شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-13 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2024 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، لىن خۇي، شى يۈسېن

2024 - يىلى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە چوقۇم قېنىق، رەڭدار سەھىپە پۈتۈلىدۇ −

بۇ يىل يېڭى جۇڭگو دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالدى، پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا قاتناشتى، جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مېتودولوگىيەسى −

«ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش»

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئەمەلىيىتى يېڭى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىگە ئېھتىياجلىق. بۇلتۇردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى يەنە بىر قېتىم بېيىتىلدى، راۋاجلاندۇرۇلدى −

جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە، يەنە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە سىستېمىلىق بايان قىلىشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ۋە يۈكسەك نەزەرىيە ئاڭلىقلىقى بىلەن، «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دېگەن نېمە، نېمە ئۈچۈن يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» دېگەن مۇھىم مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ قېتىم ئۆمەك، گۇرۇپپىلارغا بېرىپ، «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»نى ئۈچ قېتىم تىلغا ئېلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مېتودولوگىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈردى.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالى، جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانى.

تيەنخې يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ۋەكىل گاۋ جىفەن سۆز قىلغاندا، ئۇنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئىلمى ۋە تېخنىكىسى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىكەنلىكىدەك يەنە بىر سالاھىيىتى باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«تەجرىبىخاناڭلارنى قەيەرگە تەسىس قىلدىڭلار؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«چاڭجوۋ ۋە شاڭخەيدە بار، بىز كارخانا ۋە داشۆلەر بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇپ، ئۇل تەتقىقات، ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات، ئەمەلىي قوللىنىشچان تەتقىقاتنى تۇتاشتۇردۇق» دەپ جاۋاب بەردى گاۋ جىفەن.

«يورۇقلۇق ۋولت كەسپى مەھسۇلاتلىرىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشتىن قارىغاندا يەنە قانداق كەمتۈكلۈكلەر بار؟» «ھازىر ئېلېكتىر تورى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشتا يەنە قانداق مەسىلىلەر بار؟» باش شۇجى ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى.

گاۋ جىفەن باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: كارخانىمىز 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يورۇقلۇق ۋولت ساھەسىدىكى تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى تىرىشىپ ئىگىلىدى. مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىقى، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مېڭىپ، جابدۇق، خام ماتېرىياللارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىش، تىزگىنلەشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.

باش شۇجى بېشىنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارىشىچە، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ «ئالاھىدىلىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئاچقۇچى ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، ماھىيىتى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى.» بۇنىڭ ئىچىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچى رول ئوينايدۇ، ئۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يادرولۇق ئامىل.

بۇلتۇرقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، جياڭسۇغا «يەرشارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە كەسىپلەر پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش» مۇھىم بۇرچىنى يۈكلىگەنىدى.

بۇ قېتىم باش شۇجى جياڭسۇنى «خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، جياڭسۇنى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرۇش»قا ئىلھاملاندۇردى.

قاراپ چىقىش جەريانىدا، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش شەرقىي قىسىمدىكى بۇ ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى: پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ سىجىللىقى %3.2 ئەتراپىدا بولدى، سانائەتتە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %41.3 ۋە %49.9كە ئۆستى...

«سىلەر ياسىمىچىلىق چوڭ ئۆلكىسى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 126 تىرىليون يۈەن، سىلەرنىڭ بولسا 12 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن، دەل ئوندىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ ناھايىتى قالتىس ئىش. جياڭسۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ياخشى شارائىت ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىغان.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بىر نەچچە قېتىملىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، مەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە توختالغاندا، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەرنى تىلغا ئېلىپ، بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى سىلەر زىممەڭلەرگە ئالمىساڭلار، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، دېگەنىدىم. سىلەر ئىنتايىن مۇھىم، باشقىلار ئورنۇڭلارنى باسالمايدۇ».

نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، باش شۇجى يەنە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، بىز جەزمەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك».

بۇ سۆز يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

«ئەلۋەتتە، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قاراش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس، پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىللا ئەندىزىگە ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك.» باش شۇجى سۆزىنىڭ مەزمۇنىنى يۆتكەپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوخشاش سۆزنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي تاپىلىدى.

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىنىڭ جۈيىڭ زالى دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى، سۆز تېمىسى تەدرىجىي «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»گە مەركەزلەشتى.

پەن - تېخنىكا ساھەسىدىن كەلگەن ئەزا جاۋ يۈلياڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

ئۇ خىزمەت كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئويغا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ پەن تەتقىقات ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ كەشپىيات پاتېنت سانى كۆپ، لېكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش ئاز. دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇشىدا يەنە بىرقەدەر چوڭ بوشلۇق بار. يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى <بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرسىمۇ ئۇچرىشىشىنىڭ تەس بولۇشى> يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بوغۇق نۇقتا».

باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تەتقىقات بىلەن ئىشلەپچىقىرىش <ئىككى ئىش> ئىدى، ھازىر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن كۆپ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ كارخانىلار ئۆزى بىۋاسىتە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئارقىلىق نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلار ئورتاق گەۋدە شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ، بۇنداق يۈزلىنىش ۋە يۆنىلىش توغرا، شۇڭا سۈرئەتنى تېزلىتىپ، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇش كېرەك».

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئىگىلەپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش»نى تەلەپ قىلدى؛ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا، «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە جەڭگىۋار كۈچلەر بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك تۈرتكە بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»نى تەلەپ قىلدى...

مەۋقەنى ھازىرغا ۋە كەلگۈسىگە قويۇپ، رايون بىلەن پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىستېمىلىق بايان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى دىيالېكتىكا −

«ئىش قىلغاندا يىراقنى ئويلاش»

«بىز نىڭشيا گۇيۈەندە سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرغاندا، شۇ جايدىكى پۇقرالار چاي، تاماق يەتكۈزۈپ بېرىپ خىزمىتىمىزنى قوللىدى».

«سىلەر سۇنى ئىدارە قىلىشتا ئاساسلىقى قانداق ئۇسۇلنى قوللاندىڭلار؟ قانداق مەسىلىنى ھەل قىلدىڭلار؟»

سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، بېيجىڭ شوۋچۇاڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش گۇرۇھىدىن كەلگەن ئەزا خۇاڭ ميەنسۇڭ بايان قىلغان ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە دائىر ھېكايىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆز ئارىلىقىدا سۈرۈشتۈرۈپ سورىدى.

گۇيۈەن جايلاشقان شىخەيگۇ رايونى «جۇڭگودىكى ئەڭ قاقاس، نامرات جاي ئىدى.» مەيلى يەرلىكتە خىزمەت قىلغاندا بولسۇن ياكى مەركەزدە خىزمەت قىلغاندا بولسۇن، يولداش شى جىنپىڭ شىخەيگۇنى دائىم ئەسلەپ تۇردى، بۇ تۇپراقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.

خۇاڭ ميەنسۇڭ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، گۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى يىلدىن - يىلغا ياخشىلاندى، بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 428 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ساياھەت كىرىمى 215 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«مۇھىتنى قوغداشقا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىزچىل ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى بېيجىڭ شەھىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «دائىم قۇم - بوران چىقاتتى. ئەتىيازدا ماسكا تاقىۋالاتتۇق، ئېلىۋەتكەندە بىر قەۋەت توپا - چاڭنى كۆرگىلى بولاتتى. بىز بىر كۈن سىرتقا چىقىپ كەتسەك، ئۆي ئىچى، يەرلەرنى بىر قەۋەت توپا - چاڭ بېسىپ كېتەتتى».

10 يىل ئىلگىرى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC)نىڭ 22 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلغاندا، گۈزەل كۆك ئاسمان كىشىلەرنى زوقلاندۇردى.

«ئاشۇ بىرنەچچە كۈندە ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولدى، شۇ چاغدا بەزىلەر بۇ <APEC كۆك ئاسمىنى> ئۇزاق داۋاملىشامدۇ؟ دەپ سورىغانىدى. مەن ئۇلارغا، بۇ ھەرگىزمۇ قىسقا مەزگىللىك كۆك ئاسمان ئەمەس، بىر نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ ئۇ مەڭگۈلۈك كۆك ئاسمان بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم. ئەينى يىللاردىكى بۇ تەپسىلاتنى تىلغا ئالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلەپپۇزى ناھايىتى قەتئىي بولدى.

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى، «APEC كۆك ئاسمىنى» تەدرىجىي ھالدا خەلق تۇرمۇشىدىكى نورمال ھالەتكە ئايلاندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل يۆگىمە رەسىمگە پۈتۈلدى.

تەستە قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن تېخىمۇ قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىش قىلغاندا يىراقنى ئويلاش كېرەك. تەنقىد قىلىش، قول شىلتىپ كەلسە - كەلمەس ئەيىبلەش بىلەن بولۇپ كەتمەي، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىش، قانچىلىكىنى ھەل قىلغىلى بولسا، شۇنچىلىكىنى ھەل قىلىش كېرەك» «ئالدىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ يەتكەن ئىكەنمىز، چوقۇم ئىرادىنى ساقلىشىمىز كېرەك».

ئەزا خۇاڭ ميەنسۇڭ تۇرۇشلۇق مۇھىت - بايلىق ساھەسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش كۆپەيتىپ تەسىس قىلغان يېڭى ساھە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بۇ ساھەگە كېلىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قارىتا زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى: «مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى كەڭ ئەزالارنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

«يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىيالېكتىكىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتەك يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلدى.

يېڭى مۇساپىدە، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشقا تۈرتكە بولۇش تەخىرسىز ھەم مۇھىم.

ئوخشاشلا مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىن كەلگەن ئەزا خۇ سۇڭچىن، سۆزىدە ئۆزىنىڭ يېڭى بۇلغىمىلارغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى: «دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى سەزگۈ ئەزالار ھېس قىلالايدىغان <تۇمان - تۈتەك>، <قارا، سېسىق> قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى تىزگىنلەشتىن ئۇزاق مەزگىللىك، يوشۇرۇن خاراكتېرلىك خەۋپى بار يېڭى بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەش باسقۇچىغا قاراپ راۋاجلانماقتا».

«يېڭى بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەش دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، تىزگىنلەش ئېڭى بولۇشى كېرەك دېگەنلىكتۇر، بىز بۇ جەھەتتە ئارقىدا قالساق بولمايدۇ.» باش شۇجى كونا - يېڭى مەسىلىلەرگە دىيالېكتىك مۇئامىلە قىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى، «يېڭى مەسىلە كۆرۈلسە، ئالدىدىكى كونا مەسىلىلەرنى تېخى بىر تەرەپ قىلىپ بولالمىدۇق، دەپ ئارام ئېلىشقا بولمايدۇ، ماس قەدەمدە تەڭ تۇتۇش كېرەك. يىراقنى كۆرەلمىگەن ئادەم غەم - ئەندىشىگە يېقىن بولىدۇ، مۇھىتنى قوغداشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، يەنە داۋاملىق ياخشى تۇتۇش كېرەك».

«يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش»تىن «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش»قىچە، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېكولوگىيە ئاساسىنى پۇختىلاش»تىن «ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش»كىچە، «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش سىياسىتى بىلەن ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىش»تىن «تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش»كىچە... بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەش پەيتىدە، تاللاشنى قارار قىلىش ئارىلىقىدا، سىنىلىدىغىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى كۈچلۈك ئىرادە ۋە يىراقنى كۆرەرلىك.

جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، جاڭجياگاڭ شەھىرىنىڭ نەنفېڭ بازىرى يۇڭليەن كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋۇ خۇيفاڭ ئۆزىنىڭ يېزىلاردا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى ئويلىنىشى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئالاقىدار پىكرىنى ئېلىپ كەلدى.

25 يىل ھەربىي بولغان بۇ پېشقەدەم ئەسكەر، 2005 - يىلى ئارمىيەدىن چېكىنىپ، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش ئارقىلىق يۇڭليەن كەنتىدە خىزمەت قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئورتاق بېيىغان بەختلىك كەنت قۇرۇش ئۇنىڭ يېڭى «بازا»سىغا ئايلاندى.

شۇ ئىشلىگىنىچە، 19 يىل ئىشلىدى.

«بۇلتۇر، يۇڭليەن كەنتىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي كىرىمى 161 مىليارد 600 مىليون يۈەن، كەنت كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك كىرىمى 335 مىليون يۈەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 73 مىڭ يۈەن بولدى. كەنتتىكى كارخانىلار تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، بىز مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى %25 پاي ھوقۇقىغا ئىگە قىلدۇق، بۇلتۇر كەنت ئاھالىلىرىگە كىشى بېشىغا 2 - قېتىم تەقسىم قىلىنغان پايدا 17 مىڭ يۈەن بولدى.» ئۇ باش شۇجىغا بىر - بىرلەپ دوكلات قىلدى.

«بۇ كىرىم ئەھۋالى ناھايىتى قالتىس بوپتۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا، سىلەر باشلامچى، بۇ يولنى كېڭەيتىڭلار. ئورتاق بېيىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش كېرەك».

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئۆزگەرمەس قائىدە بولىدۇ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئاساس.

نەق مەيداندىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، كەڭ ئاممىنى ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك».

ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئۇرغۇتۇش −

«ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇش»

جياڭسۇدىن كەلگەن ۋەكىل سۈن جىڭنەن جۇڭچې گۇرۇھى نەنجىڭ پۇجېن رېلىسلىق قاتناش ۋاسىتىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ كەپشەرچىسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىدا، ئۇنىڭ سۆزى سەمىمىي، كۈچلۈك بولدى: «ھۈنەرۋەنلەردىكى <ھۈنەرۋەن> دېگەن سۆز كەسپىي ساھەدە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جاپالىق چېنىقىش ئارقىلىق ئاندىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش دېگەنلىك».

بىر ئىشنى تاللاپ، بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش.

كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، سۈن جىڭنەن كەپشەرلەشنى بىر خىل سەنئەت دەپ قاراپ، شاگىرت ئىشچىدىن جۇڭگو جۇڭچې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ داڭلىق ماھارەت مۇتەخەسسىسىگە، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر نەزەرىدىكى داڭلىق «شەرقتىكى قالتىس ئايال كەپشەرچى»گە ئايلاندى.

«سىز چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى». باش شۇجى سۈن جىڭنەنگە مەمنۇنلۇق نەزەرى بىلەن قاراپ مۇنداق دېدى: «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇل تېشى، تۈۋرۈكى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز نامرات ھەم ئارقىدا قالغان ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، كىرگۈزۈش، ئۆزلەشتۈرۈش، قوبۇل قىلىشتىن يەنە تەرەققىي قىلىشقىچە، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىمىزگە ئىگە بولغان ياسىمىچىلىق ئاساسىنى بەرپا قىلدۇق».

باش شۇجى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇلارنى ئويلىسام، ھەقىقەتەن چەكسىز پەخىرلىنىمەن. قاتناشنى ئېلىپ ئېيتساق، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى يەرشارى بويىچە ئەڭ كۆپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى ئەڭ ياخشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسىمۇ ئەڭ ئۇزۇن، گاۋتيې سىرتقا چىقىرىلدى، شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىمۇ سىرتقا چىقىرىلدى، پاراخوتلارمۇ سىرتقا چىقىرىلدى، چوڭ ئايروپىلاننىمۇ ياساپ چىقتۇق، كېمىسازلىق كەسپىدىكى <ئۈچ چوڭ مەرۋايىت>نىڭ ھەممىسىنى ياساپ چىقتۇق... ھەممىسىدە قەدەممۇقەدەم ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىز ئۆزى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردۇق، ئاندىن خەلقئارادا ئالدىدا ماڭدۇق ھەم ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق».

«بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى دەل ھۈنەرۋەنلەر. چېرتيوژ ياخشى لايىھەلەنسىلا بولمايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كەپشەرچىنىڭ قولىدا ئەمەلىيلىشىشى كېرەك، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيە بولمىسا، ئەڭ ياخشى جابدۇقنى ياساپ چىققىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز كەسپىي مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ھۈنەرۋەن روھىنى تىكلەپ، بىرىنچى سەپتىكى چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇ بىر تۈۋرۈك، يېتەرلىك قابىلىيەت بولمىسا ئىشنى پۇختا قىلغىلى بولمايدۇ.» باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزى پۈتۈن مەيداندىكىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

ھۈنەرۋەنلەرنى ھۆرمەتلەش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ «ھۈنەرۋەن روھى»نى ئالاھىدە مۇھىم بىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتە خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلدۇق، لېكىن بۇ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، ئۇلارغا سىياسىي جەھەتتە، جەمئىيەتتە مۇۋاپىق ئورۇن ۋە ئىش ھەققى تەمىناتى بېرىپ، مۇناسىپ رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشىمىز كېرەك».

2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەرگە قايتۇرغان جاۋاب خېتى نەنجىڭ شەھەرلىك مۇزېي باش سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل سۇڭ يەننى ھازىرغىچە چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە. سۆز قىلغاندا، ئۇ نەنجىڭ شەھىرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي خىزمەتچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەت كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ھېكايىسىنى بايان قىلدى.

«نەنجىڭدىكى مۇزېيلارنىڭ خېلى كۆرگۈچىلىكى بار، ئالتە سۇلالىنىڭ قەدىمىي پايتەختى، يەنە كەينىدىكى مىڭ سۇلالىسى دەۋرى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ. مۇزېي ناھايىتى مۇھىم، مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا مۇزېيغا بېرىشنى ياخشى كۆرەتتىم، كىچىك ۋاقتىمدا بېيجىڭدىكى مۇزېيلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك بېرىپ كۆرۈپ باققان» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ھالدا سۇڭ يەنگە.

ئۇزاققا سوزۇلغان مەدەنىيەت تومۇرىغا بىر مىللەتنىڭ روھى مۇجەسسەملەنگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجان بىلەن كەڭ ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپرەك مۇزېي بىلەن چوڭقۇر ئۇچرىشىپ، تارىخ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى. «مۇزېي ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇزېي قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇزېينىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك».

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئىشى.

سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىدىن كەلگەن ئەزا شيا شيەنپېڭ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ غايەت زور بازار ئەۋزەللىكىنى پۇختا تىرەك قىلىپ، ئىككى قىرغاق يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى ئەمەلىي تەدبىرلەرنى سىياسەت مەدىتى قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى قىرغاق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىدا ئۇچقاندەك تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئەزا تيەن خۇڭچى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىككى قىرغاق يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى، ئارال ئىچى - سىرتىدىكى ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلىشىپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئىللىق باھارغا جور بولۇپ، ھەممە شەيئى يېڭى تۈسكە كىردى.

يېڭى مۇساپىگە نەزەر سالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ: «ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، پارتىيەلىك كادىرلار ئالدى بىلەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك. بارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت