شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− 2024 - يىل 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىدا بېرىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ

ۋەكىللەر:

ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

1. 2023 - يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

ئۆتكەن بىر يىل − پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان تۇنجى يىل، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل. پەۋقۇلئاددە مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇقىم بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، زور ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

− ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلاندى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 126 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، %5.2 كۆپىيىپ، ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. شەھەر - بازارلاردا 12 مىليون 440 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.2 بولدى. ئاھالە ئىستېمال باھاسى %0.2 ئۆرلىدى. خەلقئارا كىرىم - چىقىم ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى.

− زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلەشتى، يېڭى گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، كەلگۈسى كەسىپلەر تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى، بىر تۈركۈم زور كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن C919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلان سودا تىجارىتىگە كىرىشتۈرۈلدى، دۆلىتىمىزدە چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىلدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش - سېتىلىش مىقدارىنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئاشتى.

− پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. دۆلەت تەجرىبىخانىسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مول بولدى، ئاۋىياتسىيە موتورى، يېقىلغۇ گاز تۇربىنىسى، 4 - ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر گېنېراتور گۇرۇپپىسى قاتارلىق سەرخىل جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا تېز ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى، سۈنئىي ئەقىل، كىۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. پۈتۈشكەن تېخنىكا توختامى سوممىسى %28.6 ئاشتى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى سىجىل ئۆستى.

− ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپپارات ئىسلاھاتى مەركەز قاتلىمىدا ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، يەرلىك قاتلىمىدا تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى چىقىرىلدى. ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئېكسپورتنىڭ خەلقئارا بازاردا ئىگىلىگەن ئۈلۈشىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ قۇرۇلمىسى ئەلالاشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى تېخىمۇ نامايان بولدى.

− بىخەتەر تەرەققىياتنىڭ ئاساسى مۇستەھكەملەندى ۋە پۇختىلاندى. ئاشلىق ھوسۇلى 1 تىرىليون 390 مىليارد جىڭغا يېتىپ، تارىختا يەنە بىر قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئېنېرگىيە بايلىقى تەمىناتى مۇقىم بولدى. مۇھىم كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنى ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەش ئىقتىدارىمىز ئۆستى. ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىدە خەۋپ - خەتەر پۇختا قەدەم بىلەن تۈگىتىلدى. زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

− ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، يەر ئۈستى سۈيى ۋە قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ سۇ سۈپىتىدە سىجىل ياخشىلىنىش بولدى. «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. ھاسىلىي ئېنېرگىيەلىك گېنېراتور گۇرۇپپىسىنىڭ كۆلىمى ئوت ئېلېكتىر گېنېراتور كۆلىمىدىن تارىخىي خاراكتېرلىك ئېشىپ كەتتى، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتور گۇرۇپپىسى پۈتۈن دۇنيانىڭكىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتتى.

− خەلق تۇرمۇشى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %6.1 ئېشىپ، شەھەر ئاھالىسى بىلەن يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقى داۋاملىق كىچىكلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى ۋە كېڭەيتىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى %8.4 ئاشتى. مەجبۇرىيەت مائارىپى، ياشانغاندا ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش قاتارلىقلارغا مالىيەدىن ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى، قۇتقۇزۇش - كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى. شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان مەخسۇس قوشۇمچە تۈردە «ياشانغانلار ۋە بالىلار»غا قارىتىلغان ئۆلچەم ئۆستۈرۈلۈپ، 66 مىليوندىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچى نەپكە ئېرىشتى. شەھەر - بازارلاردىكى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش كۈچەيتىلىپ، ئون نەچچە مىليون ئائىلىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، قاتمۇقات قىيىنچىلىق ۋە خىرىس گىرەلىشىپ كەتتى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى دولقۇنسىمان راۋاجلىنىپ، ئەگرى - توقاي ئىلگىرىلىدى، نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا توختىمىدى. خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولدى، جۇغراپىيەلىك سىياسىي توقۇنۇش كەسكىنلەشتى، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىلىك كۈچەيدى، تاشقى مۇھىتنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان پايدىسىز تەسىرى سىجىل زورايدى. دۆلىتىمىز ئىچىدىن قارىغاندا، يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۈچ يىل ئۇچرىدۇق، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشتا نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق، ئۇزاقتىن بۇيان جۇغلىنىپ قالغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر تېز ئاشكارىلاندى، يەنە نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلدى. تاشقى ئېھتىياج تۆۋەنلەش بىلەن ئىچكى ئېھتىياج يېتىشمەسلىك ئەھۋالى تەڭلا كۆرۈلدى، دەۋرىيلىك مەسىلىلەر بىلەن قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى، بەزى جايلاردىكى ئۆي - زېمىن، يەرلىك قەرز، ئوتتۇرا - كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى قاتارلىقلاردا يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر گەۋدىلىنىپ چىقتى، قىسمەن رايونلار كەلكۈن - ھۆلچىلىك، تەيفېڭ بورىنى، يەر تەۋرەش قاتارلىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، سىياسەتنى تاللاش ۋە خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىشتا دۇچ كەلگەن ئىككىدىن بىرىنى تاللايدىغان، ھەتتا كۆپتىن بىرىنى تاللايدىغان قىيىن مەسىلىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقىرى - تۆۋەننىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، نۇرغۇن جەھەتلەردە ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىمۇ بارلىققا كەلتۈردۇق. بولۇپمۇ بىز يېڭى دەۋردە ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زور قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق. ئەمەلىيەت تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يېڭەلەيدىغان جاسارەت، ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىقتىدارغا ئىگە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جەزمەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەيدۇ، كېلەچىكى جەزمەن ئۈمىدكە تولىدۇ!

بىر يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

بىرىنچىدىن، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، ئىقتىساد يۈرۈشۈشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. كەسكىن خىرىس ۋە يۇقۇمدىن كېيىن ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەش - روھنى يېتىلدۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ۋاقتى، سالمىقى، ئۈنۈمىنى ئىگىلەپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتتۇق، «باستۇرۇپ سۇغىرىش» ۋە قىسقا مۇددەتلىك كۈچلۈك قوزغىتىش يولىنى تۇتماي، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچىدۇق، پۈتۈن بىر يىلدا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئاۋۋال تۆۋەنلەش، ئاندىن ئۆرلەش، كېيىن مۇقىملىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردۇق. ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم باسقۇچلۇق سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېڭى سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك سىياسەت بىرىكمە مۇشتىنى ئاتتۇق. مالىيە سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ چىقىم كاپالىتىنى كۈچەيتتۇق، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن باج - ھەق ئېتىبار سوممىسى 2 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، 1 تىرىليون يۈەن زايومنى كۆپەيتىپ تارقىتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بەردۇق. پۇل سىياسىتى دەل جايىدا، كۈچلۈك بولدى، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئىككى قېتىم تۆۋەنلەتتۇق، سىياسەتلىك ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىككى قېتىم تۆۋەنلىتىپ تەڭشىدۇق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىلغار ياسىمىچىلىق، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈش، يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان قەرز پۇلنى زور ھەجىمدە ئاشۇردۇق. ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، ساياھەت قاتارلىق جەھەتتىكى ئىستېمالنى قوللاش سىياسەتلىرىنى چىقاردۇق، زور مىقدارلىق ئىستېمال پۇختا قەدەم بىلەن قايتا يۈكسەلدى، تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئىستېمالى تېز ئەسلىگە كەلدى. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى تۈزۈپ، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ۋە ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىنى بىرقەدەر تېز ئاشۇردۇق. شەھەرلەرگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئۆي - زېمىنغا دائىر تەڭشەش - تىزگىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆي سېتىۋېلىشقا بېرىلىدىغان قەرزنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆي تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتتۇق. يەرلىك قەرزنى تۈگىتىشنىڭ بىر قاتار لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنى تۈرلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىدۇق.

ئىككىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، شەھەر، يېزا، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئاشۇردۇق. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى تېز يولغا قويدۇق. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردۇق. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى قوللاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىنى چۈشۈشتىن ئۆسۈشكە ئۆزگەرتتۇق. رەقەملىك ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق، 5Gنىڭ ئابۇنتلار ئارىسىدا ئومۇملىشىش نىسبىتى %50تىن ئاشتى. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شەھەردە نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى يەنىمۇ بوشىتىپ ۋە قويۇۋېتىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دائىمىي ئاھالىنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتىنى %66.2كە يەتكۈزدۇق. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتىنى كۈچەيتتۇق، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىش خىزمىتىنى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويدۇق، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون زور ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە بىر تۈركۈم يېڭى تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر تۈركۈم زور تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ماسلىقى، تەڭپۇڭلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق.

ئۈچىنچىدىن، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىدۇق. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش ئومۇمىي خىزمەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولىدىغان بىر تۈركۈم سىياسەت - بەلگىلىمىلەرنى ئېنىقلىدۇق. دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتىنى ئايرىم - ئايرىم يولغا قويدۇق، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقە قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردۇق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى تۈزەشنى كۈچەيتتۇق. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. تاشقى سودىنىڭ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتىدىن ئىبارەت «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات»نىڭ ئېكسپورتىنى %30كە يېقىن ئاشۇردۇق. چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتتۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاتناشقۇچى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سېلىنمىسىنى تېزرەك ئاشۇردۇق.

تۆتىنچىدىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتۇق. گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلدۇق. مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش زور قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلەتتۇق. سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ، چۆللىشىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتتۇق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتتۇق. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتىنى تۈزدۇق. نۇقتىلىق ساھەلەرنى پەۋقۇلئاددە ئاز بۇلغىما چىقىرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتتۇق. تۇنجى تۈركۈمدە كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى سىناق قىلىدىغان شەھەر ۋە باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلىدۇق. يەرشارى كىلىماتىنى تۈزەشكە پائال قاتناشتۇق ۋە تۈرتكە بولدۇق.

بەشىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق. دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىردۇق. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشى ۋە ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشىگە مەدەت بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپتىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتتۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ئىچىدىكى ئىشلەۋاتقانلارنىڭ كۆلىمىنى 33 مىليوندىن ئاشۇردۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز ھالقىلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى يېنىكلىتىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، 11 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدۇق. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى «B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك بويىچە باشقۇرۇش» تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارقىلىشچان زۇكام، مىكوپىلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدۇق. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ھەققىنى بىرتۇتاش غەملەشنى يولغا قويدۇق. مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردۇق. نەپىقە ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتۇق. خەيخې دەرياسى قاتارلىق ۋادىلاردىكى پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن - ھۆلچىلىك ئاپىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق، گەنسۇ ئۆلكىسى جىشىشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىقلاردا جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت بازىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردۇق. ئاممىۋى تەنتەربىيەنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، چېڭدۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئاسىيا مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئەلا نەتىجە ياراتتى.

ئالتىنچىدىن، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان ياخشى ئىجراچى، ياخشى ھەرىكەتچى، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچى بولدۇق. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق. سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. 10 قانۇن تەكلىپىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق، 25 مەمۇرىي نىزامنى تۈزدۇق ۋە تۈزەتتۇق، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويدۇق. نازارەتنى قانۇن بويىچە ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل بېجىردۇق. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ سىياسەت ۋە خىزمەتنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇردۇق، ئاممىغا يېقىنلاشتۇردۇق. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇردۇق. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتتۇق. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى سىجىل تۈزەپ، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان كۆزىتىش، تۈزىتىش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق ياراتتۇق ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئەرزىيەت خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىدۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنى راسا چىڭ تۇتۇپ، زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تۈزەشنى قانات يايدۇردۇق. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق. رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە زىيارەتكە باردى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرى قاتارلىق مۇھىم كۆپ تەرەپ، ئىككى تەرەپ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى، 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى قاتارلىق مۇھىم ئاساسىي ساھىبخانىلىق دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ۋەكىللەر!

ئۆتكەن بىر يىلدا نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاساسلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىنىڭ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى دۆلەتتىكى دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يەتتۇق. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى يېتەرلىك ئەمەس، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى كۈچەيمەكتە. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل قايتا يۈكسىلىش، ياخشىلىنىش ئاساسى تېخى مۇقىم ئەمەس، ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، قىسمەن ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇق بولۇۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي كۆزلىمە بىرقەدەر ئاجىز، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر يەنىلا بىرقەدەر كۆپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشتا توسۇق مەۋجۇت، خەلقئارا ئايلىنىشتا كاشىلا مەۋجۇت. قىسمەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تىجارىتى قىيىن بولماقتا. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ بېسىمى بىلەن قۇرۇلمىلىق زىددىيەت تەڭ مەۋجۇت، ئاممىۋى مۇلازىمەتچىلىكتە يەنە نۇرغۇنلىغان كەمتۈكلۈك بار. بەزى جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام مالىيە كۈچى بىرقەدەر جىددىي بولۇۋاتىدۇ. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىز تېخى كۈچلۈك ئەمەس. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتا ھېلىھەم ھەل قىلىش قىيىن بولغان بىرمۇنچە مەسىلىلەر بار. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، تۈزەشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يېتەرسىزلىك مەۋجۇت، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئەھۋاللىرى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك، بەزى ئىسلاھات، تەرەققىيات تەدبىرلىرى جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى. بەزى كادىرلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق، ئەمەلىيەتچىللىك روھى كەمچىل، پاسسىپلىق بىلەن مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، يۈزەكى ئىش قىلىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. بەزى ساھەلەردە چىرىكلىك مەسىلىسى يەنىلا كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىز چوقۇم مەسىلە ۋە خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خىزمەتلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز، خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز!

2. 2024 - يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى

بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ئۇنىۋېرسال تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىپ شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇكى، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مۇھىتقا دۇچ كېلىدۇ، پايدىلىق شارائىت پايدىسىز ئامىلدىن كۈچلۈك بولىدۇ. دۆلىتىمىز روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكى، پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ ئېھتىياج ئەۋزەللىكى، كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان تەمىنات ئەۋزەللىكى، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر كۆپ بولۇشتەك ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە ئىگە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىز ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەت تېزدىن زورىيىۋاتىدۇ، تەرەققىياتىمىزنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىۋاتىدۇ، ئىقتىسادىمىزنىڭ قايتا يۈكسىلىپ، ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرگىنى يوق، ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، شۇڭا ئىشەنچ ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز شەرت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پايدىلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پايدىلىق شارائىتلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغايدىغانلا بولساق، چوقۇم قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىپ ئۇزاققىچە مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولالايمىز.

بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.5 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %3 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش؛ خەلقئارا كىرىم - چىقىمنىڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش؛ ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئاشۇرۇش؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %2.5 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش.

يۇقىرىقى كۆزلىمە نىشاننى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ۋە ھەرقايسى جەھەتتىكى ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە كۆزدە تۇتۇپ، ئېھتىياج ۋە ئىمكانىيەتكە تەڭ ئېتىبار بەردۇق. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۆزلىمە نىشانىنى %5 ئەتراپىدا قىلىپ بېكىتىشتە، ئىشقا ئورۇنلىشىش - كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتتىكى ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتتۇق ھەمدە «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتتۇق، شۇنداقلا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچ ۋە تىرەك شارائىتلىرىنىمۇ نەزەردە تۇتۇپ، ئاكتىپ ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش تەلىپىنى نامايان قىلدۇق. بۇ يىللىق كۆزلىمە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسانغا توختىمايدۇ، سىياسەتلەردە نىشانلىق كۈچەشكە، خىزمەتتە ھەسسىلەپ تىرىشىشقا، ھەرقايسى تەرەپلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ، ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. مۇقىملىق − ئومۇمىيەت ۋە ئاساس، ھەرقايسى جايلار، تارماقلار كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، مۇقىم ئاشۇرۇشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق سىياسەتلەرنى كۆپرەك چىقىرىشى، قىسىش خاراكتېرلىك، تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا زىت سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشى ۋە بىكار قىلىشى كېرەك. ئىلگىرىلەش − يۆنىلىش ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئورنىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورنىتىش، بىكار قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئورنىتىش ئاساسىدا قەتئىي بىكار قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە پائال ئىلگىرىلەش كېرەك. ماكرو سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش ۋە ھالقىما دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، سىياسەت قورالىدا يېڭىلىق يارىتىشنى، ئۇنىڭ ماسلاشتۇرۇش - ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە سالماقنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ھەر تەرەپلىمە نەزەرگە ئېلىپ، مالىيە سىياسىتى بوشلۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەت قورالىنىڭ بىرىكىشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. قىزىل رەقەم نىسبىتى %3 بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، قىزىل رەقەم كۆلىمى 4 تىرىليون 60 مىليارد يۈەن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ بېشىدىكى خامچوتتىكىدىن 180 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل مالىيە كىرىمى داۋاملىق ئەسلىگە كېلىپ ئاشىدۇ، يۆتكەپ كېلىنگەن مەبلەغ قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ كۆلىمى 28 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن كۆپىيىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىدىن 3 تىرىليون 900 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 100 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدىكى بەزى مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مەبلەغ مەسىلىسىنى سىستېمىلىق ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا مەخسۇس ئىشلىتىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇدا بىرنەچچە يىل پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم تارقىتىلماقچى، بۇ يىل ئالدى بىلەن 1 تىرىليون يۈەن تارقىتىلىدۇ. ھازىر نۇرغۇن جەھەتلەردە مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، چىقىم قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى مالىيە كاپالىتىنى كۈچەيتىش، ئادەتتىكى چىقىملارنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. مەركەز مالىيەسى يەرلىككە قارىتىلغان تەڭپۇڭ يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا مۇۋاپىق مايىللىشىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيە كۈچىنىڭ تۆۋەنگە مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» تۆۋەن چېكىگە پۇختا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قۇرۇلمىلىق باج كېمەيتىش - ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ۋە ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك. مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئابرۇي قۇرۇلۇشى، ئوبراز قۇرۇلۇشىنى قەتئىي چەكلەپ، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىقنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىپ، ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، مالىيە مەبلىغىنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىغا ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك.

پۇختا پۇل سىياسىتى جانلىق، مۇۋاپىق، توغرا، ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك. ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى، پۇل تەمىنات مىقدارى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە باھا سەۋىيەسىنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي مىقدار بىلەن قۇرۇلمىدىن ئىبارەت ئىككىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، زور ئىستراتېگىيە، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇل سىياسىتىنىڭ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەبلەغنىڭ تىنىپ قېلىشى ۋە قۇرۇق ئايلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. كاپىتال بازىرىنىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل مۇئامىلىسى، رەقەملىك پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش، خەۋپ - خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق يانداش تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

ماكرو سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەسىپ، رايون، پەن - تېخنىكا، مۇھىت قوغداش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي سىياسەتتىن باشقا سىياسەتلەرنى ماكرو سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، سىياسەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش يۆنىلىشلىك كۈچەش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار سىياسەت تۈزۈشتە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىشى، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان سىياسەتلەردە بازار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، كارخانىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشتا ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، بىرىنى دەپ يەنە بىرىدىن ۋاز كېچىش، بىر - بىرىگە توسالغۇ بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. زاپاس سىياسەت تەتقىقاتىدا، ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيتىش، قورال ساندۇقىنى بېيىتىش ھەمدە ئېشىنچا قالدۇرۇپ، لازىم بولغاندا ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويغىلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىزلاپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، ۋاقتىدا تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، مۇقىم، ئاشكارا، كۆزلىمىلىك سىياسەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشتا، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زېھنىمىزنى يىغىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز شەرت. سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى ئىگىلەپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە چوڭقۇر پىلانلىشىمىز ۋە ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، روھنى يېتىلدۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىدىن خىزمەتنىڭ مەقسىتى، سىياسەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. پۈتۈن يىللىق ئاشۇرۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئورۇندىشىمىز كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ياخشى سۈپەتلىك ھەمتۈرتكە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ چارە - ئامال تېپىشىمىز، كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش مەسىلىسىگە تەرەققىيات تەپەككۇرى ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئىسلاھاتقا تايىنىمىز. بىز تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە سالماق ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ ۋە ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى، تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

3. 2024 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەزىپىلەر

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، بىز چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى كۈچەپ بۇزۇپ تاشلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

(1) زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يېڭى يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلايمىز. ياسىمىچىلىقنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇشقا ۋە يېڭى ئارتۇقچىلىقنى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. ياسىمىچىلىقتا تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، دۆلەت يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ئۈلگە رايونى قۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى سەرخىل، ئاقىل، يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىمىز. زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرىمىز. ئۆلچەم يېتەكچىلىكى ۋە سۈپەت تىرىكىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى» ماركىسىنى يارىتىمىز.

يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرىمىز. كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوللىنىش مۇھىتىنى كېڭەيتىپ، يېڭى گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما، توپلاشما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تورغا ئۇلانغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاقىل ئاپتوموبىل قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ باشلامچىلىق ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭى گۈللىنىۋاتقان ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، يېڭى ماتېرىيال، ئىجادىي دورا قاتارلىق كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىيوياسىمىچىلىق، تىجارەتلىك ئالەم قاتنىشى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭى ئاشۇرۇش موتورىنى پائال بەرپا قىلىمىز. كەلگۈسى كەسىپ تەرەققىياتىغا دائىر يىرىك پىلاننى تۈزۈپ، كىۋانت تېخنىكىسى، ھاياتلىق ئىلمى قاتارلىق يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىپ، بىر تۈركۈم كەلگۈسى كەسىپلەر باشلامچى رايونىنى بەرپا قىلىمىز. ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسى، پاي ھوقۇقى سېلىنمىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، كەسىپ سېلىنما فوندىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرىمىز. نۇقتىلىق كەسىپلەرنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇق بولۇش ۋە تۆۋەن سەۋىيەلىك تەكرار قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەتنى تۈزۈپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش بىلەن كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، رەقەم تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «سۈنئىي ئەقىل+ » ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپ توپى بەرپا قىلىمىز. ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى رەقەملىك تىپقا ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سانائەت ئالاقە تورىنى كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشنى تېزلىتىمىز، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ رەقەملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاقىل شەھەر، رەقەملىك يېزا - كەنت بەرپا قىلىمىز. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈش قۇۋۋىتىگە ئىگە قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز. سۇپا كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشى ۋە خەلقئارا رىقابەتتە كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە مەدەت بېرىمىز. سانلىق مەلۇمات ئۇل تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش ۋە ئوبوروت قىلىش، قوللىنىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز. رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرنى لايىقىدا، ئالدىن بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش ئىقتىدارى سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى يېتىلدۈرىمىز. بىز كەڭ، چوڭقۇر رەقەم ئۆزگىرىشى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

(2) دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇللۇق تىرىكىنى كۈچەيتىمىز. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدە قىلىپ بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى بىر گەۋدە قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يولغا قويۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىمىز.

يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپنىڭ جان تومۇرى قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى تۈزۈپ يولغا قويىمىز. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئاساسىي مائارىپنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، «ئىككىنى يېنىكلىتىش»نى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ناھىيەلەرنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن باشقا جەھەتلەردىكى يۈكىنى يېنىكلىتىمىز. ئالاھىدە مائارىپ، داۋاملاشما مائارىپنى ياخشى يولغا قويىمىز، پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەيمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز، كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرىمىز. ئالىي مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، پەن، كەسىپ ۋە بايلىق قۇرۇلمىسىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا 1 - قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە ئەۋزەل پەن بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قوللىنىشچان تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپلەرنى بەرپا قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىمىز. رەقەملىك مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسپىيلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىمىز. بىز مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ بەخت ئاساسىنى پۇختىلايمىز، دۆلەتنىڭ بېيىش، قۇدرەت تېپىش ئۇلىنى مۇستەھكەملەيمىز.

پەن - تېخنىكىدا يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولىمىز. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. ئۇل تەتقىقاتنىڭ سىستېمىلىق جايلىشىشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرى، ئەۋزەل كوللېكتىپ ۋە نۇقتىلىق نىشانلارنى ئۇزاققىچە مۇقىم قوللاپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىمىز. دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى نىشانلاپ، بىر تۈركۈم مۇھىم پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز، يولغا قويىمىز. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ۋە ئىجتىمائىي يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ماسلىشىپ ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكا ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىمىز. دۆلەت تەجرىبىخانىسىنى يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايونلۇق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. زور پەن - تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ سىستېمىلىق جايلىشىشىنى تېزلىتىپ، ئورتاق تېخنىكا سۇپىسى، ئوتتۇرا باسقۇچتا سىناق قىلىپ دەلىللەش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنىڭ مۇھىم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە باشلامچىلىق قىلىشىغا مەدەت بېرىمىز. ساغلاملىق، ياشانغانلارنى كۈتۈش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر پەن - تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، قوللىنىشنى كۈچەيتىمىز. ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان ئۇل تۈزۈمنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكىنى باھالاش، پەن - تېخنىكا بويىچە مۇكاپاتلاش، پەن تەتقىقات تۈرلىرى ۋە خىراجىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئېلان چىقىرىپ باشلامچى تاللاش» مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى تۈزىمىز. ئىلىم - پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز. يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى ئۆگىنىش ئىستىلىنى يېتىلدۈرىمىز. خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئالاقە - ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىمىز.

ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرىمىز ۋە ياخشى ئىشلىتىمىز. تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويىمىز. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى ۋە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، توپلاش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ رايونلارغا مۇۋاپىق جايلىشىشى ۋە ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ ۋە بارلىققا كەلتۈرۈپ، سەرخىل ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ۋە يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇل تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، داڭلىق ئىنژېنېرلار ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. خەلقئارا ئىختىساسلىقلار ئالاقىسىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز. يېڭىلىق يارىتىش قىممىتى، ئىقتىدارى، تۆھپىسىنى يېتەكچى قىلغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، خىزمەت، تۇرمۇش كاپالىتى ۋە تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرىمىز. بىز ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى ئىشقا سالىدىغان، كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

(3) ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادتا ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنمىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىمىز.

ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كىرىمنى ئاشۇرۇش، تەمىناتنى ئەلالاشتۇرۇش، چەكلەش خاراكتېرىدىكى تەدبىرلەرنى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتىمىز. يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، رەقەملىك ئىستېمال، يېشىل ئىستېمال، ساغلام ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاقىل ئۆي، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش - ساياھەت، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن «مودا مەھسۇلات» قاتارلىقلارغا دائىر ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال يېتىلدۈرىمىز. ئەنئەنىۋى ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئاقىل، تورلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىقلارغا دائىر كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى جانلاندۇرىمىز. ياشانغانلارنى كۈتۈش، بالىلارنى تەربىيەلەش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مەھەللە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مەدەت بېرىمىز. ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «خاتىرجەم ئىستېمال ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، مائاشلىق ئوتپۇسكا تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆلچەم سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىمىز.

ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىمىز. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكە بولۇش، زورايتىش ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ۋە يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى نۇقتىلىق قوللاپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئاجىز ساھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇنى چىقىرىۋېتىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش ۋە تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېز يولغا قويىمىز. بۇ يىل مەركەز خامچوتىدا 700 مىليارد يۈەن سېلىنما ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنىڭ سېلىنما ساھەسى ۋە كاپىتال مەبلىغى ئورنىدا ئىشلىتىلىش دائىرىسى مۇۋاپىق كېڭەيتىلىدۇ، نورما تەقسىماتىنى تۈر تەييارلىقى تولۇق، سېلىنما ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى رايونلارغا مايىللاشتۇرىمىز. تۈرلۈك مەبلەغلەرنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلىتىمىز، ئۈنۈمى تۆۋەن، ئۈنۈمسىز مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. مەبلەغ سېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئەلئارا سېلىنمىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقى يېڭى مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئەلئارا كاپىتالنىڭ زور تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىمىز، تۈرلۈك چىتلاقلارنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە ئەلئارا سېلىنمىنى كىرەلەيدىغان، تەرەققىي قىلالايدىغان، نەتىجە يارىتالايدىغان قىلىمىز.

(4) ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىمىز. نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز. دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۈچ. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تىن ئىبارەت تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشى، بەس - بەستە تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىمىز. جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى بەرپا قىلىمىز. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاساسلىق كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يادرولۇق ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى ۋە يانداش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار ئىجازىتى، ئامىلغا ئېرىشىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەل قىلىمىز. پۇقراۋى كارخانىلارغا بېرىلىدىغان قەرز پۇل نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زايوم تارقىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە تۈرگە ئايرىپ يار - يۆلەك بولۇش، مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىمىز. ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىشنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز. مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىچىلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتقا ئېتىبار بېرىشى، دادىللىق بىلەن ئىش قىلىشى، دادىللىق بىلەن تەۋەككۈل قىلىشى، دادىللىق بىلەن مەبلەغ سېلىشى، كارخانىنى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشى باشقۇرۇشىنى پائال قوللايمىز.

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچەم كۆرسەتمىسىنى تۈزۈپ چىقىمىز. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەتلىشىش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت قاتارلىق جەھەتلەردە تۈزۈم - قائىدىلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولىمىز. ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈشكە دائىر مەمۇرىي نىزام چىقىرىپ، نۇقتىلىق ساھە، يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھە، چەتكە چېتىشلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يەرلىك قورۇقچىلىق قىلىش، بازارنى بۆلۈۋېتىش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا ناتوغرا رىقابەتلىشىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەيمىز. خېرىدار چاقىرىش - چىقىش بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ دەللىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قەتئىي قوغدايمىز.

مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى باشلامچى رايونى بەرپا قىلىمىز. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مالىيە - باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پىلانلاپ، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈريول ۋە ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت سىستېمىسى قاتارلىقلارغا دائىر ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەبىئىي مونوپول ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، تېببىي دورىگەرلىك - ساقلىق ساقلاش، ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلار، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

(5) يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسى بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئۇدۇللىشىپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، ئىچكى - تاشقى ئىككى بازار، ئىككى بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەسىرىنى كۈچەيتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرىمىز.

تاشقى سودىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. ئىمپورت - ئېكسپورت ئىناۋەتلىك قەرزى ۋە ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلىش، پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك بازار ئېچىشىغا مەدەت بېرىمىز. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، چەت ئەلدىكى ئىسكىلاتلارنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پىششىقلاش سودىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاپ، ئارا مەھسۇلات سودىسى، يېشىل سودا قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى كېڭەيتىمىز. ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىمپورتىنى پائال كېڭەيتىمىز. چېگرا سودىسىنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. مۇلازىمەت سودىسى، رەقەملىك سودىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئىچكى سودا بىلەن تاشقى سودىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. ئىمپورت يەرمەنكىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى، رەقەملىك سودا يەرمەنكىسى، ئىستېمال يەرمەنكىسى قاتارلىق مۇھىم يەرمەنكىلەرنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاقىل تاموژنا بەرپا قىلىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشى، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىمىز.

چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. چەت ئەل مەبلىغىگە ئىجازەت بېرىش پاسسىپ تىزىملىكىنى داۋاملىق قىسقارتىپ، ياسىمىچىلىق ساھەسىگە قارىتىلغان چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىگە چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىمىز، تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەتچىلىكنىڭ بازار ئىجازىتىنى بوشىتىمىز. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنى چېگرا ئىچىدە قايتا مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا قارىتىلغان پۇقراۋى مۇئامىلىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، ئۆلچەم تۈزۈشكە قانۇن بويىچە باراۋەر قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتىلغان مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» ماركىسىنى يارىتىمىز. چەت ئەل تەۋەلىكىدىكىلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت، ئۆگىنىش، ساياھەت قىلىشىنى يەنىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، چىقىم مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرىمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىشى، يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىمىز.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللاشقا دائىر سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىمىز. مۇھىم تۈرلەر ھەمكارلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بىر تۈركۈم «كىچىك ھەم ياخشى» تۈرلەرنى يولغا قويىمىز، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ساغلاملىق، مەدەنىيەت، ساياھەت، نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا پائال تۈرتكە بولىمىز. غەربىي رايون قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز.

كۆپ تەرەپلىك، قوش تەرەپلىك ۋە رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. كۈچكە ئىگە بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالايمىز. جۇڭگو - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىسى سۆھبىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»، «ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلغار تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشقا تۈرتكە بولىمىز. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىغا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزىمىز.

(6) تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۆي - زېمىن، يەرلىك قەرز، ئوتتۇرا - كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئارقىلىق تۈگىتىپ، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمىز.

يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى پۇختا، تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىمىز. زور خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، يەرلىكنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلايمىز. ئۆي - زېمىن سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مۈلۈكچىلىكتىكى ئۆي - زېمىن كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى ئوخشاش مۇئامىلە بىلەن قوللاپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىش بىلەن مۇقىملىق - تەرەققىياتنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، بىر قاتار قەرز تۈگىتىش لايىھەلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساقلانما قەرز خەۋپ - خەتىرىنى جايىدا تۈگىتىپ، قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىمىز. بەزى جايلاردىكى ئوتتۇرا - كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىمىز.

خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئۆي - زېمىن بازىرىدىكى تەمىنات - تەلەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز. كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە تەمىناتىنى زورايتىپ، تاۋار ئۆيگە ئالاقىدار ئۇللۇق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ مۇتلەق تۇرالغۇ ئېھتىياجى ۋە كۆپ خىللاشقان ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز. ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇن كېلىدىغان مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي يەرلىك قەرزنى كۆزىتىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى تۈرلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىمىز. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىمىز.

نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، يىغىش، ساقلاش، پىششىقلاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلايمىز. دۆلەت سۇ تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئېنېرگىيە بايلىقىغا دائىر بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. چوڭ دۆلەت زاپاس ساقلاش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. تور، سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز. كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ راۋان ئايلىنىشىغا تىرەك بولىمىز.

(7) يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «مىڭ كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنت تۈزەش» قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، تەرتىپ بويىچە پەيدىنپەي ئىلگىرىلەپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش - تەمىناتنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دادۇرنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بىرلىك مەھسۇلاتنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ئاشلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە كىرىمىگە قارىتا سۇغۇرتا سىياسىتىنى مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ پايدىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلاردا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىشىنى كېڭەيتىپ، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرىمىز، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىمىز. سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكى، بىنەم يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. كېسەللىك - ھاشارات زىيانداشلىقى ۋە ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىگە دائىر ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا تۇپراقنى قوغداش ۋە شورلۇق يەرلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ھەرقايسى جايلار دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. بىزدەك ئاھالىسى كۆپ دۆلەتتە بۈيۈك يېزا ئىگىلىك قارىشى، بۈيۈك ئوزۇق قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تاماق مەسىلىسىنى باشتىن - ئاخىر ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشىمىز شەرت.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قىلچە بوشاشماي مۇستەھكەملەيمىز ۋە كېڭەيتىمىز. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆچۈرۈلگەنلەرگە داۋاملىق يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىمىز. شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ ھەمكارلىقى ۋە نۇقتا بېكىتىپ يار - يۆلەك بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە دۆلەت نۇقتىلىق يار - يۆلەك بولىدىغان ناھىيەلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىگە ۋە ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا دائىملىق يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمىز، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز.

يېزىلارنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى پۈتۈن ئۆلكىدە سىناق قىلىشنى باشلايمىز. كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، تەمىنات - سودا كوپىراتىپى قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەردە خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى زورايتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىمىز ۋە ياخشى ئىشلىتىمىز. يېزا - كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ - ئادەتنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ سۇ، توك، يول، گاز، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، توكلىغۇ، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى، ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش، تەقسىملەپ ئاپىرىپ بېرىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ياشاشقا ۋە ئىشلەشكە باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىمىز.

(8) شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ جايلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرىمىز. رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايونلار زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىساد ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز.

يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يەنە زور تەرەققىي قىلىش، يۈكسىلىش بوشلۇقى بار. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىمىز. يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئادەم، يەر، پۇل»نى بىر - بىرىگە باغلاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەشنى خالايدىغان دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنى شەھەر - بازار نوپۇسىغا ئېلىپ، نوپۇسقا ئېلىنمىغان دائىملىق ئاھالىنىڭ شەھەر - بازارلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. ناھىيە ئىقتىسادىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ناھىيە بازىرىنى يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرىمىز. شەھەر توپى، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى تايانچ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدىمۇ، جىددىي ئەھۋالدىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ۋە شەھەردىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز، يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كونا مەھەللىلەردە لىفىت ئورنىتىش، ماشىنا توختىتىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، توسالغۇسىز مۇھىت، ياشانغانلارغا لايىقلاشقان ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياشاشقا باب كېلىدىغان، ئاقىل، ئەۋرىشىم شەھەر بەرپا قىلىمىز. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنىڭ ھەممە ئىشلىرىدا ئادەمنى ئاساس قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنچىكە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىمىز.

رايونلار ماس تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك ئورنىغا ئاساسەن، ئۇلارنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا پائال سىڭىشىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا رايوننى تېز يۈكسەلدۈرۈش، شەرقىي رايوننىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەرنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شەرقىي شىمال ۋە ئوتتۇرا، غەربىي رايوننىڭ يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى قوبۇللاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئىگە رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسىگە خاس رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز. بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتىمىز. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. ئىنقىلابىي كونا رايونلار، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىپ، چېگرا رايونلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش - خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىمىز. مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىي رايون قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنى سەرخىللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىمىز.

(9) ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىمىز. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش ۋە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىمىز.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە تۈرتكە بولىمىز. ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز، قاتتىق تاشلاندۇق، يېڭى بۇلغىما، سولياۋدىن بۇلغىنىشنى تۈزەشنى كۈچەيتىمىز. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچ چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك جېڭىنى تەشكىللەپ ۋە ياخشى قىلىپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. مۇھىم دەريا، كۆل، سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىمىز. چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش زور قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى رېئاللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغايمىز.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسى، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ تىپىنى يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئومۇميۈزلۈك تېجەش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىمىز. يېشىل تەرەققىياتقا مەدەت بېرىدىغان مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، باھا قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەرنى ۋە ئالاقىدار بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشلاندۇقلاردىن ئايلانما پايدىلىنىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشكە دائىر ئىلغار تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەمىنات زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىمىز. گۈزەل جۇڭگو باشلامچى رايونى قۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىمىز.

كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. «كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشكە دائىر 10 چوڭ ھەرىكەت»نى پۇختا قانات يايدۇرىمىز. كاربون چىقىرىشنى ئىستاتىستىكا قىلىش، ھېسابلاش، تەكشۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كاربوننى ئىزلاپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە كاربون بازىرى ساھەسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تاشقاتما ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى تىزگىنلەپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىرى بازىسى ۋە سىرتقا يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تارقالما ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى قوبۇل قىلىش، تەقسىملەش ۋە تەڭشەش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل توك ئىشلىتىش ۋە خەلقئارادا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىرىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

(10) خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسنى كاپالەتلەندۈرۈش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كىرىمنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىش − ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەر ئارقىلىق قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەخسۇس سىياسەتلەرنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىش، مەخسۇس قەرز بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ ساھە كارخانىلىرىغا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىمىز. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل 11 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدۇ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرىمىز. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان مېيىپلەر قاتارلىقلارغا يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىمىز. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈرلەر بويىچە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى كەسپىي زەخمە جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش سىنىقىنى كېڭەيتىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا جىنسى، يېشى، ئوقۇش تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردىن كەمسىتىدىغان ئەھۋاللارنى قەتئىي تۈزىتىپ، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىگە دائىر مەسلىھەتلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايمىز. ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، ياشانغاندا كۈتۈش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىمىز. شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىمىز.

داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. نۇقتىلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز. ئاھالە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 30 يۈەن ئۆستۈرىمىز. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالاش، تېببىي دورىگەرلىكنى ماس راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىسىدە بىرتۇتاش غەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ دورىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى دائىملىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى بىمارلارنى مەركەز قىلىپ ياخشىلاپ، تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىشكە يېتەكلەپ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەر داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سوزۇلما كېسەل ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەلگە ئىشلىتىلىدىغان دورا تۈرلىرىنى كېڭەيتىمىز. كەم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئۈستىدىكى تەتقىقات، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە دورا ئىشلىتىش كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز. بالىلار بۆلۈمى، ياشانغانلار تېبابىتى، روھىي ساغلاملىق، داۋالاش، پەرۋىش قاتارلىقلارغا دائىر مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تېز تولۇقلاپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش - تەربىيەلەشنى كۈچەيتىمىز. جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى ئەۋزەل مەخسۇس كېسەللىك بۆلۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلايمىز.

ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتىمىز. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈش دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويىمىز. شەھەر - يېزا ئاھالىسى ياشانغاندا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى 20 يۈەن ئۆستۈرىمىز، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پۈتۈن مەملىكەتتە شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، 3 - تۈۋرۈكلۈك ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى پائال راۋاجلاندۇرىمىز. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى ۋە باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرىغا دائىر مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى قىلىمىز. شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، يېزىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. ياشانغانلار بۇيۇملىرى ۋە ياشانغانلار مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، ئاقباشلار ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۇغۇتتا دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرىمىز، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنى مۇۋاپىق، ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق كۆپەيتىمىز، ئائىلىلەرنىڭ تۇغۇت، بېقىش - تەربىيەلەش، مائارىپ يۈكىنى يېنىكلىتىمىز. ئۆيدە قالغان بالىلار ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر مېيىپلەرنى ھاۋالىلىك بېقىش - ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. قاتلامغا، تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىگە يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرىدىغان بىخەتەرلىك تورىنى يەنىمۇ پۇختىلايمىز.

خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىمىز ۋە ئىزچىللاشتۇرىمىز. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن، ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئارخىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز. مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىمىز. دۆلەتنىڭ مەدەنىيەتنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاكتىپ، ساغلام بولغان، ئالغا بېسىشقا، ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان تور مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرىمىز. مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويىمىز. ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. مەدەنىيەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى 4 - قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىمىز. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. جۇڭگو - چەت ئەل ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز. تەنتەربىيە ئىسلاھاتى سالمىقىنى زورايتىمىز. 2024 - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش - قاتنىشىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيمىز. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايمىز. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ تىپىنى ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىمىز. ئاساسىي قاتلامنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى يېنىكلىتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە تىرەك بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەر، ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسىمىز. كەلكۈن، ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق، تەيفېڭ بورىنى، ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتى، گىيوئاپەت، يەر تەۋرەش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. يېمەكلىك، دورا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىمىز. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، ئاممىۋى پاراۋانلىق، خەيرىيەت ئىشلىرى قاتارلىقلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز ۋە مەدەت بېرىمىز. ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، زىددىيەت، ماجىرانىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قارا - رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىمىز. تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىمىز.

ۋەكىللەر!

يېڭى سەپەر، يېڭى بۇرچ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋرنىڭ چىڭ داۋلىسى قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت، ئىجادچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قاتتىق رىئايە قىلىشىمىز كېرەك. تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىمىز، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىمىز، جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى پىكىرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت تۈزۈشتە قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىشىمىز، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملىشىمىز، قانۇننى ئاساس قىلىشىمىز كېرەك. مەمۇرىيەتتە ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. قانۇننى قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشىمىز، پاك ئادەم بولۇشىمىز، مەسئۇلىيىتىمىزنى تىرىشىپ ئادا قىلىشىمىز، ئۆزىمىزنى پاك تۇتۇپ خەلق ئۈچۈن ئىشلىشىمىز كېرەك.

مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، سەرخىل، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىجرا كۈچى ۋە ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. توغرا ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، تەپەككۇر قاتماللىقى ۋە يول بېقىنىشچانلىقىنى دادىل بۇزۇپ تاشلاپ، يېتەكلەش خاراكتېرىگە، قوزغىتىش خاراكتېرىگە ئىگە كۈچلۈك خىزمەت تۇتقىسىنى پائال پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا كەم - كوتسىز، چاقماقتەك چاققان، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل ۋە دادىل - ماھىر بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاخىرقى ئۈنۈمنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مۇددىئاسىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا لايىقلىشىشىمىز كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. «ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، ھۆججەت ۋە يىغىنلارنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سىناشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ۋە كارخانىلارنىڭ يۈكىنى داۋاملىق يېنىكلىتىشىمىز كېرەك. «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. كەڭ كادىرلار «ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولالمايدىغان» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى «ھەممە ئىشتا كۆڭۈلدە سان بولىدىغان» ھەرىكەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىش روھى ۋە خىسلىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئىشنى ئوبدان قىلىپ نەتىجىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، دەۋرگە ۋە خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

ۋەكىللەر!

بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىشىمىز كېرەك. چياۋمىنلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەر ۋە ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى، خەلق ئارمىيەسى زىممىسىدىكى بۇرچ - ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىدى. يېڭى بىر يىلدا، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. زامانىۋى ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنىڭ ئىجراسىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەرەققىياتىغا دائىر زور قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكا سانائىتىنىڭ سىستېمىسى ۋە جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك، توغرا، قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىشىنى قوللايمىز.

بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قىلچە ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى بىر نىيەتتە ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز كېرەك.

بىز مۇستەقىل - ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ۋەكىللەر !

بۇرچنى ئادا قىلىشتا زىممىگە ئېلىش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، كۈرەش كېلەچەكنى يارىتىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى !

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

(تەرجىمىسىنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت