شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«دۆلەت دەرىجىلىك» زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولى زادى قانچىلىك كۈچلۈك
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدىكى قاراقاش ناھىيەسى خۇڭيۇەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ چوڭ پارنىكىدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى سەي كاۋىلىرى چوڭ يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ ئارىسىدا سېرىق چېچەكلەر بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، يېڭى، ئەتلىك سەي كاۋىلىرى پېلەكلەر ئارىسىدا گاھ كۆرۈنۈپ گاھ كۆرۈنمەيتتى. بىر نەچچە خادىم سېۋەتنى كۆتۈرۈپ ئۈزۈۋاتاتتى، پارنىك ئىچىدە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.

2023 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 2023 - يىلى بېكىتىلگەن دۆلەت دەرىجىلىك 44 زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، قاراقاش ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى، قورغاس ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى بۇ ئىسىملىككە كىردى. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدىن ئوننى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.

زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، شۇنداقلا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا. شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، «دۆلەت دەرىجىلىك» زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

قاراقاش ناھىيەسى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدا، نەسىللىك توخۇ يېتىشتۈرۈش - كۆپەيتىش، بېقىش - سويۇش، ئىنچىكە پىششىقلاش، سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش بىر گەۋدە قىلىنغان ئاق پەيلىك گۆش توخۇسى پۈتۈن كەسىپ ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى بار، سىستېمىلاشقان، كۆلەملەشكەن مېۋىلىك كۆچەت، كۆكتات ئۆستۈرۈش - پىششىقلاش كەسپى بار، خاس باغ - ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق ھەم ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاش كارخانىلىرى بار. 2023 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قاراقاش ناھىيەسى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىدىن 44نى، پىششىقلاش كارخانىسىدىن 125نى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 63نى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن 90نى، كەسىپ چوڭ ئائىلىسىدىن 3800دىن كۆپرەكنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، يېتىشتۈرۈپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

قورغاس ناھىيەسى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى ئۈستىقۇددۇس كەسپى بويىچە تېرىش ۋە ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى ھەم توپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سۇپىسى، مىكرو مۇلازىمەت قۇرۇلمىسى ئارقىلىق تىرەك بولۇش سۇپىسى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش سۇپىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، ئۈستىقۇددۇس كەسپى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىش، سودا، يىغىن، سودا ئىشلىرى، ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەت دەرىجىلىك» زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە پەن - تېخنىكا سالمىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

«زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش، يۇغۇرۇلۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل مۇنداق بىلدۈردى: يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، رايون خاسلىقىغا ئىگە، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك بىر تۈركۈم زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، شىنجاڭنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

■مۇتەخەسسىسلەر ئەقىل كۆرسىتىش

ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ باغچە قۇرۇپ، دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك

«زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىدا ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازار يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ تەرەپنى قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ھەم دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى ۋە پەن - تېخنىكا ئۇچۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋۋېي مۇنداق قارىدى: ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ باغچە قۇرۇش، «پاسىل بولۇش، قورۇق تېمى بولماسلىق»نى تەشەببۇس قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئاساسىي گەۋدىلەرنى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دېھقانلارنى كۆزلەش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

− مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون مالىيەسى كۆپ خىل يول ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، بېكىتىلگەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىغا مەبلەغ ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيەمۇ كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالاقىدار مەبلەغ يوللىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىشىش، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش، ياردەم پۇلى ئورنىغا مۇكاپات بېرىش، قەرز پۇل ئۆسۈم ياردىمى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە ۋە جەمئىيەت كاپىتالىنى قوزغىتىپ كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇشقا بولىدۇ.

− ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش كەم بولسا بولمايدۇ. ئادەم كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق مۇھىم ئامىل، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى پاي قىلىپ قوشۇش، يېتەكچىلىك قىلىپ كارخانا قۇرۇش، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ ھەق ئېلىش، مۇكاپاتتىن پىرسەنت ئايرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش جەھەتتە، كىرېدىت، سۇغۇرتا، يەر ئىشلىتىش قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە باغچىغا كىرىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك.

− تىجارەت - سودا يۇمشاق، قاتتىق ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. كەسىپلەر باغچىسىنىڭ سۇ، توك، يول، خەۋەرلىشىش، تور قاتارلىق ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا «توققۇزنى تۇتاشتۇرۇش، بىرنى تەكشىلەش» نىشانىغا يېتىش كېرەك. كەسىپلەر باغچىسىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ كارخانا، كۆپ سۇبيېكتنىڭ كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، سودا - سانائەت كاپىتالىنى كەسىپلەر باغچىسىدا يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى، يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاش، رايون خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى، داڭلىق ماركا ماركېتىڭى قاتارلىق كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامۇۋاپىق سىياسەت چەكلىمىسىنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپلەر باغچىسىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت