شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى بېسىپ تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون سانائىتىنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ تېز تۈرتكە بولۇش، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانائەتنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت پىلانى» يېقىندا بېسىپ تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ، سانائەت تەرەققىياتىدىكى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆلەمدىن يۇقىرى بىرلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىل تۆۋەنلىتىلىدىكەن.

«ھەرىكەت پىلانى» ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى تېخنىكىسى ۋە ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيەدە ئىشلىتىلىدىغان نۇقتىلىق تېخنولوگىيەلىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۈنۈمى ۋە پۈتۈن زەنجىرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون سانائىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلىتىشىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

«ھەرىكەت پىلانى» نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، ئۆلچەمگە يېتىش ھەرىكىتى، ھەممىباب ئۈسكۈنە سىستېمىسىنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، كارخانا باغچە رايونلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيەنى تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى، رەقەملىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنىڭ سۈپەتنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، ئېنېرگىيە تېجەش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش ھەرىكىتى، ئېنېرگىيە تېجەش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

2025 ـ يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق سانائەت كەسىپلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈم سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كەسىپلەر، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە ئۈنۈمى نىشان سەۋىيەسىدىن يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى نىسبىتى %30كە يەتكۈزۈلۈپ، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ئاساسىي ئۆلچەم سەۋىيەسىدىن تۆۋەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلىپ، ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلىدۇ.

2030 ـ يىلىغا بارغاندا، يېشىل ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرىدىغان ھۈنەر ـ سەنئەت، تېخنىكا، جابدۇقلار كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، ئېنېرگىيە ئۈنۈم ئۆلچىمى، مۇلازىمەت ۋە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ بىرلىك قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىل تۆۋەنلىتىلىدۇ، تاشقاتمىدىن باشقا ئېنېرگىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت