - ئايدا، شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش - ئېچىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قېزىش قىيىن بولغان كۆمۈر بايلىقى بويىچە «ئىككى خىل گازنى تەڭ ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، دۇنيا مىقياسىدا شۇ ساھەدە تۇنجى قېتىم ئىجاد قىلىنغان تېخنىكا ھېسابلىنىدۇ؛ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى دۇنيا بويىچە تۇنجى 60 − 10 مېگالىق ئېلېكتىرون ۋولت پىروتون تېزلەتكۈچنى ياساپ چىقىپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈردى...

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھەربىر يېڭى بۆسۈش شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىدە، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقانلىقىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.

كەسىپنى نىشانلاپ، ئېھتىياجىنى توغرا تېپىش

«ھازىر شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قانداق؟ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك يەنە قانداق تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر بار؟» 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇشتا ئەمەلىي قوللىنىش مۇھاكىمە سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ چېڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىدىن شۇنداق سورىدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتى يىغىنى ئەمدىلا ئېچىلىپ بولۇشىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى چۈشتىن كېيىن ئۇلاپلا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. مۇھاكىمە يىغىنىغا چىڭخۇا داشۆ ئېلېكتىرو ماشىنا فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى جياڭ شىنجيەن ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسىنى چۆرىدەپ دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ھەم شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى.

«شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق بايلىقلىرى مول، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشقاندىلا، ئاندىن بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۈگۈن بىز مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە كارخانا مەسئۇللىرىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئەڭ تەخىرسىز تېخنىكا ئېھتىياجىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىگىلەش، ئاندىن كۆپچىلىك تەڭ كۈچ چىقىرىپ، قاراتمىلىق ھالدا ھەل قىلىمىز» دېدى ۋاڭ چېڭ.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا كەسىپ تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ كەلدى.

2023 - يىلى، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپ توپىنىڭ پەن - تېخنىكا تۈرىدىن 126نى، «قابىللار باشلامچى بولۇش» پەن - تېخنىكا تۈرىدىن 15نى تۈجۈپىلەپ تاللاپ يولغا قويدى، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانى تۈرىدىن 32نى تەۋسىيە قىلدى، ماي تەركىبى مول كۆمۈرنى ئېچىپ پايدىلىنىش دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىش - ئېچىش مەخسۇس تۈر مەدىتىگە ئېرىشتى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى، نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋەزىپە پىلانى، «قابىللار باشلامچى بولۇش» قاتارلىق بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى تېزلىتىدۇ؛ رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيودورا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ ۋە شەكىللەندۈرىدۇ.

سېلىنمىنى زورايتىپ، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ۋە ئەقلىي كۈچ كىرگۈزۈش

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەتىگەندىلا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ پېڭجۈن تەجرىبىخانىغا كەلدى. ئۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن 2021 - يىلى ئاۋسترالىيە مېلبۇرن داشۆدىن شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىغا جەلپ قىلىپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى تېمپېراتۇرىغا سەزگۈر ماتېرىيال ۋە زاپچاس، يېڭى تىپتىكى كالتسىي - تىتان كېنىنى ئاساس قىلغان يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىيالى ۋە زاپچاس تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

جاۋ پېڭجۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ بىر قاتار ئىختىساسلىقلار سىياسىتى مېنىڭ غەم - ئەندىشەمنى پۈتۈنلەي تۈگەتتى. بىر قېتىمدىلا 500 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى، ئۇنىڭدىن سىرت «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» تۈرىنىڭ %30 خىراجىتىنى شەخسىي تۇرمۇش ياردەم پۇلى (باج كەچۈرۈم قىلىنغان) قىلىپ بەردى، ئىدارە تۇرالغۇ كاپالىتى، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ يېشىل يول بىلەن تەمىنلىدى.

ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، ئۇلار ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ «ئەقلىي كۈچ موتورى». 2023 - يىلى، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى مىسلىسىز ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە قويۇپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى.

ئىختىساسلىقلار پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى بىلەن، 2023 - يىلى شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، 529ى ساپ كۆپىيىپ، 1911گە يەتتى؛ ئاپتونوم رايوندىكى پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا 2256 بولۇپ، 2022 - يىلىدىكىدىن %80.2 ئاشتى؛ تېخنىكا توختامى بويىچە پۈتۈشۈش سوممىسى 7 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2022 - يىلىدىكىدىن %130 ئاشتى؛ بىرەيلەن 2023 - يىللىق خې لياڭ - خې لى فوندى ئىلىم - پەن ۋە تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 119 تۈرلۈك نەتىجە ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى...

بۇ يىل، شىنجاڭ شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، «تىيانشان تالانتلىقلىرى»، ئاپتونوم رايون تەبىئىي پەن فوندى قاتارلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى، ياش سەرخىل ئىختىساسلىقلار، يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە پەن - تېخنىكا سېلىنمىسى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك 2 مىليارد يۈەنلىك پەن - تېخنىكا پىلانى تۈر مەبلىغىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەش مەبلىغى تەسىس قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات (R.D) خىراجىتى سېلىنمىسىنى زورايتىشقا يېتەكلەيدۇ، مالىيە پەن - تېخنىكا چىقىمىنىڭ R.Dغا ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ؛ پەن - تېخنىكا بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆپ مەنبەلىك پەن - تېخنىكا سېلىنما سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ.

ئىچكى - تاشقى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، خاسلىقنى كۈچەيتىش

ھازىر، شىنجاڭنىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى يەنىلا تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ئىقتىدارى يېتەرسىز، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار ئاساسى ئاجىز.

«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىشى، يەنە بىر تەرەپتىن <تاشقى كۈچ>تىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشى كېرەك» دېدى ۋاڭ چېڭ.

2023 - يىلى، شىنجاڭ 100گە يېقىن ئاكادېمىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەسىپلەرنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇش ئىستراتېگىيەلىك كان ئىزدەش ھەرىكىتى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيودورا، زامانىۋى سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە بىر تۈركۈم بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۈچ ئاكادېمىك باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق تەتقىقات ئورنى ماكانلىشىپ قۇرۇلدى، كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇسى، مېتال بىرىكمە ماتېرىيال، ماشىنا ئادەم قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر پائال يېتىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى مېخانىزمى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلار بىلەن ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى؛ «بىزنىڭ ئورتاق تۇرۇشلۇق جايىمىز − ئالتاي» خەلقئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە بىلەن بولغان رايون پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

ۋاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭ «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى»، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق مېخانىزملارغا تايىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەۋزەل يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ شىنجاڭغا توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، رايون ھالقىغان ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق شەرقىي، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ، تېخىمۇ ماس بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ غەربتە ئايلاندۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تۇتاشقان، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت