شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭ دۆلەت دەرىجىلىك يۇغۇرما ھېسابلاش كۈچى مەركىزى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: «ئۈرۈمچىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، ئەقلىي ھېسابلاش، سانلىق مەلۇمات ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دۆلەت ھېسابلاش كۈچى سەۋىيەسىنى ھازىرلىغان يۇغۇرما ھېسابلاش كۈچى مەركىزى بەرپا قىلىنىپ، تىرىشىپ 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇنىۋېرسال ھېسابلاش كۈچى 500Pدىن ئاشىدىغان، ئاساسىي يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان قوراللار مۇھىتى يۈرۈشلەشكەن رەقەملىك تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇپ چىقىلىدۇ.» 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن شىنجاڭ ئەقلىي ھېسابلاش - يۇغۇرما ھېسابلاش كۈچى مەركىزى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ھېسابلاش كۈچى تورىنىڭ بىر مۇھىم تۈگۈن نۇقتىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئالاقىدار كەسىپلىرىنىڭ شىنجاڭغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشى، دۆلەت ھېسابلاش كۈچى تور سىستېمىسىغا سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

دۆلەت دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش تيەنجىن مەركىزىنىڭ باش ئىنژېنېرى فېڭ جىڭخۇا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يۇغۇرما ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى ھازىرلىغان. شىنجاڭنىڭ بايلىقى يېتەرلىك، بولۇپمۇ يېشىل، پاكىز ئېنېرگىيەسى ھېسابلاش كۈچى مەركىزىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ۋە سوۋۇتۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ؛ شىنجاڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپ تەرەققىياتىدىمۇ ھېسابلاش كۈچىگە تايىنىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇشقا يەنىمۇ ئېھتىياجلىق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ھېسابلاش كۈچى، تېخنىكا ۋە مۇلازىمەتنى سىرتقا چىقىرىشقا تۈرتكە بولسا بولىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى جەھەتتە، شىنجاڭدا ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلامنى يادرو قىلغان يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى بار.

شىنجاڭ يۇغۇرما ھېسابلاش كۈچى مەركىزى قۇرۇلۇشى ئاساسىي ئاپپارات سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، سىستېما تىرىكى يۇمشاق ماتېرىيال قۇرۇلۇشى، ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق ماتېرىيال قۇرۇلۇشى، يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھېسابلاش كۈچى مەركىزىگە تايىنىپ، تېخنىكىدا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش - ئەمەلىي قوللىنىش كوللېكتىپى، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان مۇلازىمەت - تىجارەت كوللېكتىپى قۇرۇپ چىقىدۇ.

ھوشۇر ئىسلام مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يۇغۇرما ھېسابلاش كۈچى مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەرەققىياتى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى، يېڭى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرەكلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

«شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئەلالاشتۇرۇش، يېشىل، تۈجۈپىلىك بولۇش ۋە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشى. 2022 - يىلى 2 - ئايدا، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ، ئىچكى موڭغۇل، گۇيجوۋ، گەنسۇ، نىڭشيادىن ئىبارەت سەككىز جايدا دۆلىتىمىز دۆلەت ھېسابلاش كۈچى تۈگۈن نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.

بۇ تۈگۈن نۇقتىلار دۆلىتىمىزنىڭ ھېسابلاش كۈچى تورىنىڭ تايانچ ئۇلىنىش نۇقتىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، يېشىل ھېسابلاش كۈچى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سانلىق مەلۇمات مەركىزى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات بىر گەۋدىلەشكەن يېڭى تىپتىكى ھېسابلاش كۈچى تور سىستېمىسى بەرپا قىلىنىش ئارقىلىق، شەرقىي قىسىمنىڭ ھېسابلاش كۈچى ئېھتىياجىنىڭ غەربىي قىسىمغا تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ جايلىشىشى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، شەرقىي - غەربىي قىسىمنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت