شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغىرىمىز
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەزا مۇيەسسەر توختى سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغىرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

«مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئېنىقكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان بۆسۈش ئېغىزىنىڭ بىرى.» 3 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 ـ يىغىنى 3 ـ ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى مۇيەسسەر توختى يىغىندا «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغىرىمىز» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

تاغ ـ دەريالار مەدەنىيەت بولغاچقا مول مەزمۇنغا تولدى، مەدەنىيەت تاغ ـ دەريالار بولغاچقا چوڭقۇر مەناغا ئىگە بولدى. «ئارزۇدىكىدەك جاي»دا ئېيتىلغاندەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قانداق كۈچ قوشۇش كېرەك؟ ئەزا مۇيەسسەر توختى چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزدى.

«مول مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ۋە ئاساس.» شىنجاڭدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان نۇرغۇن بايلىق بار، يارغول قەدىمىي شەھىرى، بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى، قىزىلقاغا تۇرى قاتارلىق تارىخىي خارابىلەر ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئون ئىككى مۇقام سەنئىتى، قازاق مىللىتىنىڭ ئايتىس سەنئىتى، قىرغىز مىللىتىنىڭ ئېپوسى «ماناس»، موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئويراتلار ئېپوسى «جاڭغىر» قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەسەرلىرى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈۋاتقانلىقى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇۋاتقانلىقى، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى نامايان قىلدى.

مۇيەسسەر توختى مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «كۆپەيتكۈچى ئۈنۈمى»نى زورايتىشتا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا ئائىت تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇم، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئاستا ـ ئاستا، ئۈن ـ تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا تەربىيەگە ئىگە قىلغىلى، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرغىلى، ئېجىل ئۆتۈش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىناق تەرەققىي قىلىش داۋامىدا سىرداش، قەلبداش قىلىش زۆرۈر.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. «ساياھەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە» دېدى مۇيەسسەر توختى.

2023 ـ يىلى، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپى ئىزچىل جانلاندى، كۈچلۈك ئۆرلىدى، 265 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى، بۇ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

«مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى يۈكلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قېرىنداش ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كىشىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ سەيلە ـ ساياھەت قىلىش، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، قويۇق، چوڭقۇر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا قېرىنداشلىق مېھرىنى يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك.» مۇيەسسەر توختى مۇنداق تەكلىپ بەردى: شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارلىق ئۆزگىچە تۈرلىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا تەشكىللەپ، دوستانە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىش زۆرۈر.

«مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىسىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنى بېيىتىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ، بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزدىكى مەدەنىيەت تومۇرى». مۇيەسسەر توختى مۇنداق تەكلىپ بەردى: شىنجاڭدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسىنى قېزىپ، رەتلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەھرىلىنىۋاتقان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئوبرازىنى تارىخىي مەدەنىيەت تەشۋىق ـ تەربىيەسى، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شەھەر بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت قۇرۇلۇشى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، قوش يۆنىلىشلىك، كۆپ ئۆلچەملىك يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەربىر مەيدان مەدەنىيەت ـ سەنئەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، ھەربىر مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئېسىل لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ ئېسىل سەھىپىسىنى پۈتۈپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ماركىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغاردى.

پەن ـ تېخنىكا بىلەن تاراتقۇنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇغۇرما تاراتقۇ سېپى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قىياپىتىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىش ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى. مۇيەسسەر توختى مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئانار بۇلۇت» تارقىتىش سېپىگە تايىنىپ، مۇزىكا، كىنو قاتارلىقلار ئارقىلىق تەسۋىرىي نامايان قىلىشنى بېيىتىپ، تاشقى دۇنياغا شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئۈن ـ تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش زۆرۈر.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت