شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى تېز سۈرئەتلىك يولدا سۈرئەتنى يەنە تېزلەتتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكە ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولۇپ، تېز تەرەققىي قىلىش ئالتۇن مەزگىلىگە قەدەم قويدى.

بۇ يىل، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى بۇلتۇرقى سىجىل ياخشى بولۇشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى قانداق داۋاملاشتۇرىدۇ؟ قانداق قىلىپ ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق زورايتىدۇ؟ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى بۇ قارالمىلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلىپ، تاشقى سودىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاقىل تاموژنا بەرپا قىلىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شىنجاڭدا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 18 پورت بار بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى قۇرۇقلۇق پورتى ئەڭ كۆپ ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ. بۇ پورتلار دۆلىتىمىزنىڭ ئاسىيا ـ ياۋروپاغا يۈزلەنگەن «ئالتۇن يولى»نى بەرپا قىلدى.

2023 ـ يىلى، شىنجاڭ پورت قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، پورتلارنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىمپورت ـ ئېكسپورت بويىچە يۈك توشۇش مىقدارى 74 مىليون 707 مىڭ توننا بولۇپ، 2022 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8.6 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

«پورتقا تايىنىپ تەرەققىي قىلىش بىزنىڭ ئورتاق تونۇشىمىز.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بايىنكىشىگ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ تەرەققىياتى پورتلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

2023 ـ يىلى، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مال 26 مىليون 67 مىڭ توننا بولۇپ، 2022 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.8 ئاشتى. پورتنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئالاتاۋدىن قازاقىستانغىچە بولغان تۆمۈريول ـ تاشيولنىڭ ھازىرقى تىرانسپورت شارائىتى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى، پورتنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇشتەك كەمتۈكلۈك بارغانسېرى گەۋدىلەندى.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، بايىنكىشىگ ئالاتاۋدىن قازاقىستاننىڭ دوستېكقىچە بولغان تۆمۈريول ـ تاشيولنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئېلىپ كەلدى.

«ئالاتاۋ ـ دوستېك كەڭ ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈريول قوش لىنىيەسى، ئالاتاۋ ـ ئالاكۆل تاشيول تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، تاموژنىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش تەكلىپىنى بېرىمەن» دېدى بايىنكىشىگ.

ئاقىل تاموژنا قۇرۇش جەھەتتە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق ئالاتاۋ تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى لەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

«بۇلتۇر، تاموژنىمىز تەرتىپنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، مەيداننى تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى قوللىنىشنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تاشيول پورتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى» دېدى لى لەن.

بولۇپمۇ «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، تاموژنىدىن يۆتكەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ پورتتا توختاش ۋاقتى ئۈچ كۈندىن ئالتە سائەتكە قىسقارتىلدى. بۇ ئەندىزە ئاپتونوم رايوننىڭ «ئاقىل پورت» ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ يولغا قويۇلدى.

بۇ يىل، ئۈرۈمچى تاموژنىسى شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پورتلارنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «تاشيول پورتى+ تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى قورغاس قاتارلىق تاشيول پورتلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆرنەك قىلىپ كېڭەيتىشكە تېز تۈرتكە بولىدۇ. قونجىراپ پورتىنىڭ يىل بويى ئېچىۋېتىلىشىگە مەدەت بېرىدۇ، بەدەل پورتىنىڭ 2024 ـ يىلى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت سىرتىدىكى ئىسكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پىششىقلاش سودىسىدا سۈپەتنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، ئارىلىق مەھسۇلات سودىسى، يېشىل سودا قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.

بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋەكىللىكىدىكى تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى شىنجاڭدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. 2023 ـ يىلى، ئالاتاۋ پورتىدىن ئېكسپورت قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تاۋارلىرىنىڭ مىقدارى مۇقىم ئېشىپ، تۈرى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، جەمئىي 27 مىليون 929 مىڭ پوسۇلكا ئېكسپورت قىلىنىپ، 3 مىليارد 2 مىليون يۈەن سودا سوممىسى تاماملىنىپ، 2022 ـ يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.9 ئېشىپ، كىيىم ـ كېچەك، ئاياغ ـ باش كىيىم، ئۆي جاھازلىرى بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار قاتارلىق كۆپ ساھەنى قاپلىدى.

«بۇ يىل ئېلېكتىرونلۇق سودا باش كارخانىلىرىنىڭ پورتتا چېگرا ئىسكىلاتى، ئۆتەڭ ئىسكىلاتى تەسىس قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىشىگە پائال مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئىككى بازارنى ياخشى ئېچىپ، ئالاتاۋ كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى، جىڭ خەلقئارا تاشيول ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى باغچىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان دۆلەت مۇھىم ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، تەۋەلىك بويىچە ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودا سوممىسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى بايىنكىشىگ.

ئارىلىق مەھسۇلات − ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا باشقا تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى خام ئەشيا، زاپچاس، يېرىم تەييار مەھسۇلات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئارىلىق مەھسۇلات يەرشارىۋى كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىنىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئارىلىق مەھسۇلات سودىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئېكسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قازغىلى بولىدۇ.

ئارىلىق مەھسۇلات سودىسىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق قارىدى: قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تاشقى سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كارخانىلىرى، باجدىن خالىي رېمونتچىلىق قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنى يەنىمۇ يېتىلدۈرۈپ، قىرغاقتىن ئايرىلغان سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە، ئىمپورت قىلىنغان بايلىقنى شۇ جايدا پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدۇ.

«بۇلتۇر، قەشقەرنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدا ئۈچ <يېڭى> نامايان بولدى − تەرەققىياتتا يېڭى دولقۇن كۆتۈرۈلدى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، تەرەققىيات يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى» دېدى ئەنۋەر تۇرسۇن.

2023 ـ يىلى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 80 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈپ ئۆتۈپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %71.2كە يەتتى. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2022 ـ يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.3 ئېشىپ، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى تەدرىجىي گەۋدىلەندى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ سودا سوممىسى مەملىكەت بويىچە 49 ـ ئورۇندىن 27 ـ ئورۇنغا ئۆتۈپ، 1 ـ پەلەمپەيسىمان سەپ قاتارىغا كىردى.

ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنى 65 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق.

كەڭ دائىرىدە دوست تۇتۇپ، رايون ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش

«كارخانىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك بازار ئېچىشىنى قوللاش» «ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى پائال كېڭەيتىش» «ئىمپورت كۆرگەزمىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى، رەقەملىك سودا كۆرگەزمىسى قاتارلىق مۇھىم كۆرگەزمە ـ يەرمەنكىلەرنى ياخشى ئۆتكۈزۈش»... ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى بۇ مەزمۇنلار تېخىمۇ كۆپ كارخانىغا تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ يەنە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خەلقئارالىق كۆرگەزمە سۇپىسى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنى سىرتقا چىقىشقا يېتەكلەپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەندە، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى تاۋار، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ تېز ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىككى بازار گىرەلەشكەن رايونغا ئايلانماقتا. بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كۆپەيدى، تۈرلۈك ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ زىيارەتكە چىقىشى زىچ بولدى، 390 تۈركۈمدە زىيارەتكە كەلگەن 4300دىن ئارتۇق خەلقئارالىق دوستنى كۈتۈۋالدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ «تولۇقلىغۇچىسى»غا ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان رايون ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

2023 ـ يىلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى 2023 ـ يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو ـ قازاقىستان ئەنئەنىۋى تېببىي دورا خەلقئارا ھەمكارلىقى قورغاس باشلىقلار مۇنبىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول» مەكتەپ بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىش باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق 16 مەيدان قېتىم يۈرۈشلۈك پائالىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا، كارخانىلار ئارا كۆپ قاتلاملىق ئۆزئارا زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە، سودا، سانائەت قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى ئېرشات تۇرسۇنباي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل «نەشر ھوقۇقى سودا مەركىزى» قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، قورغاس خەلقئارا كىنو بايرىمى، مۇزىكا ـ ئۇسسۇل، مەدەنىيەت ـ سەنئەت، ساياھەت مۇنبىرى كۆرگەزمە ـ يەرمەنكىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق. «قورغاس خەلقئارا تاۋار يەرمەنكىسى» داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە ـ يەرمەنكىلەر بىلەن پائال ھەمتۈرتكە بولۇپ، «مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان» قورغاس خەلقئارا تاۋار يەرمەنكىسىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك، دائىملىق ئۆتكۈزىمىز.

«بۇلتۇر بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش، سىرتقا چىقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بىللە باغچە رايونىنى ئورتاق قۇرۇش، كەسىپ ھەمكارلىقى، دوستانە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، سودا ئالاقىسى قاتارلىق ئون نەچچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق» دېدى ئەنۋەر تۇرسۇن.

2023 ـ يىلى، قەشقەر ۋىلايىتى ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، توققۇز ئىقتىساد ـ سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقىشقا تەشكىللەپ، جەمئىي 79 تاشقى سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى، قەشقەر بىلەن سودا ئالاقىسىنى قانات يايدۇرغان دۆلەت ۋە رايونلار كېڭىيىپ 136گە يەتتى.

ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل داۋاملىق تۈردە ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، تاشقى جەھەتتە كىرگۈزۈشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت