شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يېڭى دەۋردىكى مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەمكارلىقى، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-13 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

يېڭى دەۋردىكى مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەمكارلىقى، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي، جاڭ يۈجو سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى لى يىفېي قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن غەلىبىلىك يېپىلىشى بىلەنلا، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن ۋە گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بېيجىڭدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەمكارلىقى، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى ئورتاق پىلانلىدى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر جاڭ يۈجو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ بىڭتۇەنگە ياردەم بېرىشىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى، ھەرقايسى مەركەز كارخانىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز پۇختا قەدەم تاشلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كەڭ مەركەز كارخانىلىرى رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان، تەرەققىي قىلىپ زورىيىدىغان كەڭ سەھنە. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، شىنجاڭدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ سىجىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەركەز كارخانىلىرىنى شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش، ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ھەم ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋا كەسىپ توپىنىڭ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەڭ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرى، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىشى، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىدۇ.

جاڭ يۈجو گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەركەز كارخانىلىرىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەننىڭ دۆلەت مۈلكى، مەركەز كارخانىلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا دۆلەت مۈلكى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتە دۆلەت مۈلكى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كەسىپ ھەمكارلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» نۇقتىلىق تۈرلىرى ۋە كەسىپ باغچە رايونى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، ئېسىل مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى پەن - تېخنىكا، يېڭى مۇسابىقە يولى، يېڭى بازار سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يارىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى سىجىل كېڭەيتىش كېرەك. ئۆز جايىدا قوبۇل قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «ئىش ئورنىنى بېكىتىش»، «نىشانلىق» تەربىيەلەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. بىڭتۇەن كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى كۆزلەپ، خىزمەتتە ماسلىشىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىكلەردە ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئالاقىدار مەركەز كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

قادېن كەبىن، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، جىن جىجېن، با تۇ، خا زېڭيوۋ، لى يۇڭخۇڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن گوۋ پىڭ، جۇاڭ شۇشىن ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت