شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئىشەنچ ۋە كۈچ خەلقتىن كەلگەن
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، شى يۈسېن

خەلق سارىيى − خەلقنىڭ سارىيى. بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، ئۇنىڭ «山» خېتى شەكىللىك قۇرۇلۇش تەكشى يۈزى دەل «خەلق ھاكىمىيىتى»نىڭ جانلىق تەسۋىرى.

ئەينى يىلى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 30 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى قۇرۇلۇشقا قاتناشتى، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم خالىسانە ئەمگەككە قاتناشتى، پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئون ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىناكارلىق تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلىپ، تەقدىرىنى «ئۆز قولىدا تۇتۇش»تىن ئىبارەت خەلقنىڭ كۈچىگە گۇۋاھ بولدى.

ئۇ جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، نۇرغۇن بوران ـ چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردى، نۇرغۇن شانلىق نەتىجىلەرگە گۇۋاھ بولدى.

بۇ يىل، بىز خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىدىن ئىبارەت شانلىق پەيتنى كۈتۈۋالىمىز. دەۋر قەدىمى بارغانسېرى مەزمۇت تاشلانماقتا.

70 يىل ئىلگىرى، بىر مۇخبىر 1 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىنى خەۋەر قىلغاندا مۇنداق يازغان: «ئۇلار ئىستانوك يېنىدىن كەلگەن، ئېتىز بېشىدىن كەلگەن، كان قۇدۇقلىرىدىن كەلگەن، دېڭىز ياقىسىدىكى مۇداپىئە قاراۋۇلخانىلىرىدىن كەلگەن... ئۇلار ئۆزلىرى ھۆرمەتلەيدىغان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى».

بۇ كۆرۈنۈش بۈگۈنكى جۇڭگودا يەنىلا شۇنچىلىك تونۇش.

2013 ـ يىلىدىن 2024 ـ يىلىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئۆمەك، گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاراپ چىقىشى، مۇزاكىرىسىگە 59 قېتىم قاتنىشىپ، نەچچە يۈز ۋەكىل ۋە ئەزانىڭ سۆزىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئېتىز باشلىرىدىن كەلگەن، زاۋۇت سېخلىرىدىن كەلگەن، پەن تەتقىقات يۇرتى ـ ئورۇنلىرىدىن كەلگەن، چېگرا گازارمىلىرىدىن كەلگەن...

بۇلتۇر، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى، يېزىدا يىلتىز تارتىپ، رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئېتىزدا تېرىقچىلىق قىلغان «80 ـ يىللاردا تۇغۇلغان»لارغا يۈزلىنىپ «ۋېي چياۋغا ئوخشاش مۇشۇنداق يولداشلارنىڭ يېزىغا بېرىشى ناھايىتى ياخشى ئىش!» دەپ چىن قەلبىدىن ماختىغان بىر جۈملە سۆزى نۇرغۇن «يېڭى دېھقان»نى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى.

بۇ يىل، بىرىنچى سەپتىن كەلگەن سانائەت ئىشچىلىرى ۋەكىلى، جۇڭچې گۇرۇھى نەنجىڭ پۇجېن رېلىسلىق قاتناش ۋاسىتىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئايال كەپشەرچىسى سۈن جىڭنەن باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

«سىز چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى.» باش شۇجى سۈن جىڭنەنگە مەمنۇنلۇق نەزەرى بىلەن قاراپ مۇنداق دېدى: «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇل تېشى، تۈۋرۈكى.» «بۇ بىر تۈۋرۈك، يېتەرلىك قابىلىيەت بولمىسا ئىشنى پۇختا قىلغىلى بولمايدۇ».

ئۇچقۇن مەشئەلگە ئايلاندى. مەيلى «يېڭى دېھقان»لار بولسۇن ياكى ھۈنەرۋەنلەر بولسۇن، بۇلار دەل ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەر، كۈرەش قىلغۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلارنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئۇلار خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى بەرپا قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقنىڭ سارىيىدا مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىللىق دەقىقىلەر نامايان بولدى.

«باش شۇجى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى چۈشىنىدىكەن» «ناھايىتى تەپسىلىي سورايدىكەن» «ناھايىتى چىقىشقاق، مۇلايىم ئىكەن» «سۆزلىرى ناھايىتى قىزىقارلىق، ئاممىغا يېقىن ئىكەن»... بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرغان ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ئورتاق تەسىراتى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بىر قېتىملىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭنەنخەي باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىشى كېرەك». ئەينى يىللاردىكى زىيالىي ياش چاغلىرىنى ئەسلىگىنىدە، باش شۇجى ئىلگىرى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېگەنىدى: «خەلق ئارىسىدا بولسام خاتىرجەم بولىمەن، خەلق بىلەن بىللە بولسام كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولىمەن».

بۇ، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان خىسلەت، تېخىمۇ مۇھىمى قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىنتىلىش.

تۆت پەسىل تەرتىپ بىلەن ئالماشتى. خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان ئەسلىي مەقسەت باشتىن ـ ئاخىر ئۆزگەرمىدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يېڭى تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئالدى.

بۈگۈنكى جۇڭگو مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىشلارنى ئالغا سىلجىتماقتا، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىشى چوقۇم ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مۆجىزە بولۇپ قالىدۇ.

ئەڭ ئۇلۇغ ئىش ئەڭ جاپالىق بولىدۇ.

ئۆتكەن بىر يىلدا، ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ۋەزىپىلەر مۈشكۈل، قىيىنچىلىقمۇ كۆپ بولدى. «كۆپچىلىك بىر يىلنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېسىدە تۇتتى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى».

بۇ ئىشەنچ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ئەمەلىي بولغان ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى «ھېساباتى»غا يېزىلىپلا قالماي، ئادەملەر دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن «بازار ئەھۋالى»غىمۇ يېزىلدى، يەنە تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەيدىغان «خەلق ئەھۋالى»غىمۇ يېزىلدى.

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش» ئېنىقلا ئەڭ قىزىق تېما بولۇپ قالدى. بىز پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم بېيىپ راۋاجلىنىشتەك جانلىق جەريانىغا گۇۋاھ بولۇۋاتىمىز.

بۇلتۇر جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بۇ مۇھىم ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىرنەچچە قېتىم مۇھىم سورۇندا چوڭقۇر چۈشەندۈردى. بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا، باش شۇجى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مېتودولوگىيەسىنى يەنىمۇ ئېنىق چۈشەندۈردى.

مەسىلەن، مۇھىم نۇقتا نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھالقىلىق تۇتقا ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ «يادرولۇق مۇھىم ئامىل»نى چىڭ كۆزلەپ، «تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىق پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئىگىلەپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش»نى تەلەپ قىلدى؛

يەنە مەسىلەن، ئىككى نۇقتا نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇدا ئىككى كۈن «ئۆمەك، گۇرۇپپىلارغا بېرىپ» ئوخشاش بىر جۈملە سۆزنى تاپىلىدى: «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قاراش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس، پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىللا ئەندىزىگە ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك».

بۇ چوڭقۇر تەپەككۇر، جانلىق بايانلاردىن بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئاسانلا ھېس قىلالايمىز.

ئەمەلىيەتتە، ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا نەزەر سالساق، دەل دۆلەتنىڭ بۇ مۇھىم ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سارىيى ئارقىلىق، بىر قاتار ئىنتايىن مول يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى خەلق داھىيسىنىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇشى داۋامىدا كېڭىشىلدى، ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، پىشىپ يېتىلدى.

«ھەرقانداق بىر ئۇلۇغ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا جەزمەن خەلق ئارىسىدىن ئۇل تېپىش، خەلق ئارىسىدىن كۈچ توپلاش كېرەك، بۇنى خەلق ئورتاق تاماملايدۇ».

بىلىش قانچە چوڭقۇر بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ.

2023 ـ يىلى 7 ـ ئايدا جياڭسۇغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، نەنرۇي گۇرۇھىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق كارخانا خىزمەتچىلىرىگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئىلھام بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، بىر قەدەم ـ بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئون يىلدا بىر خەنجەر تاۋلاپ چىقىشتەك چىدامچانلىق، <بىر ئۆمۈر بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش>تەك قەتئىيلىك بىلەن، قىممىتى بار كىشىلىك ھايات يارىتىش كېرەك».

سۇجوۋدىكى پىڭجياڭ يولىدا، سۇجوۋ كەشتىچىلىكىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنداق ماھارەت جۇڭگولۇقلارنىڭ چىدامچانلىقى، سەۋرچانلىقى ۋە ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ بىر قىسمى».

ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، ئېغىر ـ بېسىق بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك، شەخسلەر ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشتىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك، دۆلەت تەرەققىياتىدىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.

ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ سۆزىنى نەق مەيداندا ئاڭلىغىنىمىزدا، بىز بۇنداق «چىدامچانلىق، سەۋرچانلىق ۋە ئىرادە»نى تولۇق ھېس قىلالايمىز −

دۇڭنەن داشۆسىدىن كەلگەن ۋەكىل سۈي تيېجۈن باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ 37 يىلدىن بۇيان ئىككى ئىشنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى: بىرى، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدىغان مەخسۇس ئېلېكتىر ماگنىتلىق يۇمشاق ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، يەنە بىرى، پۈتۈنلەي دۆلەت ئىچىدە تاماملانغان ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئۇلتىرا ماتېرىيال.

ئۇنىڭ چاچلىرى ئاقارغان بولسىمۇ، يەنىلا تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىل 59 ياشقا كىردىم، دەل پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قىران ۋاقتىم، مەن پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن».

مۇزېيدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 35 يىل بولغان ۋەكىل سۇڭ يەن مۇنداق دېدى: «<بىر كەسىپنى تاللاپ شۇ كەسىپكە بىر ئۆمۈر ئىشتىياق باغلاش>تىن ئىبارەت مەدەنىيەت يادىكارلىقى ـ مۇزېي ساھەسىگە بولغان ئەسلىي مەقسىتىمنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزگۈچىسى بولىمەن».

سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجى قەتئىي تەلەپپۇزدا مۇنداق دېدى: «ئىش قىلغاندا يىراقنى ئويلاش كېرەك. تەنقىد قىلىش، قول شىلتىپ كەلسە ـ كەلمەس ئەيىبلەش بىلەن بولۇپ كەتمەي، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىش، قانچىلىكىنى ھەل قىلغىلى بولسا، شۇنچىلىكىنى ھەل قىلىش كېرەك» «ئالدىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ يەتكەن ئىكەنمىز، چوقۇم ئىرادىنى ساقلىشىمىز كېرەك».

«مەن ھەرىكەتكە ھۆرمەت قىلىمەن.» بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن پىرىنسىپ.

بوران ـ چاپقۇن، توسالغۇلارغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز خىزمىتىدىكى ئېنىقلىق ئارقىلىق ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش كېرەك، بۇ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئەڭ ئاددىي يولى.

خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە قاراپ، باش شۇجى كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك».

شەرقىي زالنىڭ تېمىدا رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى يېزىلغان ھۆسنخەت ئەسىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ بىرىنچى مىسراسى «قورقمىدى خۇڭجۈن ئۇزۇن، مۈشكۈل سەپەردىن ھېچقاچان، قىلچىمۇ توسالمىدى مىڭلارچە دەريا، تاغ ـ داۋان»، يەنە بىرىنىڭ ئاخىرقى مىسراسى «قارىدىم يېشىل ئېكىنزار دولقۇنىغا زوقلىنىپ، ئەزىمەتلەر تۇشمۇتۇشتىن قايتتى كەچ ھەيۋەت بىلەن» ئىدى.

ئىشەنچ ۋە كۈچ خەلقتىن كەلگەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت