شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«ئارزۇدىكىدەك جاي»دا شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيلى
يوللانغان ۋاقىت :2024-03-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□جاڭ بېي

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەممىلا جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشتا مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى مۇقەررەركى <ھەر تەرەپلىمە سىڭىشىش>كە تۈرتكە بولۇشتىكى بۆسۈش ئېغىزلىرىنىڭ بىرى.» 3 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 ـ يىغىنى 3 ـ ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى مۇيەسسەر توختىنىڭ سۆزى كىشىلەرنىڭ قىزغىن دىققەت قىلىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن نامنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە بارغانسېرى جۇلالىنىشىغا ئەگىشىپ، بىر ئورتاق تونۇشمۇ بارغانسېرى روشەنلەشتى − شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىشى، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

2023 ـ يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 265 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %117 ئاشتى، تارىختىكى يېڭى، يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان بۇ بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات شىنجاڭنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويغانلىقىنىڭ بىۋاسىتە ئىنكاسى بولۇپلا قالماي، يەنە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ھېكايىلەرنىڭ ئۈن ـ تىنسىز بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ ھەممىلا جايدا پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. گۈزەل شىنجاڭنىڭ تاغ ـ دەريالىرى بىپايان، كىشىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خۇشاللىق بېغىشلايدىغان ساياھەت سەپىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە گىرەلىشىش ۋە يۇغۇرۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شىنجاڭ ياخشى ھېكايىلىرىنى بايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ كەڭ مەيدان ۋە جانلىق مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئەگەر ئىلگىرىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆزنىكى ئاچتى دېيىلسە، ئۇنداقتا ھازىرقى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن ۋاقىت بۆلىكىلىك «بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، نەچچە يۈز مىليون ساياھەتچىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك گۇۋاھ بولۇشىدا، شىنجاڭنىڭ گۈزەل، رەڭدار تەبىئىي مەنزىرىسى، كۆپ مەنبە مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت جەلپكارلىقى، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قىياپىتى ھەقىقىي ھەم چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن نامايان قىلىنماقتا.

ساياھەت كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش جەريانى، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم يول. شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقا. قاتتىق شىۋىرغان سەۋەبىدىن قاناس، قۇمقاناس مەنزىرە رايونىدا تۇرۇپ قالغان 1000دىن ئارتۇق ساياھەتچى قىيىنچىلىق ئىچىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە ئېرىشتى، ئۇلار بىخەتەر چېكىنگەندە «شىنجاڭ، بىز چوقۇم يەنە كېلىمىز» دەپ چوڭقۇر ھېسسىياتىنى بىلدۈردى؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، نارات ئوتلىقىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ساياھەتچىلەرنىڭ قېپقېلىپ ئىجادكارلارغا ئايلانغانلىقىدەك ھېكايىلەر ئاز ئەمەس، ئۇلار شىنجاڭ ھېكايىسىنى «ئاڭلىغۇچى»لاردىن «بايان قىلغۇچى»لارغا ئايلاندى... ساياھەت سەپىرىدىكى بۇنداق ھېكايىلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، «ئارزۇدىكىدەك جاي»نى ئىزدەشتىكى ھەربىر مۇساپىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ساياھەتچى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بۇ مۇنبەت تۇپراققا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ھەر مىللەت خەلق ئورتاق پۈتۈپ چىققان چوڭقۇر تارىخنى چۈشەندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى ھېس قىلدى، بۇ چاغدا «ئارزۇدىكىدەك جاي» ئەمدى يىراق تۇيۇلمايدىغان بولدى، شۇنداقلا كۆرۈپ قانمايدىغان گۈزەل مەنزىرىلەر قەلبلەردە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى.

ھەممە جانلىق ئويغىنىپ باھار گۈلدۈرمامىسى ياڭرىدى، تۇرپاندا ئۆرۈكلەر چېچەكلەش ئالدىدا تۇرماقتا، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى «باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدىكى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە» داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلارنىڭ سىيماسى بىلەن تولدى، ئالتايدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا ساياھەتچىلەر يەنىلا مەردانە پەرۋاز قىلماقتا... شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولماقتا. تاغ ـ دەريالىرى گۈزەل، مەدەنىيلىك توپلانغان شىنجاڭ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، «پوتېنسىيال ئېنېرگىيەنى ئايلاندۇرۇش»نى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتىكى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى گۈللىنىۋاتقان كەسىپكە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان كەسىپكە، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق ـ مۇقىم، ئىناق ـ بەختلىك، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىكى چولپان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ تۈپ، ئەڭ چوڭقۇر قىممەت ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت